ئەدىپ ئەھمەت يۈكنەكى ۋە ئەتەبەتۇل ھەقايىق

ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار (03)

2087415
ئەدىپ ئەھمەت يۈكنەكى ۋە ئەتەبەتۇل ھەقايىق

ئەدىپ ئەھمەد يۈكنەكى ۋە ئەتەبەتۇل ھەقايىق

ئەدىپ ئەھمەد يۈكنەكى ۋە ئەتەبەتۇل ھەقايىق

ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار (03)

نازگۈل قادىروۋا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نازىگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى بۆلۈمىدە، 12 – ئەسىردە يېزىلغان ۋە تۈرك-ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ نادىر بىباھا ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ھەققىدە شۇنداقلا ئۇنىڭ يازغۇچىسى ئەھمەت يۈكنەكى ھەققىدە توختىلىمىز.

*** ****** *****

تۈركلەر ئومۇمەن 11-ئەسىردە ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئىدى. تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى بولغان قاراخانىيلار دەۋرىدە يارىتىلغان ئىسلام تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىلىرى بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. شۇلارنىڭ بىرى دەل «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق شاھ ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىسلامنى يېڭى قوبۇل قىلغان بىر جەمئىيەت ئۈچۈن يېڭى ئېتىقادنى ئۇلارغا ئۆز تىلىدا چۈشەندۈرۈش مەقسىتىدە يېزىلغان ئىدى. ئەسەرنىڭ ئاپتورى 12-ئەسىردە ياشىغان تۇغما ئەما قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق تۈرك شائىرى ئەدىپ ئەھمەت يۈكنەكى ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىنتايىن چەكلىك مەلۇماتلارغا ئىگىمىز. شائىر ھەققىدە بىلىنگەنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسىرى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نى ئاساس قىلىدۇ. مەلۇمكى، دادىسىنىڭ ئىسمى مەھمۇت بولۇپ، ئەدىب ئەھمەت يۈكنەكىينىڭ سەمەرقەنتنىڭ يېنىدىكى يۈكنەكى شەھىرىدە تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. ئاپتور ھەققىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ يەنە بىرى ئەلشىر نەۋائىنىڭ «نەسايىمۇل-ماھاببە» ناملىق ئەسىرىدۇر. بۇ ئەسەردە ئەدىپ ئەھمەد يۈكنەكى تۈرك، دىندار ۋە ئەقىللىق كىشى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئەرەب ۋە پارس تىلىنى ياخشى بىلىدىغانلىقى، تەپسىر ۋە ھەدىس قاتارلىق ئىسلامىي ئىلىملەردە پىشقانلىقى، پەزىلەتلىك بىر ئالىم ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.  ئۇنىڭ ئىمام ئەزەمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپرەك مەختاشلارغا سازاۋەر بولغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. لېكىن، بۇ مەلۇماتلار تارىخىي جەھەتتىن توغرا ئەمەس> دەپ قارالغان بىر رىۋايەتتە، خەلق ئارىسىدا ئەدىب ئەھمەدنىڭ دىنىي سالاھىيەت دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. شائىرنىڭ بەزى سۆزلىرى ۋە نەسىھەتلىرى خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ كېلەلىشى، ئۇنىڭ تۈرك خەلقى ئىچىدە ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان تەسىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقى بىلەنمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. شائىرنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا رويخەتكە ئېلىنغان ھېچقانداق مەلۇمات يوق. 

***** ******* ********

«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» 12-ئەسىردە خاقانىيە شىۋىسىدە يېزىلغان بىباھا ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مەركەز قىلغان تېما نۇقتىسىدىن دىنىي، ئەخلاقىي دىداكتىكىلىق ئەسەر دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈرك تارىخىغا نىسبەتەن بولۇپمۇ تارىخ ۋە ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 

«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» 14 بابقا ئايرىلغان بولۇپ، مۇقەددىمىسىدە، تەۋھىد، پەيغەمبەرگە نائىت ۋە تۆت خەلىپە مەدھىيىلەنگەندىن كېيىن، شۇ دەۋرنىڭ ئۇلۇغ ئەمىرى مۇھەممەد داد ئىسپاھسالار بەگكە بېغىشلانغانلىقى يېزىلىدۇ. ئاساسلىق ئەسەر 40 بېيىت ۋە 101 رۇبائىي شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، «ھەقىقەتلەرنىڭ بوسۇغىسى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئەخلاق ۋە نەسىھەت كىتابى بولغاچقا، پۈتۈنلەي ھېكمەت ئۇسلۇبى ئاساسىدا يېزىلغانلىقى مەلۇم. ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا قارالغاندا، ھەر بىر بۆلۈمدە مەرتلىك، راستچىللىق، بىلىم، ياخشىلىق، پەزىلەت ۋە كەمتەرلىك قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىنغانلىقى كۆرۈلىدۇ. دۇنيانى، ئاللاھنى ۋە ئىنساننى بىلىشنىڭ پەقەت ئىلىم-پەن ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بۇ نەسىھەت كىتابىنىڭ بەش خىل بىلىنگەن نۇسخىسى بار. ئۇنىڭدا بۇ نۇسخىلار سەمەرقەنت، ئاياسوفيا، توپكاپى، (فۇئات كۆپرۈلۈ تەرىپىدىن تونىتىلغان، ئەمما كېيىن يوقاپ كەتكەن) ئۇزۇنكۆپرۇ نۇسخىسى ۋە تۇنجى قېتىم 2019-يىلى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان گوللاندىيە نۇسخىسىدىن ئىبارەت.

تۈركىيەدە بۇ مەشھۇر قوليازما نۇسخىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ نەشر قىلغان تىلشۇناس رەشىت رەھمەتى ئارات «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» نىڭ قىممىتى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:

«<ئەتەبەتۇل ھەقايىق> بابلىرىنىڭ ئايرىم ماۋزۇلىرىدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولغاندەك تۈرك-ئىسلام مۇھىتىنىڭ مەدەنىيەت رامكىسى ئىچىدە شەخسلەر تەربىيەسى ئۈچۈن رەتكە سېلىنغان ئاساسلارغا ئىگە، تۈركچە ۋە تەرتىپلىك تەكرارلىنىدىغان ئەخلاق كىتابىدۇر. ئەسەردىكى ئىدىيەلەر كۆپ ھاللاردا ئايەت، ھەدىس ياكى باشقا ئەرەبچە بېيىتلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. بۇ يەردە ئاپتور ئۆزىنىڭ ئىجتىھادىنى ئەمەس، بەلكى بىلىنگەن پىرىنسىپلارنى تۈرك تىلىدا گۈزەل ئىپادىلەش بىلەن كۇپايە قىلغان. ئەسەرنىڭ يېزىلغانلىقى مۆلچەرلەنگەن دەۋرلەردە بۇ ئاساسلارنى ھەر بىر ئوقۇرمەن ئاسانلا چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئەستە تۇتالايدىغان شەكىلدە تىلى ئېنىق ۋە رەتلىك نەشىر قىلىنىشى مۇشۇ يولدىكىلەرگە نىسبەتەن بىر غايە ئىكەنلىكىنى ئويلاشقاندا، ئەدىپ ئەھمەت يۈكنەكىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى مۇكەممەل ئورۇنلىغانلىقىنى قوبۇل قىلىش لازىم».

ئەينى چاغدا «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ناملىق كىتاب نۇرغۇن دىۋان ۋە تەككە شائىرلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ شائىرلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى نىيازى-مىسرى، سەئىدى شىرازى، مەۋلانا ۋە ئەلشىر نەۋائىي قاتارلىقلار ئىدى. ئەسەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى؛ ئۇ ھەم ئەقىل، تەپەككۇر ئىقتىدارى، ھەم ئىماننىڭ ئوخشاش دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىدۇر. ئۇندىن باشقا يەنە، تۈركولوگىيە تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن ئوتتۇرا تۈركچە دەۋرىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئۈچىنچى بىر مۇھىم ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئىسمى ئىلىم-پەن دۇنياسىدا داۋاملىق تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.

***** ****** *******                

مەنبەلەر:

1. Turkish Studies (2012)- International Periodical For The Languages, Literature and History of Turkish or Turkic Volume 7/4, Fall, p. 1177-1202, ANKARA-TURKEY.

2. Yıldırım F., Çapa G.N. (2022) “Atebetü’l-Hakâyık’ın Eski Uygur Harfli Semerkand Nüshasının Paleografik İncelenmesi”, Korkut Ata Türkiyat Araştırmaları Dergisi, Uluslararası Türk Dili ve Edebiyatı Araştırmaları Dergisi, 8, s.56-103.

3. Edib Ahmed Yükneki (2019)‘Atebetü’l Hakayık’ Hakan Ali Yücel Klasikler Dizisi, Türkiye İş Bankası Kültür Yayınları. 

[1]Bknz.: Turkish Studies - International Periodical For The Languages, Literature and History of Turkish or Turkic Volume 7/4, Fall 2012, p. 1179, ANKARA-TURKEY.

 

 

[1]Turkish Studies (2012)- International Periodical For The Languages, Literature and History of Turkish or Turkic Volume 7/4, Fall, p. 1177-1202, ANKARA-TURKEY.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر