سىجىللىق؛ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رىقابەت ساھەلىرىدىن بىرىگە ئايلانماقتا

كۆزنەك -69

2080607
سىجىللىق؛ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رىقابەت ساھەلىرىدىن بىرىگە ئايلانماقتا

سىجىللىق؛ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رىقابەت ساھەلىرىدىن بىرىگە ئايلانماقتا

كۆزنەك -69

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇديولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، سىجىللىقنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رىقابەت ساھەلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!

******* ****** ****** *******

 

«UI GreenMetric» دۇنيا يېشىل ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىدە بۇ يىل تۈركىيەدىن 98 ئۇنىۋېرسىتېت ئورۇن ئالدى.

«UI GreenMetric» دۇنيا يېشىل ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپى سىستېمىسىدا تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن دوكلات تەييارلىغان ئاكادېمىكلار ئۇزۇن مۇددەتلىك يېشىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى بار بولغان مەكتەپلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھىندونېزىيە ئۇنىۋېرسىتىتى 2010 - يىلدىن بېرى مۇھىت، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن سىجىللىقنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ۋە بۇ ساھەدە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. ھىندونېزىيە ئۇنۋېرسىتىتلىرى «UI GreenMetric» دۇنيا يېشىل ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپى سىستېمىسى بويىچە باھالىنىپ كەلمەكتە.  

بۇ ساھەدە دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ قوبۇل قىلىنغان دەرىجىلەندۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولغان سىستېمىنىڭ ئۆلچەملىرى ب د ت سىجىل تەرەققىيات نىشانى دائىرىسىدە قۇرۇلغان 17 ئاساسلىق ماۋزۇدىكى ئالتە كۆرسەتكۈچنى ئاساس قىلماقتا.

بۇ باھالاشقا 2022 - يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 1050 ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تۈركىيەدىن 83 ئۇنىۋېرسىتېت قاتناشقان بولسا، 2023-يىلى دۇنيا مىقياسىدىن 1183 ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تۈركىيەدىن 98 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

تۈركىيەدىن بۇ يىلقى ئۆلچەشكە قاتناشقان 98 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالتىسى ئالدىنقى 100 ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇنىڭدىن يەنە تۈركىيەنىڭ توققۇز ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىنقى 200 نىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇل- ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، سۇ ۋە مائارىپ قاتارلىق بارلىق ماۋزۇلاردىكى نومۇرلىرىنى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

بۇلتۇر 47 - ئورۇنغا تىزىلغان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىللىق باھالاش ئۆلچىمىدە مائارىپ، ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ماۋزۇسىدا ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشتى.

يىلدىز تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى تۈركىيەدىن ئىككىنچى يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ئۇنىۋېرسىتېت سۈپىتى بىلەن تىزىملىكتە 63 - بولدى. ئەرجىيەس ئۇنۋېرسىتىتى، ئۆزيەغىن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيەدىن ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئايلاندى.

تىزىملىككە تۈركىيەدىن 2023 - يىلى قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بولۇپمۇ سۇ ئىشلىتىش ۋە قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە ئىلغار ئىكەنلىكى، ئەمما ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئۆلچىمىدە تۆۋەن نومۇرغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بۇرجۇ زەيبەك بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«دۇنيادىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار كۈچلۈك، نوپۇزلۇق، داڭلىق ماركا ئوبرازىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇھىت ۋە جەمئىيەتنى نەزەردە تۇتقان ھالدا خىزمەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بۇ يۆنىلىشتە گۇرۇپپىلارنى قۇرماقتا.  قىلىنغان خىزمەتلەر پەقەت ئاكادېمىك ۋە ئالىملار توپىغىلا ئەمەس، ھەممە ئادەمگە يېتىپ بارماقتا. ئۇنىۋېرسىتېتلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى تاللىشى ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە. ئەمدىلىكتە تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىلگىچە تەبىئىي بايلىقلارنى ئىسراپ قىلمايدىغان، مۇھىتقا ۋە ئىنسانغا زىيان يەتكۈزمەي ھەرىكەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان يېشىل باشقۇرۇش ئېڭىغا ئىگە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر