ئەۋلىيا چەلەبى ۋە ئۇنىڭ كاتتا ئەسىرى «ساياھەتنامە»

تۆۋەندە ئەۋلىيا چەلەبى ۋە ئۇنىڭ قىرىق يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بويىچە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى زېمىنلىرىنى ساياھەت قىلىپ يېزىپ چىققان تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز كاتتا ئەسىرى «ساياھەتنامە» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2112229
ئەۋلىيا چەلەبى ۋە ئۇنىڭ كاتتا ئەسىرى «ساياھەتنامە»

ئەۋلىيا چەلەبى ۋە ئۇنىڭ كاتتا ئەسىرى «ساياھەتنامە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساياھەتنامە» ناملىق ئەسىرىدە ئىشلەتكەن ئىسمى بىلەن تونۇلغان ئەۋلىيا چەلەبى 1611-يىلى 25-مارت ئىستانبۇلنىڭ ئۇنكاپان رايونىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ھەقىقىي ئىسمى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ دادىسى ئوردا زەردارلىرى باشلىقى دەرۋىش مەھمەت زىللى ئەپەندى؛ ئانىسى ئابخازىيەلىك بولۇپ، بىرىنچى ئەھمەد دەۋرىدە ئوردىغا ئېلىپ كېلىنىپ، چەلەبىنىڭ دادىسىغا ئۆيلەندۈرۈلگەن. بوۋىلىرىدىن ياۋۇز ئۆزبەك فاتىھنىڭ بايراقدارى بولغان. چەلەبى ئۈچ بىر تۇغقان بولۇپ، بىر ئوغۇل، بىر قىز قېرىندىشى بار ئىدى. چۈشىدىن ئىلھام ئېلىپ سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن چەلەبى، ئوسمانلى دەۋرىنىڭ تەخمىنەن 45 يىللىق كۈندىلىك تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان 10 توملۇق شاھانە ئەسىرى «ساياھەتنامە»نى يېزىپ چىققان.

كىچىكىدىن تارتىپلا ئوردىدا بىلىم ئالغان چەلەبى، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالىملىرى بىلەن كۆرۈشۈش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيەسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئاۋازى گۈزەل بولغاچقا، ئوردىدا مۇزىكا دەرسىمۇ ئالغان. ئۇ ئوردىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي، پىشىپ يېتىلگەنلىكى بىلەن داڭق چىقارغان. IV. مۇرات غەزەپلەنگەن چاغلىرىدا، ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ، سۆز-سۆھبەتلىرىنى ئاڭلىغان.

دەسلىپىدە ئىستانبۇل ئىچىنى ساياھەت قىلغان چەلەبى، 1640-يىلى ئاتىسىنىڭ رۇخسىتىسىزلا بۇرساغا بارغان؛ ئۇنىڭ بۇرسادا باشلىغان ساياھىتى شۇنىڭدىن كېيىنكى 44-45 يىل بويىچە ئۇدا داۋام قىلغان بولۇپ، ئوسمانلى تەۋەلىكىنى — تەبىرى خاتا بولمىسا— چالا قويماي ئايلىنىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان، ئاندىن ئۇلارنى قايتا رەتلەپ، توم-توم ھالەتتە كىتابلاشتۇرغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىستانبۇلدىن باشلانغان سەپىرى ئانادولۇ، رۇمئەلى، كاۋكاز، ئوتتۇرا شەرق، ئەرەب يېرىم ئارىلى، شەرقىي ياۋروپا، قارا دېڭىز ئەتراپى، مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نىل دەرياسى قىرغاقلىرى، سۇدان ۋە ھەبەشىستان (ھازىرقى ئېفىيوپىيە)غىچە داۋاملاشقان. بىز بىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىش شۇكى، ئۇ مىسىردا ئون يىل ئەتراپىدا تۇرغان. گەرچە ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئەسىرىدىن ئۇنىڭ 1684-يىلى ئىستانبۇلدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەۋلىيا چەلەبى ئەزەلدىن توي قىلمىغان. ئەسىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئۇ ئات مىنىش، نەيزە ئوينىتىشقا ماھىر، ناھايىتى چاققان، ئاكتىپ ،جەزبىدار، خۇشچاقچاق، زېرەك ئادەم بولۇپ، كىشىلەر بىلەن ئەپلىشىپ ئۆتىدىكەن، قاتناشقان سورۇنلاردا كىشىلەرنى سۆزلىرىگە جەلپ قىلالايدىكەن.

دۆلەت ئەربابلىرى ئىچىدە نۇرغۇن تونۇشلىرى بولسىمۇ، ھاياتىنى ساياھەتكە بېغىشلىغان ئەۋلىيا چەلەبى، كىرىم قىلىپ ساياھەتلىرىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، پات-پات پوچتىكەشلىك، كەنتلەرنى رەتكە سېلىش ۋە باج يىغىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بەزىدە ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەلچىلەر توپىغا قېتىلىش ئارقىلىق سەپەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. ئائىلىسىنىڭ باي بولۇشى، ئۇنىڭ ئۇزۇن سەپەرلىرىگە كېتىدىغان مەبلەغكە ئېرىشىشىگە قولايلىق ياراتقان. چۈنكى، ساياھىتى جەريانىدا قۇللىرى، خىزمەتچىلىرى ياكى دوستلىرى بىلەن بىللە بولاتتى. قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپاتلار، يۈرۈشلەردە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن غەنىيمەتلەر ۋە سودا-سېتىقتىن ئالغان پايدىسىمۇ ئۇنى يېڭى كىرىملەر بىلەن تەمىنلىگەن. بەزى ساياھەتلىرىدە، بىرلىكتە ماڭغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئارتۇقچە چىقىمى بولمىغان. دوستى مەلەك (پەرىشتە) ئەھمەد پاشا ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ ساياھەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان؛ ئۇ بوسنىيە، رۇمئەلى، ۋان ۋە دىيارباكىر ۋىلايەتلىرىدىكى بەگلەر بېگىلىك مەزگىلىدە ئۇنى يېنىدىن ئايرىمىغان، ئانادولۇ ۋە رۇمئەلىدىكى نۇرغۇن جايلارنى ئۇنىڭ سايسىدا ساياھەت قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ئۇ «مەلەك ئەھمەد پاشا» دەپ ئاتالغان. يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋام قىلغان ساياھەتلىرى جەريانىدا، مول بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولغان ئەۋلىيا چەلەبى، يازغۇچى، شائىر شۇنداقلا خەتتات، نەققاش ۋە مۇزىكانت ئىدى. ئۇ بۇ ئىقتىدارلارنى ئوخشىمىغان جايلاردا ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ ئەسىرىدە، ئۇ زىيارەت قىلغان جايلىرىدا كۆرگەن <سەھىپىلىرىگە ئالتۇن ھەل بېرىلگەن> كىتابلارغا بولغان قايىللىقى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار بار. كەمتەرلىكى ۋە كىشىلەر بىلەن چىقىشى ئۆتىدىغان خاراكتېرى سايىسىدا دوستلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەن. ئۇ ساياھەت قىلغان جايلارنىڭ ۋالىي ۋە سەردارلىرى بىلەنمۇ ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان. ئەمما، ئۇ ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كۆرگەن ھامان، ئىككىلەنمەستىن كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئومۇمەن بەدىئىي تەسۋىر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاندا-ساندا ئۇچرايدىغان گىرامماتىكىلىق خاتالىقلارغا قارىماي، ئۇسلۇبى ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئىپادىلەشتە ئۇچرايدىغان يېزىق تىلىغا ماس كەلمەيدىغان بەزى سۆز-ئىبارىلەر، بەلكىم يەرلىك ئاھالىنىڭ شېۋىلىرىگە ئىشارەت قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە، ئەۋلىيا چەلەبى ئۆزى ساياھەت قىلغان جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ تىلى ۋە سۆزلىشىش ئادەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ ئاددىي ۋە سەمىمىي ئىپادىلەش شەكلى، سۆزلەۋاتقاندەكلا يېزىلغان جۈملىلىرى ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار «ساياھەتنامە»نى ئەسلىمە دەپمۇ قارايدۇ. ئەۋلىيا چەلەبى كۆپىنچە ھاللاردا ۋەقەلەرگە مەسخىرە پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۆزى ئۇچراتقان كىشىلەرنى دوراشتىن قىلچە ئىككىلەنمەيدۇ. بەزىدە ئۇ ئۆزى نەقىل كەلتۈرگەن نەرسىلەرنى تېخىمۇ جەزبىدار قىلىش ئۈچۈن، توقۇلما خەۋەر ياكى ۋەقەلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ يەنە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز غەلىتە ۋەقەلەرنى بايان قىلغانلىقىنىمۇ ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، پىللار بېسىپ ئۆتكەن كەنتتىكى ئاياللارنىڭ پىل تۇغقانلىقى، غەيىبتىن خەۋەر بېرىدىغان ئۆڭكۈرلەر، ساقايماس كېسەللەرنى ساقايتىدىغان تىۋىپلار... قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ئىشلارنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئىپادىلەش گۈزەللىكىگە گۈزەللىك بېغىشلاش بىلەنلا قالماي، بۇ خىل ھېكايىلەرگە قىزىقىدىغان كەڭ ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئارقىلىق ئەسىرىنى ئاممىباب خاراكتېرگە ئىگە قىلىشنى كۆزلىگەن دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

10 توملۇق «ساياھەتنامە» ھازىر توپقاپى ئوردا مۇزېيى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، 1928-يىلى تۈرك تارىخ جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم تەييارلىنىپ، نەشر قىلىنغان. باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، 50 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە يېزىلغان ئەسەر، ئىچىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلار سايىسىدا كۈندىن-كۈنگە قەدىرلىنىپ ئوقۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر