ئوكرا ئۇرۇقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

شىپا بۇلىقى (62)

2062062
ئوكرا ئۇرۇقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

ئوكرا ئۇرۇقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئوكرا ئۇرۇقى دېگەن نېمە؟

بۈگۈنكى كۈندە ئامما ئارىسىدا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ئوكرا ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە تالا ماددىسى مولدۇر. ئوكرا ئۇرۇقى كىچىك، قېنىق قىزىل ياكى قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ، مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ. ئوكرا ئۇرۇقى مېۋىسىدىن ئايرىپ قۇرۇتۇلىدۇ.

ئوكرا ئۇرۇقىنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟

 ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ

ساغلام ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاشقا زور تۆھپە قوشىدىغان، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە يېڭىلىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئوكرا ئۇرۇقى، تەركىبىدىكى ۋىتامىن B نىڭ ياردىمىدە ئۇنتۇغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. ئوكرا ئۇرۇقى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بەدەننىڭ كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

يۈرەككە پايدىلىق

ماگنىينىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە يۈرەك ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەممىگە ئايان. ئوكرا ئۇرۇقى دەل ماگنىينىڭ شىپا مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ماگنىي ماددىسى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، يۈرەك كېسىلى، سەكتە قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

خولېستېرىننى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ

خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولغان ئوكرا ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە، ھەزىم قىلىش جەريانىدا بەدەننىڭ سۈمۈرمەي، سىرتقا چىقىرىۋېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قويۇق گېلىغا ئوخشاش بىر ماددا باردۇر. ئوكرا ئۇرۇقى ئەنە شۇ ماددا ئارقىلىق خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.

كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

تەركىبىدىكى ۋىتامىن A ۋە  بېتا-كاروتېن ماددىسىنىڭ ياردىمىدە، كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق كۆرۈش تور پەردىسىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بۆرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ

ئوكرانىڭ بۆرەك كېسەللىكلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش رولى باردۇر. دىيابېت بىمارلىرى بۆرەكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئوكرا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، ئوكرانىڭ تەركىبىدىكى ئوكسالات ماددىسى بۆرەككە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

راكقا قارشى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ

ئوكرا ئۇرۇقى راكقا قارشى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولغان ئوكرا ئۇرۇقى زىيانلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ بەدەنگە كىرىشى ۋە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

جىددىيلىك ۋە بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ئۇنتۇغاق ۋە دىققىتىنى يىغالمايدىغان كىشىلەر، شۇنداقلا ئۇيقۇسىزلىق ۋە بېسىم قاتارلىق مەسىلىلىرى بار كىشىلەر يېمەكلىك تىزىملىكىگە ئوكرا ئۇرۇقىنى قوشسا بولىدۇ.

 ئۈچەينى تازىلاپ،  ئورۇقلاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ

ئوكرا ئۇرۇقىنىڭ ئۈچەينى بوشىتىشتا ئۈنۈمى يۇقىرى بولغاچقا، مېتابولىزمنىڭ تېزرەك ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. تالا ماددىسى سايىسىدا قورساقنى توق تۇتىدىغان ئوكرا ئۇرۇقى، كالورىيە مىقدارى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، ساغلام ئۇسۇلدا ئورۇقلاشتىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

بوغۇم ۋە تىز ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ

ئوكرا ئۇرۇقى تەركىبىدىكى ۋىتامىن K نىڭ ياردىمىدە سۆڭەك ساغلاملىقىنى ياخشىلاش ۋە سۆڭەكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە. ئوكرا ئۇرۇقىنى تەرتىپلىك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سۆڭەك شالاڭلىشىش ھەم سۆڭەك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئازايتقىلى، سۆڭەك ساغلاملىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ئوكرا ئۇرۇقى بولۇپمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان تىز ئاغرىقلىرىغا شىپادۇر. تىز ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئوكرا ئۇرۇقىنى خام، پىششىق ياكى تالقان شەكلىدە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

تەخمىنەن 9-10 ئوكرا ئۇرۇقىنى بىرئاز قايناق سۇغا چىلاپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، چاي دەملەپ ئىچىشكىمۇ، قېتىق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ، تالقان شەكلىدە تاماقلارغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

 جىگەر ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ

ئوكرا ئۇرۇقى جىگەرنى قوغداپ، ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى بولۇپمۇ ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىلەن ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتقانلار ئوكرا ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلسا جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

دىيابېت كېسەللىرىگە شىپادۇر

ئوكرا ئۇرۇقى ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنىڭ ياردىمىدە قاندىكى قەنتنى تەڭشەيدۇ.

زىققا كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ

ئوكرا ئۇرۇقىنىڭ تالقىنى، ھەسەل ۋە زەيتۇن يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۇن تەييارلاپ، ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ۋە زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئوكرا ئۇرۇقىنى قانداق ئىستېمال قىلىش كېرەك؟

ئوكرا ئۇرۇقىنى دان شەكلىدە ئىستېمال قىلىشقا بولغىنىدەك، سوقۇپ تالقانغا ئايلاندۇرۇپ، تاماقلاشقا قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ، چاي دەملەپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ، قېتىق قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

9-  10  دانە ئوكرا ئۇرۇقىنى قايناق سۇدا دەملەپ، ئىچىشكىمۇ بولىدۇ.

ئوكرا ئۇرۇقىغا قارىتا سەزگۈرلۈكى بارلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر، ھەر كۈنى تەرتىپلىك دورا يەيدىغانلار، ھامىلىدار ئاياللار دوختۇردىن مەسلىھەت سورماي ئوكرا ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

ۋىتامىن K قاننىڭ ئۇيۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئوكرانىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن K ماددىسى قان سۇيۇلدۇرۇش دورىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلغاندا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا قان سۇيۇلدۇرۇش دورىلىرى ئىشلىتىدىغانلار تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى، ئوكرا ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم دوختۇرىدىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر