دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئەھۋالى
دۇنيا لوڭقىسى ئۈچىنچىلىك مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە بىرازىلىيەنى يەڭدى.
127518
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە بىلەن گوللاندىيە ئارىسىدا تۈنۈگۈن پايتەخت بىراسىلىيادىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينالغان 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچىلىكىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گوللاندىيە بىرازىلىيەنى 0گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى 22:00دە ماراكانا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئارگېنتىنا بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ت ر ت 1 -تېلېۋىزىيە قانىلىدا نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىلىتىدۇ.