دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئەھۋالى

دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىلىرى 28 – ئىيۇن باشلىنىدۇ.

107888
دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئەھۋالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2014– يىللىق دۇنيا لوڭقىسى E گۇرۇپپىسىدا 25 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردىن كېيىن، فىرانسىيە بىلەن شىۋېيتسارىيە ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
فىرانسىيە F گۇرۇپپىدا ئىككىنچى بولغان نىگېرىيە بىلەن؛ شىۋېيتسارىيە بولسا، F گۇرۇپپىدىكى بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ئارگېنتىنا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىلىرى بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشقاندا بېرىلىدىغان بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن، يەنى 28 – ئىيۇن باشلىنىپ 1 – ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ. مۇسابىقە ئەھۋالى TRT 1، TRT Spor ۋە TRT HD قاناللىرىدا تارقىتىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر