ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى غەززە رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتمەكتە

كۆزنەك (62)

2061137
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى غەززە رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتمەكتە

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى ئالدىدا مۇداپىئەسىز ھالەتتىكى غەززە رايونىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتمەكتە

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى كىلىمات ئۆزگىرىشى ئالدىدا مۇداپىئەسىز ھالەتتىكى غەززە رايونىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتمەكتە.

ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن باشلاپ داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان غەززە رايونىدا مىڭلىغان پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرى رايوندا ئېغىر ۋەيرانچىلىقلار، مۇھىت بۇلغىنىش ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق ئاپەتلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدى.

پەلەستىن پۇقراۋى مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابېر بۇتمېھ، غەززە رايونى يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ رايونغا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە مۇھىتقا ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى غەززە رايونىدا مىڭلىغان پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن  بولدى، ئېغىر ۋەيرانچىلىق، مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئاممىۋى ساغلاملىق ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان غەززە خەلقى، ھۇجۇملار سەۋەبىدىن بولۇپمۇ سۇ مەنبەلىرىگە ئېرىشىشتە زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.

غەززە رايونىدا نۆۋەتتە بىر مىليون كىشى سۇ مەنبەلىرىگە ئېرىشىشتە قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلمەكتە.

سۇ مەنبەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىمۇ توك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللىقاچان توختاپ قالغان.

كىلىمات ئۆزگىرىشى كىرىزىسى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى قۇرۇپ، ۋەيران بولدى.

دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزچىللىقى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى.

سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن زىرائەتلەرنى سۇغىرىشمۇ ئىمكانىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى.

پاسكىنا سۇلار بىر تەرەپ قىلىنماي دېڭىزغا قويۇپ بېرىلمەكتە.

توقۇنۇشلار ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ھەر خىل ھاشارەتلەر ۋە زىيانلىق پارازىت قۇرتلار كۆپەيمەكتە.

پەلەستىن پۇقراۋى مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئابېر بۇتمېھ، كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن پەلەستىن خەلقىنىڭ قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆل-يېغىن كەمچىل بولۇش ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، تېمپېراتۇرانىڭ يازدا ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى ئۆرلەپ، قىشتا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇتمېھ يېقىنقى 14 يىلدا ھۆل-يېغىننىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن تېمپېراتۇرانىڭ ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، تېمپېراتۇرا ۋە ھۆل – يېغىن ئۆزگىرىشىنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تەھدىت ئاستىدا ياشىماقتا.»

بۇتمېھ  ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇملىرىنىڭ مۇھىتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرى تۇپراقتىكى، سۇدىكى، دېڭىز-ئوكيانلاردىكى، ھاۋادىكى جانلىقلارغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا ھەممىمىز بىرلىكتە شاھىت بولىمىز. نۆۋەتتە، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتتى. شۇڭا، ھازىر غەززە رايونىدىكى ئىچكىلى بولىدىغان سۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگەپ كەتتى.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تەھدىت ئاستىدا ياشىماقتا. نۆۋەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ چەكلىمىلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بىز كىلىمات ئۆزگىرىشى كىرىزىسىگە قارشى كۈرەش قىلالمايۋاتىمىز. پەلەستىن خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كىلىمات ئۆزگىرىشى كىرىزىسىگە قارشى باشقىچە تەدبىرلەر ئارقىلىق كۈرەش قىلىشقا، قولىمىزدىن كېلىشىچە كىرىزىسنى ھەل قىلىش چارەسى تېپىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز پەلەستىنلىكلەر ئۆز سۇ مەنبەلىرىمىزدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئىسرائىلىيەنىڭ چەكلىمىلىرىگە قارىماي، بىز داۋاملىق ھەل قىلىش چارەسى تېپىشقا تىرىشىمىز. پەلەستىندە كىلىمات ئادالىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز، ئەمما ئىشغالىيەت ئاستىدا كىلىمات ئادالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر