سۈنئىي ئەقىل قوللايدىغان يېڭى سەنئەت ئېقىمى - گانىزم

كۆزنەك (65)

2069461
سۈنئىي ئەقىل قوللايدىغان يېڭى سەنئەت ئېقىمى - گانىزم

سۈنئىي ئەقىل قوللايدىغان يېڭى سەنئەت ئېقىمى - گانىزم

گەرچە سۈنئىي ئەقىل ھەر كۈنى تۇرمۇشىمىزدا تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قانۇنىي جەھەتتىن نۇرغۇن گۇمانلارنىمۇ تۇغدۇرماقتا. بۇ گۇمانلاردىن بىرىنى يېڭى سەنئەت ئېقىمى - گانىزم ۋە بۇ ئارقىلىق بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭىلىقلارنىڭ كىمگە تەۋە بولۇشى مەسىلىسى تەشكىل قىلىدۇ.

1600-يىللاردا «ھېسابلاش ماشىنىسى» ئىجاد قىلىنىش بىلەن باشلانغان بۇ يېڭىلىق باسقۇچى كومپىيۇتېر بىلەن ئىنتېرنېتنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى نەتىجىسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئايلاندى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق باسقۇچتا سۈنئىي ئەقىل ئوتتۇرىغا چىقتى. كومپىيۇتېر ئارقىلىق ھېسابلاش ئىقتىدارى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسى ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا سەنئەت ساھەسىگىمۇ بىر قاتار يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، سەنئەت دۇنياسىدا يېڭى ئېقىم – گانىزم باشلاندى.

سەنئەتكارلار سۈنئىي ئەقىلدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى كەشىپ قىلالايدۇ. بۇ يېڭىلىقلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا بولسا چوڭقۇر ئۆگىنىش ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئەقىلگە تايىنىپ ھېسابلاش ئۇسۇلى - «گان (< Generative Adversarial Network> GAN)» تېخنولوگىيەسى ياتىدۇ.

بىراق، گان تېخنولوگىيەسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان يېڭىلىقلارغا كىمنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغانلىقى مەسىلىسى قانۇن دۇنياسىنىڭ كۈن تەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا.

سۈنئىي ئەقىل تۈرلۈك يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېڭىلىقلارنىڭ قايسى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىش، قايسى ئالگورىزملار (پىروگرامما تىللىرىدىكى مەلۇم مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇن ئۈچۈن پىروگرامما تىللىرىنىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېنتايىن ئېنىق تەرتىپلەر بىلەن لايىھىلەنگەن قەدەم-باسقۇچلار) نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى شۇ يېڭىلىقنى ئىجاد قىلغان ئادەممۇ بىلمەيدۇ.

سۈنئىي ئەقىلنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى - قارا قۇتا

ئىنسانلار سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق تاشقى دۇنيانى قانداق ھېس قىلسا ۋە ئۆگەنسە، سۈنئىي ئەقىلمۇ ماشىنا ئۆگىنىشى ئارقىلىق  شۇنداق ھېس قىلىدۇ ۋە ئۆگىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىردىن ئارتۇق سەنئەتكارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىپ يېڭى بىر ئەسەرنى يارىتالايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، سۈنئىي ئەقىل ئەسەرنىڭ مەنبەسىنى خىرەلەشتۈرمەكتە .

ئەسەرلەر سەنئەتكارغا ئائىتمۇ، يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىگە ئائىتمۇ؟ ياكى ئاممىغا ئائىتمۇ؟

سۈنئىي ئەقىل ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار سەنئەتكارغا تەۋەمۇ؟ يۇمشاق دېتال لايىھەلىگۈچىگە تەۋەمۇ؟ ياكى ئاممىغا تەۋەمۇ؟ قانۇن دۇنياسى بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدىمەكتە. ھازىرغا قەدەر، ھەر بىر دۆلەت ئوخشىمىغان ھەل قىلىش چارىلىرىنى تاپتى. مەسىلەن، سۈنئىي ئەقىل ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكانىڭ قانۇن سىستېمىسىدا قوغدىغىلى بولمايدۇ، دەيدىغان قاراش بار.

بۇ ھەقتە ئەنگلىيەنىڭ قارىشى مۇنداق:  سۈنئىي ئەقىل  ئىشلەپچىقارغان بىر مەھسۇلاتنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى شۇ  مەھسۇلاتنى  ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا سۈنئىي ئەقىل يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتكەن ۋە بۇ جەريانغا تۆھپە قوشقان كىشى ياكى كىشىلەرگە تەۋە.

ياۋروپادىكى ئەھۋال سەل ئوخشىمايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، بۇ مەسىلىنى قانۇن - بەلگىلىمە ئارقىلىق ھەل قىلىش زۆرۈر.

تۈركىيەمۇ سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

 جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى رەقەملىك ئۆزگەرتىش ئىشخانىسىنىڭ سۈنئىي ئەقىلغا بولغان كۆز قارىشى ئىنتايىن ئىجابىي بولۇپ، سۈنئىي ئەقىل جەمئىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ.

تۈرك قانۇنشۇناسلار «ئارىلاشما خىزمەت» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئارىلاشما خىزمەت «ھەم سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان، ھەم سەنئەتكارنىڭ پىكرىي مەھسۇلى بولغان ئەسەرلەر» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل قانۇنىي جەھەتتىن قاراڭغۇ تەرەپلىرى بار بولغان بىر ساھە ھېسابلىنىدۇ. قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بۇنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىسىمۇ، ئەمما سۈنئىي ئەقىل تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر