ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتى ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ قايغۇسى

بىلىۋېلىڭ (62)

2062599
ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتى ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ قايغۇسى

ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتى ۋە دۇنيا ئەللىرىنىڭ قايغۇسى

ئاتاتۈركنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن پۈتكۈل دۇنيانىڭمۇ چەكسىز قايغۇغا چۆمگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

1938-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋااپت بولغان چاغدا، پەقەت تۈركىيە خەلقىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىمۇ چەكسىز قايغۇغا چۆمگەنىدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەردە بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلگەن، بىر ئايلىق دۆلەتلىك ماتەم ئېلان قىلىنغان، بەزى دۆلەتلەردە مەكتەپلەر تاقالغانىدى. ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتى بەك يىراق بولمىغان ئۆتمۈشتە تۈركىيەگە دۈشمەن بولغان دۆلەتلەرنىمۇ قايغۇغا سالغانىدى.

مۇستاپا كامال تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى،  «مەملىكەتنىڭ تىنچلىقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى» پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا قۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغانىدى.

 نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانغا قەدەر تۈركىيەنى زىيارەت قىلغانىدى. ھەتتا ئاتاتۈركنى تونۇمايدىغان دۆلەتلەرمۇ تۈركىيەنىڭ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە قەد كۆتۈرگەنلىكىنى بىلەتتى ۋە ئۇنى قەدىرلەيتتى. شۇ ۋەجىدىن، مۇستاپا كامالنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى گېزىتلەرنىڭ بىرىنچى بېتىدە ئېلان قىلىندى. دۆلەت ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلار مەتبۇئاتلارغا ئاتاتۈركنىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

 بۇلارنىڭ بەزىلىرى:

1928-يىلى تۈركىيە ۋە ئاتاتۈركنى زىيارەت قىلغان ئافغانىستان پادىشاھى ئامانۇللاھ خان مۇستاپا كامالنىڭ ۋاپاتىغا بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاتاتۈرك پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل شەرق ئەللىرىنىڭمۇ ئاتاسى ئىدى.»

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەپىسى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان مەزگىلدە، گېرمانىيە تارىخچىسى پىروفېسسور ھېربېرت مېلزىگ ئاتاتۈرك ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئازاب-ئوقۇبەت دۇنياسىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ پەقەت ماددىي تەرەققىياتىغىلا ئەمەس، مەنىۋى تەرەققىياتىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىغانلار، ئاتاتۈركنىڭ ئېتىقادىي ۋە يول كۆرسەتكۈچى رەھبەرلىكىنى ئۈلگە قىلىشى، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىشى كېرەك.»

  تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلانمىغان گىرېتسىيەلىك گېنېرال مېتاكساسمۇ 1937-يىلى ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەندە،   مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بىلەن كۆرۈشكەنىدى. ئۇ ئاتاتۈركنى: «مەن ھەر دائىم ھەيران قالغان تۈركىيە خەلقىنىڭ شانلىق رەھبىرى» دەپ تەسۋىرلىگەنىدى. ئۇ مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايغۇسىنى مۇنداق ئىپادىلىگەنىدى: «ئاتاتۈرك تۈركىيە تارىخىدىكى تەڭداشسىز مەشھۇر شەخس بولۇپلا قالماي، يەنە تىنچلىقنىڭمۇ مىسلىسىز رەھبىرىدۇر. ئۇنىڭ مىراسى بولغان يېڭى تۈركىيە ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىدىغان ئابىدە بولۇپ قالىدۇ.»

ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «‹Times› گېزىتى»: ئاتاتۈرك ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغانىدى: «ئاتاتۈرك سۇلتانلارنىڭ شانۇ - شەۋكىتى ۋە خەلىپىلىكنىڭ جەلپكارلىقىغا پەرۋا قىلماي، نەزىرىنى قوشۇنلىرىنىڭ تايانچ كۈچى بولغان ئانادولۇ دېھقانلىرىنىڭ سۆيگۈسىگە ئاغدۇردى.»

  ئىراندا چىقىدىغان «‹تېھران› گېزىتى»: مۇستاپا كامالنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە مۇنداق  دەپ يازغانىدى: «ئاتاتۈرككە ئوخشىغان تالانت ئىگىلىرى پەقەت تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا ئۆلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مىراسلىرى ھەر دائىم مەڭگۈ ياشنايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر