مەۋلانا جالالىدىن رۇمى

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، ئانادولۇدا ياشاپ ئۆتكەن، پىكىرلىرى دەۋرىدىن ھالقىپ كەتكەن دىنىي ئالىم مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2121499
مەۋلانا جالالىدىن رۇمى

مەۋلانا جالالىدىن رۇمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەۋلانا جالالىدىن رۇمى 1207-يىلى 30-سېنتەبىر بەلخنىڭ خوراسان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. مەۋلانا «مەسنەۋى»سىنىڭ كىرىش سۆزىدە ئىسمىنى مۇھەممەد بىن ھۈسەيىن ئەلبەلخى دەپ يازغان بولۇپ، فامىلىسى جالالىدىندۇر. «خوجايىنىمىز» مەنىسىدىكى «مەۋلانا» ئۇنۋانى ئۇنى ئۇلۇغلاش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەن. «سۇلتان» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان پارسچە «خۇداۋەندىگار» دېگەن نام بولسا، ئۇنىڭغا دادىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۇغۇلغان يېرى كۆزدە تۇتۇلۇپ «بەلخى» دەپ ئاتالغىنىدەك، ھاياتىنى ئانادولۇدا ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، «رۇمى»، «مەۋلانائى رۇمى»، «مەۋلانائى رۇم» دېگەندەك تەخەللۇسلار بىلەنمۇ خاتىرىلەنمەكتە.

ئەسەرلىرىدە بەرگەن بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن باشقا، مەۋلانا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئاساسەن ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان ۋەلەدنىڭ «ئىبادەتنامە»سى، مۇرتلىرىدىن فەرىدۇنى سىپەھسارىنىڭ رىسالىسى ۋە نەۋرىسى ئۇلۇ ئارىف چەلەبىنىڭ مۇرىتى ئەھمەد ئەفلاكىنىڭ «مەناقىبۇل ئارىفىن» ناملىق ئەسىرىنى مەنبە قىلىدۇ. «ئىبادەتنامە»دىكى ئۇچۇرلار بىرىنچى قول ئۇچۇرلار بولۇپ، قىسقا ۋە ئىخچامدۇر.

مەۋلانانىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئەجدادى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. «رىسائەئى سىپەھسالار»دا مەۋلانانىڭ دادىسى باھائىددىن ۋەلەدنىڭ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ نەسەبىدىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ ۋە ھەزرىتى ئەبۇ بەكىرگىچە تۇتىشىدىغان نەسابنامىسىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئەفلاكى ۋ ەئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇئەللىپلەردىن ئابدۇراھمان جامى بىلەن دەۋلەتشاھمۇ ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەبۇ بەكرنىڭ نەسەبىدىن ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ.

بەلختە شەھەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولغان دادىسى باھائىددىن ۋەلەدنىڭ «سىياسىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى» توغرىسىدا مىش-مىش پاراڭلار تارقالغان ۋە بۇ سۆزلەر سۇلتاننىڭ قۇلىقىغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، سۇلتان باھائىددىن ۋەلەدنىڭ شەھەردىن كۆچۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، باھائىددىن ۋەلەدنىڭ ئۆزى دۆلەتتىن سۈرگۈن قىلىنىش قارارىغا ئىشارەت قىلماستىنلا، بەلخ خەلقى ئۆزىنى رەنجىدە قىلغاچقا، ئالغان مەنىۋى ئىشارەتكە ئاساسەن، ھىجازغا كېتىش ئۈچۈن، شەھەردىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ يولدىكى مەزگىلدە بەلخنىڭ موڭغۇللارنىڭ تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئەسكەتكەن. بۇ ئۇچۇر باھائىدىن ۋەلەدنىڭ 1221-يىلى كونياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەۋلانا بالىلىق دەۋرىدە دادىسى بىلەن باشلىغان مائارىپىنى ھەلەپ ۋە دەمەشقتە داۋاملاشتۇرغان. ئۇ تۇنجى سوپى تەلىم-تەربىيەسىنىمۇ دادىسىدىن ئالغان. مەۋلانا يىتۈك ئالىم، سوپى ۋە شائىردۇر. كېيىن، ئۇنىڭ مەۋلانا سەييىد بۇرھانىددىنغا توققۇز يىل خىزمەت قىلغانلىقى، قەلىبلىرى مەنىۋى دۇنيادا بىرلىككە كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سۆزدە، ماھىيەتتە ۋە سىردا بىرلەشكەنلىكى، بۇرھانىدىن دۇنيادىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەۋلانانىڭ يالغۇز قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئاللاھقا يۈزلىنىپ، يالۋۇرۇپ-يېلىنىپ، دەرد تارتىپ بەش يىل رىيازەت چەككەنلىكى، سان-ساناقسىز كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنلىكى، بۇ جەرياندا ئىرشاد (يول كۆرسىتىش) ئىشلىرىنىمۇ تاشلاپ قويماي، ئاۋامغا ۋەز ئېيتىشنى، رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى مۇرىتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى مەلۇم. مەۋلانانىڭ مۇرتلىرى (ئەگەشكۈچىلىرى) كۆپىنچە ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئىدى؛ ھەرخىل ھۈنەر-سەنئەت ۋە كەسىپتىكى كىشىلەر ساما يىغىلىشلىرىغا قاتنىشاتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ يەنە شۇ دەۋرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئەمما، مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ئادەتتە بۇ مۇناسىۋەتنى نەسىھەت دائىرىسىدە ساقلاپ، ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە رىقابەتنى ئاساس قىلغان سىياسىي كۈرەشكە ئارىلاشماسلىققا ئەھمىيەت بەرگەنىدى.

شەمسىى تەبرىزى بىلەن ئۇچرىشىشى مەۋلانانىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ. مەۋلانا شەمسى تەبرىزى كونياغا كەلگەندىن كېيىن، ۋەز-نەسىھەتلىرىنى، مەدرىسلەردە دەرس ئۆتۈشنى ۋە مۇرتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى. ئىلاھىي ئىشىق ۋە ۋەجدى تەرەننۇم نامايان قىلغان ھەقىقىي مەۋلانا بۇ دەۋردە دۇنياغا كەلدى؛ ئىلگىرىكى چاغلاردا ئىشقى تەقۋالىقىغا يوشۇرۇنغان بولسا، ئەمدىلىكتە تەقۋالىقى ئىشقىغا يوشۇرۇندى. دۇنيا شېئىرلىرىنىڭ يۈكسەك پەللىلىرىدىكى بەزى شېئىرلىرى بىلەن دىۋانى قەبىر شېئىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بۇ دەۋردە يازدى؛ دىۋانى قەبىر پۈتكەندىن كېيىنكى سۈكۈنات دەۋرىدە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولغان «مەسنەۋى» دۇنياغا كەلدى. مەۋلانانىڭ قارىشىچە، گەرچە كۆرۈنۈشتە ئايرىلىشتەك قىلسىمۇ، ئەمما مەۋجۇتلۇقتا بىرلىك ئاساستۇر؛ ئىمان-كۇپۇر، ياخشىلىق-يامانلىق قاتارلىق پەرقلەر بىزگە نىسبەتەن شۇنداق، ئەمما ئاللاھقا نىسبەتەن ھەممىسى ئوخشاشتۇر. يامانلىق ياخشىلىقتىن ئايرىلمايدۇ، يامانلىق بولماي تۇرۇپ، يامانلىقتىن ۋاز كېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا، كۇپۇرلۇق بولماي تۇرۇپ دىن بولمايدۇ؛ چۈنكى دىن كۇپۇرلۇقتىن ۋاز كېچىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ياراتقۇچىسى بىردۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە،  ياخشىلىقتىن قۇتۇلۇش قۇلنىڭ ئۆزىنى مەۋجۇتلۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىرلىك قۇلنىڭ ئۆزىنىڭ نىسپىي مەۋجۇتلۇقىدىن ئۆتۈشىدۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئىككى «مەن» يوق. بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۇ: «سەن «مەن» دېسەڭ، ئۇمۇ  «مەن» دەيدۇ. يا سەن ئۆلسەڭ ياكى ئۇ ئۆلسە، بۇ ئىككىلىك قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشى مۇمكىن بولمىغاچقا، ئۆلۈش سېنىڭ ئىشىڭدۇر» دەپ، سوپىزمنىڭ نىشانى بولغان «ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۆلۈش» پىرىنسىپىنى تەكىتلەيدۇ. مەۋلانانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، قۇل <مەنلىكى>دىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق ھەقىقىي ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى <مەنلىكى>دىن قۇتۇلۇپ، مۇتلەق مەۋجۇتلۇققا ئېرىشكەن ئادەمنىڭ ئىرادىسى، مەۋجۇتلۇقىغا ئوخشاشلا، ئاللاھتا پانى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە تاللىشى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە تاللىشىدۇر. بۇ مەرتىبەدە قۇل جەبر ھەققىدىمۇ، تاللاش ھەققىدىمۇ ئېغىز ئاچالايدۇ. ئەمما، <مەنلىكى> دىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، قىلغانلىرىنى ئاللاھقا باغلاش ياكى نىسبەت بېرىش يالغانچىلىقتۇر.

پەقەت ئەقىلگىلا ئەھمىيەت بەرگەنلىكلىرى ئۈچۈن، پەيلاسوپلار بىلەن ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كالامچىلارنى <كەمتۈك> دەپ قارىغان مەۋلانا، قىياسلار بىلەن يەكۈننىڭ ئىنساننى خاتالاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ئىشلىرىدا پايدىلىق بولغان ئەقىلدە، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلاھىي ھەقىقەتلەرگە ۋە خۇداغا يېتىشكە توسالغۇ بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. مەنىۋى سەپەر ئۈچۈن ئىلاھىي ئىشىق (سۆيگۈ) شەرت. ئەقىل يېتەرلىك بولمىغان تەرەپلەرنىڭ بىرى ئىشىق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئەھۋاللاردۇر. قۇرئاندا «ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنى سۆيىدۇ» دېيىلىدۇ. دېمەك، مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى ئىلاھىيدۇر.

ئوغلى سۇلتان ۋەلەد مەۋلانانىڭ 1273-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، دەپنە مۇراسىمىغا ھەر خىل دىن ۋە مەزھەپلەرگە مەنسۇپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرى ۋە سىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى؛ خىرىستىيانلارنىڭ بولسا، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئىساسى، يەھۇدىيلار بولسا، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مۇساسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى ئۇ جىنازىسى بېشىدا يىغلاپ، ئاھۇ-پەرياد قىلماسلىقنى ۋەسىيەت قىلغان ھەمدە ۋاپات بولغان كۈنىنى «جەم بولۇش (ۋۇسلات)» كۈنى دەپ ئاتىغاچقا، ۋاپات بولغان كۈنى توي كېچىسى دېگەن مەنىدە «شەبى ئەرۇس» ئاتالغان بولۇپ، ۋاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنلىرىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

مەۋلانانىڭ ئۆي-پىكىرلىرى ھەققىدە شەرق ۋە غەربتە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. مەسنەۋى سۇپىزم تەپەككۇرىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبەلەر:

1. Âsaf Hâlet Çelebi. (1940). Mevlâna Hayatı-Şahsiyeti. İstanbul 

2. https://islamansiklopedisi.org.tr/mevlana-celaleddin-i-rumi 3.

3. Mevlânâ. (1988). Mesnevî (trc. Veled İzbudak), İstanbul.

4. Sultan Veled. (1976). İbtidânâme (trc. Abdülbâki Gölpınarlı). Ankara.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر