قىپچاق تۈركچىسى دەۋرى ۋە ئەسەرلىرى

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ مۇھىم مۇساپىلىرىنىڭ بىرى بولغان «قىپچاق تۈركچىسى دەۋرى ۋە ئەسەرلىرى» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2109221
قىپچاق تۈركچىسى دەۋرى ۋە ئەسەرلىرى

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى «بايراقتار ئاقىنجى» ئۇچقۇچىسىز ھۇجۇمچى ھاۋا ئاپپاراتى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىر تىلنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز ئۇ تىلنىڭ تارىخى مۇساپىسى شۇنداقلا شۇ جەمئىيەتنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تارىخىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر يىلنامىگە موھتاجمىز. بىز نۆۋەتتە دەۋرىمىز تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز. تۈركولوگىيە پەنلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، تۈرك تىللىرىنىڭ تارىخى دەۋرلىرىنىڭ چېگرالىرى بېكىتىلىپ، ئەتراپلىق تەتقىقاتلار باشلاندى. تۈرك تىلىنىڭ تارىخى جەريانلىرىنىڭ بىرى قىپچاق دەۋرى تۈركچىسى. كونا قىپچاق تۈركچىسى ياكى قۇمان تۈركچىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان تۈركچە 13-15-ئەسىرلەر ئارىسىدا، بىر تەرەپتىن قارادېڭىزنىڭ شىمالىدىكى بۈگۈنكى رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە كاۋكاز رايونىدا، يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبتا مىسىر ۋە سۈرىيەدە يېزىق تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلدى. قىپچاق تۈركچىسىنىڭ يىلتىزى تۈركلەرنىڭ قىپچاق تارمىقىغا تۇتىشىدىغان تارىخىي تۈرك شېۋىسى بولۇپ، بۇ دىيالېكت كۆچۈشلەر، قۇل سودىسى ۋە ياللانما ئەسكەرلەر سايىسىدا كەڭ رايونغا تارقالدى.

تۈركولوگلار تارىخىي تۈرك تىلىنىڭ قىپچاق تۈركچىسى دەۋرىنى ئوخشىمىغان مەنبەلەر، دەۋر ۋە مۇھىتلارغا ئاساسەن بوزقىر قىپچاقچىسى، مەملۇكىيلار قىپچاقچىسى ۋە ئەرمەن قىپچاقچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىپ تەتقىق قىلماقتا. بۇ دەۋر تۈركچىسىگە تۆھپە قوشقان ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى «Codex Cumanicus» ناملىق ئىككى قىسىملىق لۇغەت بولۇپ، ئۇنى 14-ئەسىردە ئىتالىيەلىكلەر بىلەن گېرمانلار تۈزىگەنىدى. «Codex Cumanicus» تۈرك تىلى تارىخىدىكى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇمانلار ئارىسىدا خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان مىسسىيونېرلار تەرىپىدىن تۈرك تىلىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە يېزىلغان بىر يېتەكچى كىتاب. 14-ئەسىر تۈركچىسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بۇ ئەسەرنىڭ بىردىنبىر قوليازما نۇسخىسى، ئىتالىيەنىڭ ۋېنىتسىيە ساينىت ماركۇس كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، 14-16-ئەسىردىكى مەملۇكىيلار قىپچاقلىرى دەۋرىدە يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەر بىزگىچە يېتىپ كەلدى. تۈركولوگلار بۇ ئەسەرلەرنى لۇغەت ۋە گىرامماتىكا، فىقھى ئەسەرلىرى، ئوقياچىلىق، ئاتچىلىق ئەسەرلىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر قاتارلىق كاتېگورىيەلەرگە ئايرىدى. كونا قىپچاق دەۋرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى، ئەرەبلەرگە تۈركچە ئۆگىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن گىرامماتىكا ۋە لۇغەتلەرنىڭ يېزىلغان بولۇشىدۇر. ئەبۇ ھەييان مۇھەممەد بىن يۈسۈپنىڭ «كىتابۇل ئىدراك لىلىسانىل ئەتراك»، يەنى «تۈرك تىلىنى چۈشىنىش كىتابى» ناملىق ئەسەر ئالدىنقى قاتاردىكى لۇغەت، گىرامماتىكا ۋە جۈملە تۈزۈش قائىدىلىرى كىتابىدۇر. مەملۇكىيلار قىپچاقچىسى دەۋرىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بىردىنبىر ئەدەبىي ئەسىرى «گۈلىستان تەرجىمىسى» دەپ قارالماقتا. گۈلىستان تەرجىمىسى ئىران شائىرى سەئىدىنىڭ ئەسىرىنىڭ سەيفى سارايى تەرىپىدىن 1291 يىلى پۈتكەن ئەركىن تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ دەۋرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، قىپچاقلار ئەرمەنلەر بىلەن قوشنا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېلىپبەسىنى قوللىنىپ ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بولۇشىدۇر. 16-17- ئەسىرلەردە لۋوۋ، كاميانېتس-پودىلسكى، ئۇكرائىنا، رومىنىيە، مولدوۋىيە، قىرىم ۋە تۈركىيە قاتارلىق كەڭ رايوندا ئەرمەن قىپچاقچىسىدا يېزىلغان تېكىستلەر تېپىلدى؛ 1521-يىلىدىن 1669-يىلىغىچە بولغان جەرياندا، ئەرمەن ئېلىپبەسى بىلەن قىپچاقچە يېزىلغان 112 پارچە قوليازما دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ھەجىمى تەخمىنەن 25-30 مىڭ بەتكە يېتىدۇ.

تارىختا ئىسمىنى قالدۇرۇپ كەتكەن قىپچاق تۈركلىرىنىڭ قىپچاقچىسىنىڭ بۈگۈنكى ۋارىسلىرى سۈپىتىدە قازاقلار، قىرغىزلار، قازان ۋە قىرىم تاتارلىرى، قۇمۇقلار، قاراچاي-مالقارلار، نوگايلار، قارايلار ۋە ئۇرۇم تۈركلىرىنى ساناپ ئۆتەلەيمىز. ھازىرغىچە تەتقىق قىلىنىۋاتقان بۇ دەۋر ئەسەرلىرى تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر