قەدىمكى دۇنيانىڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى شەھىرى - لائودىكېيا

كۆزنەك (68)

2076733
قەدىمكى دۇنيانىڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى شەھىرى - لائودىكېيا

قەدىمكى دۇنيانىڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى شەھىرى - لائودىكېيا

قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان دەنىزلى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى توقۇمىچىلىقتۇر. بۈگۈنكى كۈندە 185 دۆلەتكە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان دەنىزلى ۋىلايىتىنىڭ توقۇمىچىلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ تاسادىپىي ئەمەس، ئەلۋەتتە. چۈنكى قەدىمكى دۇنيانىڭ مەشھۇر توقۇمىچىلىق زاۋۇتى بۇگۈنكى كۈنددىكى دەنىزلى ۋىلايىتىگە جايلاشقان قەدىمكى لائودىكېيا شەھىرى ئىدى.

ئەڭ دەسلەپكى بايقاشلارغا قارىغاندا، دەنىزلى ۋىلايىتىدە ئۇدا  7 مىڭ يىلدىن بۇيان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى  ئىشلەپچىقىرىلماقتا. شۇنداق بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە شەھەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى توقۇمىچىلىقتۇر. گەرچە دەنىزلى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىردىنبىر ۋىلايەت بولمىسىمۇ، ئەمما توقۇمىچىلىق ئارقىلىق مەدەنىيەت بەرپا قىلىش يولىدىن ئۆتكەن يېگانە ۋىلايەتتۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دەنىزلى شەھىرىگە بارغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ چوقۇم توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا كۆزى چۈشىدۇ.

قەدىمكى دەۋرلەردىمۇ دەنىزلى شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى بايلىقلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى توقۇمىچىلىق ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلغان سودا ئىدى. قەدىمكى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم كىيىم-كېچەك مەركىزى دەنىزلى ۋىلايىتىدىكى قەدىمكى لائودىكېيا شەھىرى ئىدى.

بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان رەختلەرنى سېتىۋالالايدىغان بولۇش ئابروينىڭ سىمۋولى دەپ قارىلاتتى. كىيىم – كېچەكلەر ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىستەكى ۋە شۇ دەۋرنىڭ مودىسىغا ئاساسەن تىكىلەتتى.

لائودىكېيا شەھىرىدە مىڭلارچە يىللىق تارىخقا ئىگە رەختلەر تېپىلدى

توقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلگەن تۈرلۈك سايمانلار ۋە لائودىكېيا شەھىرىدە تۇنجى قېتىم توقۇلغان رەختلەرگە مۇناسىۋەتلىك بايقاشلار توقۇمىچىلىق تارىخىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

ئىلگىرى، دەنىزلى شەھىرىنىڭ توقۇمىچىلىق تارىخى 2000-يىللارغىچە تۇتىشاتتى. لېكىن،  لائودىكېيا قەدىمكى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، 7 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە توقۇلما بۇيۇملارنى توقۇش دۇكان - سايمانلىرىنىڭ پارچىلىرى تېپىلدى.

لائودىكېيا شەھىرىنىڭ بايلىقى قەدىمكى دەۋرلەردە تىللارغا داستان بولغان. بۇ بايلىقنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى بۇ شەھەردە يېتىشتۈرۈلىدىغان قارا رەڭلىك قوي نەسلى ۋە بۇ قويلارنىڭ يۇڭىدىن ئېشىلىدىغان يىپلار ئىدى. كېيىنچە بۇ يىپلار «ئۇرچۇق» دەپ ئاتىلىدىغان يىپ ئىگىرىش سايمىنى بىلەن ئىگىرىلىپ، ياغاچتىن ياسالغان توقۇلما بۇيۇملارنى توقۇش دۇكان – سايمانلىرىدا بىرلەشتۈرۈلۈپ، رەختلەرگە ئايلاندۇرۇلاتتى.

ئارخېئولوگلارنىڭ قارشىچە، توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتى تارىختىن بۇرۇنقى  دەۋرلەردە نۇرغۇن مەدەنىيەتلىك ئەللەر تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ھۈنەر - سەنئەتكە ئايلاندۇرۇلغان.

دەنىزلى رايونى، بولۇپمۇ مىلادىدىن كېيىنكى 2-ئەسىردىن 3-ئەسىرگىچە تەرەققىيات جەھەتتە ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، شەھەردە توقۇلغان رەختلەر ئىتالىيەگە قەدەر ئېكسپورت قىلىنغانىدى. توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، بوياش، زىلچا گىلەم توقۇش جەھەتتە ھىئېراپولىس، لائودىكېيا ۋە جولوسساي شەھەرلىرى بەئەينى قەدىمكى دەۋردىكى زاۋۇتلارغىلا ئوخشايدۇ.

لائودىكېيا رەختلىرى ھازىرمۇ ئىشلەپچىقىرىلماقتا

قەدىمكى دەۋرلەردە داڭق چىقارغان لائودىكېيا يىپلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلماقتا. بۇ ئالاھىدە يىپلارغا ئەڭ يېقىن بولغان مەھسۇلاتلار دەنىزلى شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلماقتا، ھەمدە قوشنا ناھىيە ۋە شەھەرلەردە «بۇلدان»، «داسدار» دېگەندەك ناملار بىلەن  دىققەت قوزغىماقتا.

دەنىزلى شەھىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى  ئىشلەپچىقىرىش داۋاملىق يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىۋاتقان ئېكىسپورت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، بۈگۈنكى كۈندە، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ چوڭ سانائەت رايونلىرى ۋە داڭلىق زاۋۇتلاردا  ئىشلەپچىقىرىلماقتا. دەنىزلىنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىدە دۇنيا مىقياسىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ سىرى، بۇ شەھەرنىڭ 7000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇشتەك ئۆتمۈشىدە ياتىدۇ.

قەدىمكى دەۋرلەردىكىگە ئوخشاشلا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ دەنىزلى شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئېكسپورت قىلىنماقتا. 2022-يىلى دەنىزلى شەھىرىدىن 185 دۆلەتكە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىندى. 2022-يىلى ئەنگلىيەگە 624 مىليون دوللارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، ئەنگلىيە شۇ يىلى ئەڭ كۆپ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت قىلىنغان دۆلەت بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى  توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدا «دەنىزلىدا ياسالغان» دېگەن بەلگىنى كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر