يەرشارى يالتىراق كېلىشىمى دۇنيانىڭ يالتىراق بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

كۆزنەك (44)

2003791
يەرشارى يالتىراق كېلىشىمى دۇنيانىڭ يالتىراق بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

يەرشارىۋى سۇلياۋ كېلىشىمى سۇلياۋ بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

يالتىراق (سۇلياۋ) كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى باسقۇچلۇق ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەتنىڭ نىشانى، يالتىراق بىلەن بۇلغىنىشقا تاقابىل تۇرۇش ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ئورتاق نىشانغا يېتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشتۇر.

پارىژ كىلىمات كېلىشىمىدىن كېيىن، دۇنيا رەھبەرلىرى مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىدە يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىمزالاشنى قوبۇل قىلغان بۇ كېلىشىم يالتىراق بىلەن بۇلغىنىشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان چارە - تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ بۇ قانۇنىي كۈچكە ئىگە كېلىشىم مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ – قىلالمايدىغانلىقى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

بۇ كېلىشىم نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت ئاسراش پىروگراممىسىنىڭ «پۈتكۈل دۇنيا قانداق قىلغاندا سۇلياۋ بىلەن بۇلغىنىشغا خاتىمە بېرىپ، ئايلانما ئىقتىساد بەرپا قىلالايدۇ؟» تېمىلىق ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەگەر نۆۋەتتىكى يالتىراق بىلەن بۇلغىنىشقا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ئىزچىل داۋاملاشسا، دۇنيا 2040-يىلغا بارغاندا 420 مىليون توننا ئەخلەت دۆۋىلىرى ھاسىل قىلىدىكەن. لېكىن تېخىمۇ ياخشى چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قالدۇق يالتىراقنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ پايدىلىق مەھسۇلاتلارغا ئايلاندۇرۇپ، كۈندىلىك ھاياتتىكى سىستېمىمىزغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماسلاشتۇرساق، بۇ ئومۇمىي ئەخلەت دۆۋىلىرىنىڭ 30 پىرسەنتىدىن قايتا پايدىلانغىلى بولىدىكەن.

يالتىراق بىلەن بۇلغىنىشقا قارشى كۈرەشتە بۇ قانۇنىي كۈچكە ئىگە كېلىشىمنىڭ تېمىسىنى ئايلانما ئىقتىساد پىرىنسىپىغا تايىنىش ۋە تاشلاندۇقلاردىن قايتا پايدىلىنىشنى تەشۋىق قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر تەشكىل قىلىدىكەن.

يالتىراق بىلەن بۇلغىنىش ئەڭ كۆپ ئاسىيا قىتئەسىدىن تارقىلىدىغان بولۇپ، تارقىلىش نىسبىتى % 80.99 گە يېتىدىكەن.

ئىستېمالچىلار  بۇ بۇ قانۇنىي كۈچكە ئىگە كېلىشىمگە ئەمەل قىلارمۇ؟

ئەگەر 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يالتىراق بىلەن بۇلغىنىشنى ئازايتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانسا، ئىستېمالچىلار چوقۇم بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. تاللا بازارلىرىدىكى يالتىراق خالتا چەكلىمىسى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ، ئەلۋەتتە.

بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، دۇنيادا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 70 كىشى يالتىراق بىلەن بۇلغىنىشقا خاتىمە بېرىش كۈرىشىنى قوللايدىكەن.

يالتىراق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئوخشاش قاراشتا ئەمەس

يالتىراق قالدۇقلىرىدىن قايتا پايدىلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە ھەممە ئوخشاش قاراشتا ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ھەقتە چىقىرىلغان قارارلارنى قوللىسىمۇ، ئەمما يالتىراق ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بۇ چەكلىمىلەرنى خالىمايدۇ. چوڭ نېفىت - خىمىيە شىركەتلىرى يالتىراق ئىشلەپچىقىرىش چەكلىمىسىدىن نارازى بولماقتا. شۇڭا بۇ شىركەتلەر كەلگۈسى 20 يىلدا سۇلياۋ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

دېڭىز - ئوكيانلار ۋە دەريالاردىكى يالتىراق بىلەن بۇلغىنىشقا ئاساسلىقى سۇلياۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىك قاچىلىرى، پىلاستىك شېشىلەر، ھايۋانات يېلىملىرى، بىرىكمە ئارغامچىلار، سۇلياۋ قاچىلار، بېلىقچىلىققا مۇناسىۋەتلىك يالتىراقلار، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئورالمىلىرى، ئەينەك بوتۇلكىلار ۋە ئىچىملىك ​​قۇتىلىرى قاتارلىقلار سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر