مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشى ۋاسىتىلىك ھالدا ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنى كۆپەيتمەكتە

كۆزنەك (47)

2014129
مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشى ۋاسىتىلىك ھالدا ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنى كۆپەيتمەكتە

مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشى ۋاسىتىلىك ھالدا ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنى كۆپەيتمەكتە

مۇتەخەسسىسلەر كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن قۇتۇپ مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ يەر شارىۋى ھاۋا ئىسسىپ كېتىش ھادىسىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقى، شۇنداقلا قۇرغاقچىلىقنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ھاۋارايى ھادىسىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

قۇياش نۇرىنىڭ تەخمىنەن % 80 ىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيادا ھاۋانىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قۇتۇپ مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىشىنىڭ يىلسېرى كۆپىيىشى ھىدرومېتىېئورولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا تەسىر كۆرسىتىپ، ھاۋارايى ھادىسىلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كۆپەيتمەكتە. ھاۋارايىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى قۇرغاقچىلىقنى، ھۆل - يېغىن ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە قۇرغاق ھەم كۈچلۈك بوران - چاپقۇن شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بۇ ھاۋارايى ھادىسىلىرى بولسا ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردۇر.

بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتىتى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە سىياسەتلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور مۇرات تۈركەش مۇنداق دەيدۇ: قۇتۇپ مۇز تاغلىرى، مۇز قالقانلىرى، دېڭىز - ئوكيان مۇزلۇقلىرى ۋە ئېگىز تاغلاردىكى ئېگىزلىك جىلغىسى مۇزلۇقلىرىدىن تەركىب تاپقان مۇز قاتلاملىرى ئىقلىم سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان تەركىبلەرنىڭ بىرى.

تۈركەش مۇز تاغلىرىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن چوقۇم قار يېغىشى، قارنىڭ يەر يۈزىدە بىر مەزگىل تۇرۇشى ۋە  تاغلارنىڭ ئۈستىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئەتراپىدا مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىقلىمنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش مەنبەسىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. يېقىنقى 50 يىلدا دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مۇزلۇقلارنىڭ ھەجمى كىچىكلەپ، دائىرىسى تارىيىۋاتىدۇ. چۈنكى ھاۋا ئىسسىپ كېتىۋاتىدۇ، قار يېغىش ئازىيىۋاتىدۇ. قار ياغقان تەقدىردىمۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تېز ئېرىپ، مۇزلۇقلارنى ئوزۇقلاندۇرالمايۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال تۈركىيەدىمۇ شۇنداق. ئەگەر مۇزلۇقلار مۇشۇنداق تېز سۈرئەتتە داۋاملىق ئېرىپ كېتىۋەرسە، قۇتۇپلاردا ھاۋا كېيىنكى ئەسىردە قاتتىق ئىسسىپ كېتىدۇ. پۈتۈنلەي ئېرىپ كەتكەن بىر دۇنيا بەلكىم بۈگۈنكىدىن 10 سېلسىيە گىرادۇس ئىسسىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ تۈركىيەدە ئىسسىق بەلۋاغ، ئىنتايىن ئىسسىق، ئىنتايىن قۇرغاق شارائىتنىڭ جانلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.»

پىروفېسسور دوكتور تۈركەش ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ «يېزا ئىگىلىكىدە ئېغىر كىرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشى، سۇ بايلىقىنىڭ ئازىيىشى، ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ھەم دائىرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئۇ ئۇزاق مەزگىلدە ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپىنىڭ ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كۈز ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە سوزۇلىدىغانلىقى ۋە  كەڭ كۆلەملىك ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپىنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

تۈركەش  كەڭ كۆلەملىك ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنىڭ نەچچە ئون مىڭ يىل مابەينىدە شەكىللەنگەن ياشاش مۇھىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئورمانلار كاربون چۆكمىسى مەزگىلىدە كۆيگەندە كاربون تۆت ئوكسىد ئاتموسفېراغا تارقاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئورمانلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى سۇ بايلىقىنىڭ ئازىيىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھاۋا قاتتىق ئىسسىق، ھورلىنىش تېز،  ھورلىنىش مىقتارى كۆپ، ھىدرولوگىيەلىك دەۋرىيلىنىش كۈچلۈك بولغان بىر دۇنيادا كەلكۈن، تاشقىن ۋە يەر كۆچۈش قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. ئەگەر كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، بۈگۈنكى كۈندە كۆرۈلۈۋاتقان سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن،  بىز مۇشۇ ئەسىر ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ئەڭ ناچار ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلايمىز.»

«مۆلچەرلىشىمچە، تۈركىيەدە ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە ئىنتايىن ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىدۇ.»

 ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتى ئورمانچىلىق فاكۇلتېتى ئورمانچىلىق ئىنژېنېرلىقى بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور يۈسۈف سەرەنگىل بولسا، گەرچە مۇز تاغلىرى ئورمان ئوت ئاپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما پەسىللەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ھورلىنىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، بىز قۇرغاق مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. قۇرغاقچىلىق ھاۋا نەملىشىش بىلەن تېمپېراتۇرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى بولۇپ، بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى، ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھاۋا نەملىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، بۇنىڭ ئارتۇقچە بېسىم مەنبەسى بولۇشىدۇر. ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى پەقەت ئورمان ئوت ئاپىتىدىنلا ئەمەس، يەنە دەريا ئېقىنلىرىمىزنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ.»

پىروفېسسور دوكتور يۈسۈف سەرەنگىل كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ھالقىلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئورمان ئوت ئاپەتلىرى پەسلى مەملىكىتىمىزدە (تۈركىيەدە) ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى باشلىنىپ، سېنتەبىر  ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. قىش ئايلىرىنىڭ ئىللىق ئۆتۈشى بىز ئۈچۈن ئورمان ئوت ئاپىتى پەسلىنى ئۇزارتىدۇ. قىسقىسى، بۇ ئەھۋال يېقىلغۇ قۇرۇق بولغان مەزگىلنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئورمان ئوت ئاپىتى ماي ئېيىنىڭ باشلىرىدىن ئۆكتەبىر ئېيىغىچە داۋاملاشماقتا.»

«قۇتۇپ مۇزلۇقلىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ سۇ سىستېما ئىچىگە كىردى، قۇياشتىن تېخىمۇ كۆپ كەلگەن ئېنېرگىيەنىڭ تۈرتكىسىدە سىستېمىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشتى، تېخىمۇ تېز دەۋرىيلىنىش ئەھۋاللىرى مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ شىددەتلىك ھۆل – يېغىننى كۆرۈش ئېھتىماللىقى كۆپىيىپ كەتتى.»

پىروفېسسور دوكتور سەرەنگىل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «مۆلچەرلىشىمچە، تۈركىيەدە ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە ئىنتايىن ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر