ھىدرولىك (سۇ ئېلېكتىر) ئېنېرگىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى
ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «ھىدرولىك (سۇ ئېلېكتىر) ئېنېرگىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!
2129220
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە 2023-يىلى توك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %36.3نى كۆمۈردىن، %21.4نى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەبىئىي گازدىن، %10.4ىنى شامالدىن، %5.7ىنى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن، %3.4ىنى يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى مەنبەلىرىدىن ھاسىل قىلدى. تۈركىيە ئومۇمىي توكىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى، باشقىچە ئېيتقاندا 32400 مېگاۋاتلىق قىسمىنى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىدۇ.