كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - تارىخىي شەھەر سىنوپ

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، سىنوپنى سەيلە قىلىمىز.

2007718
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - تارىخىي شەھەر سىنوپ

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - تارىخىي شەھەر سىنوپ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»قا خۇش كەپسىلەر! شۇنداق، بۈگۈن زامانىمىزدىن تەخمىنەن 2500 يىللار ئىلگىرى ئاددىي تۇرمۇش پەلسەپىسىنىڭ ئۇلى قويۇلغان بىر جاينى، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،  تۈركىيەنىڭ ئەڭ شىمالىي چېتىدىكى سىنوپنى سەيلە قىلىمىز...

بىز — ئىنسانلار — نىڭ ھەمىشە ئارزۇلايدىغان بىر نەرسىلىرىمىز بولىدۇ؛ تېخىمۇ ياخشى ئۆي، تېخىمۇ ياخشى ماشىنا، يېڭى كىيىم - كېچەكلەر، بايلىق، كۈچ ۋە ۋاھاكازالار... قەدىمكى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن بىر پەلسەپەۋى تەپەككۇر سىستېمىسى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىدۇ. «كىنىكىزم» دەپ ئاتالغان بۇ ئېقىم، كىشىلەرنىڭ تەبىئىي ۋە ئاددىي تۇرمۇشنى تاللىشى ۋە ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بەلكىم سىلەر بۇ ئېقىمىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشىڭلار مۇمكىن. ئەمما ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ «مەندىن نېمىنى خالىساڭ شۇنى تەلەپ قىل» دېگەن سۆزىگە «سايە سالما، باشقا ياخشىلىق خالىمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. مانا بۇ سۆزنى قىلغان كىشى، سىنوپلۇق دىيوژېن! بۈگۈن بىز ئەنە شۇنىڭ يۇرتىغا بارىمىز.

سىنوپنىڭ تارىخى بۇنىڭدىن تەخمىنەن بەش مىڭ يىللار بۇرۇن باشلانغان؛ بۇ شەھەر قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا دېڭىز سودىسىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن بولغاچقا، ئەسىرلەردىن بۇيان نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان. بۇ يەردە فرىگيان، پارس، رىم، ۋىزانتىيە، سەلجۇق ۋە ئوسمانلى دۆلەتلىرى ھۆكۈم سۈرگەن. چۈنكى قەدىمكى چاغلاردا قارا دېڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بەل باغلىغان ھەر بىر مەدەنىيەت ئالدى بىلەن سىنوپنى قولغا كىرگۈزەتتى.

سىنوپ يېرىم ئارال شەكلىدە دېڭىزغا قاراپ سوزۇلغان بىر شەھەر بولۇپ، ئۈچ تەرىپى دېڭىز بىلەن قورشالغان. بىز سىنوپنى ئەڭ شەرقىي چېتىدىن باشلاپ ئايلىنىپ ئۆتىمىز. مەن سىلەرگە ئۇنىڭ بىر - بىرىدىن مەنزىرىلىك ۋادىلىرى ۋە قۇملۇق دېڭىز ساھىللىرىنى كۆرسىتىمەن! كېمىمىزنى سىنوپ پورتىدا توختىتىپ قويۇپ، ۋاقىتنى زايە قىلماستىن بۇ گۈزەل شەھەرنى سەيلە قىلىشنى پورتتا بىزنى قارشى ئېلىۋاتقان سىنوپ قەلئەسىدىن باشلايلى. قەلئەنىڭ قاچان سېلىنغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما پونتۇس پادىشاھىنىڭ تىياتىرخانا، چېنىقىش ئۆيى، ئوردا  شۇنداقلا شەھەرنىڭ ئەتراپىغا سېپىل سوقتۇرغانلىقى مەلۇم. رىم، ۋىزانتىيە، سەلجۇق ۋە ئوسمانلى دەۋرىدە قەلئە ساقلىنىپ قالغانىدى. كېلىڭلار، ئەمدى تىك پەلەمپەيلەر ئارقىلىق قەلئەنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، سىنوپنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلايلى.

*  *  *  *

ئەمدى ئانادولۇ سەلجۇقىيلار سۇلتانى ئالائاددىن كەيكۇبات تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان ئالائاددىن جامەسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىمىز؛ 800 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئارقىدا قالدۇرغان بۇ جامە سىنوپتىكى ئەڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جامەنىڭ ئارقىسىدىكى كوچىدا پەرۋان مەدرىسىسى بار بولۇپ، بۇ مەدرىسە مەرمەر تاشتىن ياسالغان كىرىش ئېغىزى، بېزەكلىرى، فونتان ۋە ئۆيلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىر چاغلارنىڭ مائارىپ مەركىزى بولغان بۇ مەدرىسە، بۈگۈنكى كۈندە يەرلىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىلىق رولىنى ئوينىماقتا.

ھازىر بىز سىنوپ شەھەر مەركىزىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر بىنانى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىچكى قەلئە دەپ ئاتىلىدىغان يەرگە جايلاشقان تارىخىي سىنوپ تۈرمىسى مۇزېيىنى ئېكسۇرسىيە قىلىمىز. سىنوپ دېيىلگەن ھامان كىشىلەرنىڭ ئېسىگە كېلىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى دىيوژېن بولسا، يەنە بىرى بۇ تۈرمە. بۇ يەر بىر چاغلاردا «ئانادولۇنىڭ ئالكاترازى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئوڭغۇل – دوڭغۇل يەر شەكلى، قوش سېپىللىق قۇرۇلمىسى ۋە دېڭىز سەۋەبىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان يەر دەپ قارىلاتتىكەن. شۇ ۋەجىدىن بۇ يەر مەشھۇر ئالكاتراز تۈرمىسىگە ئوخشىتىلغانىكەن. بۇ يەر دەسلىپىدە كېمىسازلىق زاۋۇتى سۈپىتىدە سېلىغان بولسىمۇ، ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان. ئەدەبىيات- سەنئەت دۇنياسىدىكى مۇھىم شەخسلەر بىر زامانلاردا بىر مەزگىل بۇ تۈرمىگە قامالغان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ تۈرمە ئوچۇق ساھە مۇزېي سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا. خېلى كۆپ سالماقتىكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە كىنو – فىلىملەر تارىخنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ تۈرمىدە سۈرەتكە ئېلىنماقتا. ئېگىز تاملىرى، زىندان، سارايلىرى... قىسقىسى ئەسلىدىكى ھالىتى ساقلىنىپ قالغان تارىخىي سىنوپ تۈرمىسى مۇزېيى زىيارەتچىلەرنى قارشى ئالماقتا.

بۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە قۇرۇلۇشقا يېقىنلا يەردە مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن داڭلىق مۇتەپەككۇر دىيوژېننىڭ ھەيكىلى بار. كىنىكزم پەلسەپىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى بولغان دىيوژېن، ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارقىلىق بەختكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ئۆزىمۇ بىر چوڭ كوزىدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۈندۈزلىرى قولىغا بىر چىراغ ئېلىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ، سەمىمىي ئادەم ئىزدەيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندۇ. كوزا ئۈستىدىكى چىراغ كۆتۈرۈۋالغان دىيوژېن ھەيكىلى دەل يۇقىرىدىكى ھېكايىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر