پرىگوجىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (53)

2031754
پرىگوجىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلىرى

 پرىگوجىننىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (53)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «پرىگوجىننىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتلىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

دەرۋەقە رۇسىيە چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىدىغان ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرى تۇيۇقسىز ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى سېپىدىن چېكىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغا، موسكۋاغا يۈزلىنىش ئارقىلىق بىر ئىسيان باشلىغان ئىدى. رۇسىيە ئارمىيەسى چارىسىزلىق ئىچىدە بۇ ئەھۋالغا قاراپ قىلىشقان بولسا، پۇتىنمۇ ئۆز ھاكىمىيەت دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئاخىرىدا، ۋاگنېر موسكۋاغا بېسىپ كىرىشكە 200 كىلومىتىر قالغاندا، بېلارۇسىيە رەھبىرى ئالېكساندېر لۇكاشېنكونىڭ ئارىلىشىشى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىلگىىرلەشنى توختاتقان ۋە ئارقىغا چېكىنگەن ئىدى. ۋاگنېر ئىسيانى يۈز بېرىپ ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەن ئەمدىكى ۋەزىيەتتە، بۇ گۇرۇپپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان رۇسىيەدە چۈشۈپ كەتتى ياكى چۈشۈرۈۋىتىلدى. ئۇنداقتا ۋاگنېر مەسىلىسى ئاخىرلاشتىمۇ ياكى كۈچ تالىشىش كۈرىشى داۋاملىشامدۇ؟

ئىككى ئاي ئىلگىرى موسكۋانىڭ دەرۋازىسىغىچە بېسىپ كەلگەن ۋاگنېر ئىسيانى، سىياسىي مۇزاكىرەلەر بىلەن باستۇرۇلغان ۋە پۇتىن راھەت بىر نەپەس ئالغان ئىدى. ئەمما، بۇ مەسىلىىنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلەتتى. ئاخىرىدا نۇرغۇنلىغان رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئالدىن پەرەز قىلغاندەك ۋاگنېر رەھبەرلىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى. رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «TASS» ئىچىدە يېۋگېنىي پرىگوجىنمۇ ئولتۇرغان ۋاگنېرغا تەۋە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن، ۋاگنېرغا تەۋە ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى گۇمان دەرھال ئەقىللەرگە كېلىشكە باشلىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ كەلگەن كۆرۈنۈشلەردە ئايروپىلاننىڭ پاچىئەلىك شەكىلدە چۈشۈپ كېتىشى، ھاۋادا پارچىلىنىش شەكلى ۋە خارابىلىققا ئايلانغان جاينىڭ ھەجىمى بىر پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى نامايان قىلماقتا ئىدى. ئۇچۇشنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرندىنمۇ يېۋگېنىي پرىگوجىننى ئېلىپ ماڭغانلىقى بىلدۈرۈلگەن « Embraer Legacy 600 (RA-02795)» تىپلىق خۇسۇسىي ئايروپىلاننىڭ 23 – ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00 دە موسكۋادىن پېتېرسبۇرگقا بېرىش ئۈچۈن ئۇچقانلىقى، ئەمما ئارىدىن سەككىز مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ھاۋادا ئوت ئېلىپ چۈشۈشكە باشلىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. رۇسىيە ئاۋىياتسىيە ئورگانلىرى، رۇسىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ يولۇچىلار تىزىملىكىدە ۋاگنېرنىڭ خوجايىنى يېۋگېنى پرىگوجىندىن باشقا يەنە، توققۇز كىشىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ يولۇچىلار تىزىملىكىدە ئىسىمى بولغان دىمىترىي ئۇتكىن ۋە ۋاگنېرنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدە مۇھىم رولى بولغان ۋالېرىي چېكالوۋنىڭمۇ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كرېمىل سارىيى ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىدە پۇتىن ياكى رۇسىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ قولى بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئەيىبلەشلەرنى ئېنىق بىر شەكىلدە رەت قىلدى. پۇتىنمۇ تەزىيەنامەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سىنلىق ئۇچۇر ئېلان قىلدى. ئەمما، سىندا ئارىلاشما ھېسسىياتلار ئىچىدە ئىكەنلىكىگە دائىر ئالامەتلەر كۆرۈلدى. نەتىجىدە ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ 24 – ئىيۇندا ئۇكرائىنانىڭ ئالدىنقى سېپىدىن چېكىنىپ، تۇيۇقسىز رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى ۋە روستوۋغا ئوخشاش شەھەرلەرنى كونتىروللۇقى ئاستىغا ئېلىپ، موسكۋاغا قاراپ يۈرۈش قىلىشى، بەلكىم دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغانغا ئوخشاش، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىمۇ چۆچۈتكەن بولۇشى مۇمكىن.

رۇسىيە بېقىپ چوڭ قىلغان ۋە گويا ھېساب سورىغىلى بولمايدىغان بىلەك كۈچى سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان ۋاگنېر، بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە رۇسىيەنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن چوڭ تەھدىتكە ئايلانغان ئىدى.

ۋاگنېرنىڭ بۇنداق جسارەت بىلەن موسكۋانى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى، مەسىلىنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيە سەرخىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تالىشىش كۈرىشى بارلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. رۇسىيەنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن پرىگوجىن باشچىلىقىدىكى ۋاگنېر ئوتتۇرىسىدا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى. بولۇپمۇ پرىگوجىن شۇ كۈنلەردە ناھايىتى كەسكىن باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ ۋە باش ئىشتاب باشلىقى گېراسىموفنى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ناھايىتى ناچار باشقۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

مانا ئەمدىلىكتە ۋاگنېرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى يوقىتىلغاندىن كېيىن «رۇسىيە ئىچىدىكى كۈچ تالىشىش كۈرىشىدە پۇتىن بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلغانلار غەلىبە قىلدى» دېيىشكىمۇ بولىدۇ. پۇتىنمۇ ۋەيران بولغان ئابرۇيىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولدى. ئەمما، ۋاگنېرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەلگۈسى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا پايدىلىنىپ-پايدىلانماسلىق، ۋاگنېرنىڭ ئافرىقا ۋە سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى نامەلۇم. رۇسىيە ئارمىيەسى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ۋاگنېرنى ئۆزگەرتىپ قايتىدىن كونتروللۇق ئاستىغا ئلغاندىن كېيىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقى مەلۇم، ئەمما بۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر