كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - كاستامونۇ پومپېئوپولىس قەدىمكى شەھىرى ۋە ئىنەبولۇ

بۇ ھەپتە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، كاستامونۇ پومپېئوپولىس قەدىمكى شەھىرى ۋە ئىنەبولۇنى ساياھەت قىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2013626
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - كاستامونۇ پومپېئوپولىس قەدىمكى شەھىرى ۋە ئىنەبولۇ

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - كاستامونۇ پومپېئوپولىس قەدىمكى شەھىرى ۋە ئىنەبولۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نىڭ يېڭى جايلارنى كۆرۈش، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا خۇشتار يولۇچىلىرى، كېمىمىزگە خۇش كەپسىلەر! بۈگۈن بىز ئۆستەڭلىرى، شارقىراتمىلىرى، ئۆڭكۈرلىرى، قەدىمكى شەھىرى ۋە دۆلەتلىك باغچىسى بىلەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان سېھرىي كۈچكە ئىگە گۈزەل شەھەر كاستامونۇنى ساياھەت قىلىمىز.

قارا دېڭىز رايونىنىڭ ئاجايىپ يۈكسەك سېھرىي كۈچكە ئىگە مەنزىرىلىك شەھەرلىرىنىڭ دېڭىز قىرغاق بويلىرى ياپيېشىل ئورمانلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، يېشىللىقلار دېڭىزنىڭ كۆپكۆك رەڭگىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ. ساياھىتىمىز جەريانىدا سىلەرنىڭمۇ بۇنى بايقىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. بۈگۈنكى بېكىتىمىز قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل شەھەر كاستامونۇ؛  بۇ يەردە كۆپكۆك دېڭىز بىلەن ياپيېشىل ئورمانلىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. كاستامونۇنىڭ تارىخى ھىتىتلارغا تۇتىشىدۇ. دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇنلۇقى 170 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ شەھەر نۇرغۇن كىشىلەر بىلىپ كەتمەيدىغان دېڭىز قولتۇقلىرى بىلەن تولغان. قولتۇقلار «قارام قارا دېڭىزنىڭ مۇلايىم پاناھلىنىش ئورۇنلىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىز كاستامونۇ ساياھىتىمىزنى گىنولۇ قولتۇقىدىن باشلايمىز. بۇ كىچىك ھەم باشقىلار تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك بايقالمىغان بىر قولتۇق. قولتۇقتىن يۇقىرىغا قارىغىنىڭلاردا، جەنەۋىزلەر دەۋرىدىن قالغان گىنولۇ قەلئەسىنى كۆرىسىلەر. بىز كېمىمىز بىلەن دېڭىزنى بويلاپ ئىلگىرىلەپ، بىر – بىرىدىن گۈزەل قولتۇقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىمىز. بۇ جەرياندا، مەن سىلەرگە كاستامونۇنىڭ تاشكۆپرۈ ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىنتايىن مۇھىم قەدىمىي شەھەر پومپېئوپولىس ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتىمەن. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ يەرنىڭ نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولسىمۇ، ئارخېئولوگلار بۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ ئەفەس ۋە زېئۇگماغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. قەدىمكى شەھەردە قېزىش – تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، ئۇ ھازىر زىيارەتچىلەرگە ئوچۇق ئەمەس. شۇڭلاشقا، مەن سىلەرگە بۇ مۇھىم شەھەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتىمەن.

قارا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمى قەدىمكى دەۋرلەردە پافلاگونىيە رايونى دەپ ئاتىلاتتى. پومپېئوپولىس يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بويىچە پافلاگونىيەنىڭ پايتەختى بولىدۇ. قەدىمكى شەھەر قارا دېڭىز بىلەن ئوتتۇرا ئانادولۇ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش تۈگۈنى بولغاچقا، بولۇپمۇ رىم دەۋرىدە ھەربىي ۋە سودا نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

پومپېئوپولىس رىم دەۋرىدە ئانادولۇدا قۇرۇلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. قېزىش – تەكشۈرۈش جەريانىدا تېپىلغان قالدۇقلار بۇ مۇھىم شەھەرنىڭ ئۆتمۈشىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ قەدىمكى شەھەر بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن «ئىلاھە موزايكىسى» پومپېئوپولىسنى پۈتۈنلەي باشقىچە بىر نۇقتىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ موزايكا ناھايىتى كەڭ رايونغا سېلىنغان  «رىم داچىسى» ناملىق بىنادىن تېپىلغان بولۇپ، ئارخېئولوگلار «ئىلاھە موزايكىسى»نىڭ زېئۇگمادىكى موزايكالار بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ۋە قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، باشقا قېزىش ئورۇنلىرىدىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش موزايكىلارنىڭ تېپىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. ئىلاھە موزايكىسى بۈگۈنكى كۈندە كاستامونۇ ئارخولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. شەھەر مەركىزىنى ئايلىنىشقا باشلىغىنىمىزدا، سىلەر مۇزېيغا بېرىپ، بۇ ئاجايىپ موزايكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. شەھەر مەركىزىدىكى بىزنى كۈتۈۋاتقان يەنە بىر  جاي بولسا، ئەۋكايا قەبرىستانلىقى بولۇپ، رىم دەۋرىدىن قالغان بۇ تاشقا ئۇيۇلغان قەبرىلەر 2700 يىللىق تارىخقا ئىگە.

*  *  *  *

بىز ئەمدى كاستامونۇنىڭ چوڭ ۋە كىچىك قولتۇقلىرى جايلاشقان دېڭىز قىرغىقى سەپىرىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى ئىنەبولۇغا بۇرايمىز. ئىنەبولۇ بىر پورت شەھىرى. بىز بىر ئازدىن كېيىن پورتقا يېتىپ بېرىپ، «سەيياھ»ىمىزنى لەڭگەرلەيمىز. بۇ يەر دېڭىزى، سۇ ئۈزۈش ئورۇنلىرى، تەبىئىي مەنزىلىرى بىلەنلا ئەمەس، ئەنئەنىۋى بىناكارلىقى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

كېلىڭلار، ھەممىمىز بىرلىكتە شەھەر مەركىزىگە بېرىپ، داڭقى پۇر كەتكەن ئىنەبولۇ ئۆيلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلايلى؛ كۆرۈۋاتقنىڭلاردەك، بۇ ئۆيلەر «ۋاكسېنا سىر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئالاھىدە سىر بىلەن سىرلىنىدىغان بولغاچقا، رەڭگى سېرىق بولىدۇ. ۋاكسېنا سىرى ئەمەلىيەتتە تەركىبىدە تۆمۈر ئوكسىد بولغان قىزغۇچ رەڭلىك لاي- مىنېرال بىرىكمە بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى قىزىل سىر دەپ قارىلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆڭكۈر تاملىرىغا سىزىلغان قەدىمكى رەسىملەر مانا بۇ سىر بىلەن سىزىلغانىدى. جەلپكار ئىنەبولۇ ئۆيلىرى ئادەتتە ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، باغنىڭ ئوتتۇرىسغا سېلىنىدۇ. ھازىر بىز مۇزېي رولىنى ئويناۋاتقان ئۆيلەرنىڭ بىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئۆيلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىندىن نەزەر تاشلاپ باقايلى. بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە ھاجەتخانا ۋە مۇنچا بارلىقىنى كۆرىسىلەر. بۇ ئۆيلەرنىڭ سىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بار؛ ياتاق ئۆيىدىكى كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئىشىكىگە ئوخشايدىغان ئىشىكنى ئاچقىنىڭلاردا، ھەيران بولماي تۇرالمايسىلەر. چۈنكى بۇ ئىشكاپ ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى  كۈندىكى ئاتا – ئانىلار مۇنچىسىنىڭ رولىنى ئوينايدىغان كىچىك بىر مۇنچا.

ئەگەر دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئۆستەڭلىرىنىڭ بىرى بولغان ۋاللا جىلغىسى ۋە ياۋروپانىڭ سەرخىل قوغداش رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان كۈرە تاغلىرى دۆلەتلىك باغچىسىنى كۆرۈشنى خالىساڭلار، ئالدىمىزدىكى ھەپتىنىڭ دەل مۇشۇ كۈنى مۇشۇ ۋاقتى ئۈچۈن، كېمىمىزدىن ئورۇن ئايرىتقۇزۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر