ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (54)

2037516
ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ شىپالىق رولى

ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئۈزۈم مۇرابباسى تەركىبىدىكى ئانتىئوكسىدانتلار ۋە مىنېرال ماددىلار جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئوزۇقلۇق مەنبەسىدۇر.

ئۈزۈم مۇرابباسى چۈشكۈنلۈككە شىپادۇر

ئەگەر دائىم ئىستېمال قىلىنسا، ئۈزۈم مۇرابباسى تەركىبىدىكى ماگنىينىڭ ياردىمىدە چۈشكۈنلۈك ۋە تەشۋىشسىزلىك كېسىلىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۆھپە قوشىدۇ. ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدىكى مول ماگنىي ماددىسى نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ ۋە «خۇشاللىق ھورمۇنى» دەپ ئاتىلىدىغان سېروتونىننىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ بولسا روھىي ساغلاملىققا زور تۆھپە قوشىدۇ. ئۇيقۇنى تەڭشەش ئىقتىدارى ماگنىينىڭ روھىي ساغلاملىقنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تۆھپىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

سۆڭەك ۋە چىش ساغلاملىقىنى كۈچەيتىدۇ

ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدە كالتسىي ماددىسى مولدۇر. كالتسىي سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ماددا. ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ كۆپ مىنېرال ماددا بولغان كالتسىينىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۆڭەك ۋە چىشىمىزدا بولىدۇ. كالتسىي سۆڭەك شالاڭلىشىشقا قارشى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك مىنېرال ماددا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۈزۈم مۇرابباسى تۆمۈر، سېلېن ۋە مىسنىڭ ياخشى مەنبەسى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام سۆڭەكلەرنى قوغداشقا ياردەم بېرىدۇ.

قان بېسىم ۋە يۈرەك ساغلاملىقىنى تەڭشەيدۇ

ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدىكى كالىي ماددىسى قان بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. كالىي بىر تەرەپتىن،  يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناترىينىڭ بەدەندىن تازىلىنىشىغا تۆھپە قوشىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، قان تومۇرنى كېڭەيتىپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كالىي يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق ياخشى ئېلېمېنتتۇر.

 ئۈچەي ساغلاملىقىڭىزنى تەڭشەيدۇ

ئۈزۈم مۇرابباسى قەۋزىيەتكە قارشى شىپالىق ئۇزۇقلۇقتۇر.

 راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ

تەبىئەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلاردىن بىرى ئەڭ كۆپ قىزىل ئۈزۈمدە بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۈزۈم مۇرابباسى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىسى ئەڭ مول ئۇزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە بۇ ماددا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى، كۆپىيىشى ۋە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ شىپالىق تەركىب راكنى داۋالاش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئەكس تەسىرلەرنىمۇ ئازايتىدۇ.

تېرە ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار تېرىنىڭ ساغلاملىقىغا، راكقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا تېرىڭىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەركىن رادىكاللارنى توختىتىش ئارقىلىق تېرىڭىزنىڭ قېرىش مۇساپىسىنى ئاستىلىتىدۇ.

تۆمۈر كەملىك كېسىلىگە شىپادۇر

ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر بولغاچقا، ئۇنى تۆمۈر كەملىك كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ھەيزدىن بۇرۇنقى جىددىيلىشىش ۋە ھەيز كېسىلىش ئالامەتلىرىگە پايدىلىقتۇر

ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدىكى ماگنىي ھەيز كېلىشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدىغان پەي تارتىشىش، باش ئاغرىش ۋە كەيپىيات ناچارلىشىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. ھەيزدىن بۇرۇنقى جىددىيلىشىش مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان بۇ ئالامەتلەر ھەيز مەزگىلىدىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدىكى ماگنىي ئاياللارنىڭ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىدىكى تەسىرىنى ئازايتىدۇ.

رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا شىپادۇر

ئۈزۈم مۇرابباسىنىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنىڭ ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى يۇقىرى. شۇ ۋەجىدىن، ئۈزۈم مۇرابباسى ئىستېمال قىلىش رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا پايدىلىقتۇر.

ئۈزۈم مۇرابباسىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى

ئۈزۈم مۇرابباسىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا شىپالىق رولىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلانغىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە دائىم 2 قوشۇق ئۈزۈم مۇرابباسى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ خىل ئۇسۇلدا دائىم ئىستېمال قىلغاندا، ئۈزۈم مۇرابباسى ئادەم بەدىنىنى زۆرۈر مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر