ماشىنا ھەيدەۋېتىپ يانفون ئىشلەتمەيمەن، چۈنكى...

«چۈنكى...» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «يانفون ئىشلەتمەيمەن» دېگەن تېمىنى ئاڭلىتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2085247
ماشىنا ھەيدەۋېتىپ يانفون ئىشلەتمەيمەن، چۈنكى...

ماشىنا ھەيدەۋېتىپ يانفون ئىشلەتمەيمەن، چۈنكى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن بىز تارىخى ئۇنچىۋالا ئۇزۇن بولمىسىمۇ، تۇرمۇشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر پارچىسىغا ئايلانغان «يانفون» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. ئەلۋەتتە، سۆھبىتىمىز تەرەققىي قىلىۋاتقان يانفون تېخنىكىسى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى دىققەت قىلمىغىنىمىزدا، بىزنى ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەۋېتىپ تېلېفون ئىشلىتىش توغرىسىدا بولىدۇ. سۆزىمىزنى «ماشىنا ھەيدەۋېتىپ يانفون ئىشلەتمەيمەن، چۈنكى ...» دەپ باشلايمىز.

*  *  *  *

ماشىنا ھەيدەشنىڭ ئۆزىلا دىققەت چېچىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ئىش. ماشىنا ھەيدىگەندە، مېڭىمىز ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن كېلىدىغان غىدىقلىنىشقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نورمالدىكىندىمۇ كۆپ ئىشلەيدۇ. شوپۇرلار بىرلا ۋاقىتتا ماي – تورمۇزلارنى كونترول قىلىش، رول تۇتۇش، ئەينەكلەرنى كۆزىتىش ۋە يول ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى قىلىدۇ. نورمالدەك كۆرۈنىدىغان بۇ مەشغۇلاتلار، ئەمەلىيەتتە مېڭىمىز شۇ ۋاقىتتا قارار قىلىپ، قولىمىز ۋە كۆزىمىزگە يەتكۈزگەن بۇيرۇقلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. گەرچە بىز ھېس قىلمىساقمۇ، چوڭ مېڭە ھەر ۋاقىت كونترول قىلىشقا تىرىشىدىغان بۇ مۇرەككەپ مەشغۇلات جەريانىدا، ماشىنا ھەيدەشتىن باشقا ئېلېمېنتلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، مېڭىمىز ئۈچۈن قوشۇمچە ۋەزىپە دېگەنلىك بولىدۇ. مېخانىكىلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئوخشاش، مېڭىگىمۇ سىغىمىدىن كۆپ مەشغۇلات يۈكلەنگىنىدە، نورمال فۇنكسىيەسى قالايمىقانلىشىپ، كاشىلا كۆرۈلىدۇ.

*  *  *  *

«ماشىنا ھەيدەۋېتىپ، ئىككى مىنۇت تېلېفوندا پاراڭلىشىش مېڭەمنى نېمىشقا چارچىتىدۇ؟» دېگەن سوئالغا بەزى بايقاشلارنى مىسال قىلىپ، جاۋاب بېرەيلى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، تېلېفون بىلەن بولۇپ كەتكەن شوپۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋاللارنى پەرق ئېتىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىش پۇرسىتى، تېلېفوندا سۆزلەشمىگەنلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن. مېڭە بىلەن بەدەن ئىزچىل ماس ھەرىكەت قىلىدىغان ماشىنا ھەيدەش جەريانىدا ئۇچرايدىغان ھەرقانداق بىر خەۋپكە، كۆپىنچە ھاللاردا سىكۇنتتىنمۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە تەدبىر قوللىنىش، ئىنتايىن مۇھىم. مېڭىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق مەشغۇل قىلىنىشى بولسا، ئادەتتە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەدەنگە يەتكۈزۈلىدىغان بۇيرۇقلارنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

*  *  *  *

تىڭشىغۇچ ۋە مىكروفون ئىشلىتىپ تېلېفون قىلىشمۇ بۇ مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلالمايدۇ. تەتقىقاتلار، گەرچە شوپۇرلار قوللىرىنى مەشغۇل قىلمىسىمۇ، تېمىنىڭ دىققەتنى چېچىۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇنىڭغا ئاساسەن، كۈندىلىك تېلېفون سۆھبەتلىرىنىڭ %20ى مېڭىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىشنى تەقەززا قىلىدىغان تېمىلاردىن، تەخمىنەن %30ى دىققەتنى تارقىتىدىغان تېمىلاردىن تەركىب تاپىدىكەن. بۇلاردىن باشقا، ماشىنا ھەيدىگەندە تېلېفوندا پاراڭلىشىش، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە قاتناش جىنايىتى، دەپ قارىلىپ جازالىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر