ئەللىك پىشلاقلىق شەھەر - بالىكەسىر

بىلىۋېلىڭ (53)

2036176
ئەللىك پىشلاقلىق شەھەر - بالىكەسىر

ئەللىك پىشلاقلىق شەھەر - بالىكەسىر

تۈركىيەنىڭ بالىكەسىر شەھىرىدە بىر – بىرىدىن ئېسىل ئونلارچە پىشلاق سورتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

 كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ تائام مەدەنىيەتلىرىنىڭ مۇھىم لەززەتلىرىدىن بىرى بولغان پىشلاقنىڭ تارىخى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000 - يىللارغىچە تۇتىشىدۇ. ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادىن تارقالغان دەپ قارىلىدىغان پىشلاق تۈركىيەدىمۇ كەڭ ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكتۇر. ئانادولۇنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ھەل خىل پىشلاقلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. تائام مەدەنىيىتى جەھەتتىن قوغدىلىدىغان، ناھايىتى زور ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بۇ پىشلاقلار تۈركىيەدە 1995-يىلدىن باشلاپ «جۇغراپىيەلىك كۆرسەتكۈچ» سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغان رايونغا خاس يېمەكلىك بولۇپ، بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا.

بالىكسىر تۈركىيەنىڭ پىشلاق ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئەڭ باي رايونلىرىنىڭ بىرى. بالىكەسىر رايونىنىڭ مۇنبەت تۇپراقلىرى ھەم مارمارا دېڭىزى قىرغىقى ھەم ئەگە دېڭىزى قىرغىقى بىلەن تۇتۇشىدۇ.  جۇغراپىيەلىك ۋە كىلىمات جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرى  بالىكەسىر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا مول مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇ رايوندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈركمەن - يۆرۈك، تاتار، بوشناق، ئالبان، گىرۇز، چەركەز  قاتارلىق چارۋىچىلىق ۋە سۈتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ تەسىرىدە، بۇ رايوندا سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يۇقىرى، زور ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە پىشلاقنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپتۇر. پەقەت بۇ رايوندىلا تىزىمغا ئېلىنغان 50 خىلغا يېقىن پىشلاق بار. تۈركىيەنىڭ «پىشلاق جەننىتى» دەپ ئاتالغان بالىكەسىر شەھىرىدە كۈنىگە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز توننا سۈت ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بالىكەسىر بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن تۈركىيەدىكى ئالدىنقى ئۈچ شەھەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بالكەسىردە چوڭ ۋە كىچىك تۇياقلىق  ھايۋانلار ئوتلاقلاردا تەبىئىي ئۇسۇللاردا ئوزۇقلىنىدىغان بولغاچقا ، بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان پىشلاقلار تېخىمۇ مەززىلىك بولىدۇ.

 گەرچە بالكەسىرنىڭ بەزى پىشلاق سورتلىرى ماركا سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچىسى بەزى يېزا-قىشلاقلاردا ۋە ئۆيلەردە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بىلىنمەيدۇ. بۇ لەززەتلەرنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇدا ئىككى يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، يەرلىك پىشلاقلار تونۇشتۇرۇلغان «ئەللىك پىشلاقلىق شەھەر - بالىكەسىر» نامىدا بىر كىتاب تەييارلاندى. بۇ كىتابتا بالىكەسىر شەھىرىدىكى پىشلاقلارنىڭ سورتلىرىنىڭ ھېكايىسى، تارىخى ۋە   ئىشلەپچىقىرىلىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلىدۇ.  بۇ كىتابتا يەنە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان پىشلاق سورتلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلىدۇ.

«ئەللىك پىشلاقلىق شەھەر - بالىكەسىر» ناملىق بۇ كىتاب 2019 – يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO)  تەرىپىدىن خىتاينىڭ «ئىجادىي شەھەر» ئۇنۋانىغا ئىگە ئاۋمېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ئاشپەزلىك ئىلمى ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ مۇنەۋۋەر كىتابلار مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتناشتۇرۇلدى.

بەررىن بال ئونۇر بىلەن نەشە ئاقسوي تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ كىتاب گېرمانىيە، كانادا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يېزىلغان ئەڭ ئىلغار 12 كىتابنى ئارقىدا قالدۇرۇپ،  «پىشلاق ۋە سۈت» كاتېگورىيەسىدە «دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر كىتاب» بولۇپ تاللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر