كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن (3)...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، سامسۇندىكى قىزىل ئىرماق (دەريا / ئېقىن) ۋە يېشىل ئىرماق دېلتالىرىنى سەيلە قىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

1996821
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن (3)...

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - سامسۇن (3)...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئانادولۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان ھەيۋەتلىك بىر دەريا بار؛ ئۇ بولسىمۇ، ئىسمى تېگىنىڭ قىزىل رەڭگىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان قىزىل ئىرماقتۇر. قىزىل ئىرماق تۈركىيە زېمىنلىرىدا ھاسىل بولۇپ، يەنە بۇ زېمىنلاردا دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان دەريالارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى. ئۇ ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىلەردىكى نۇرغۇن تۇپراقلارغا ھاياتلىق بېغىشلىغان ھالدا، سامسۇندا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. بىز بۈگۈن ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»قا ئولتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونى قىرغىقىدىكى سامسۇننىڭ قىزىل ئىرماق دېلتىسىنى سەيلە قىلىمىز. مەن سىلەرگە قىرغاقتىن بىر ئاز يىراق يەردە قىزىل ئىرماق سايىسىدا ھاسىل بولغان ئۆزگىچە بىر دۇنيانى كۆرسەتمەكچىمەن. شۇنداق، دېڭىزدىن يىراقلاشساقمۇ، سۇلاردىن يىراقلاشمايمىز.

*  *  *  *

كىشىلەر قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ قىزىل ئىرماق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىدۇ. دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا ئىز قالدۇرغان نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر قىزىل ئىرماق ھاياتلىق بېغىشلىغان بۇ ئويمانلىقتا ياشايدۇ. ئاشۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان ھىتىتلار بۇ دەريانى ئۆز تىلىدىكى «قىزىل» ۋە «دەريا» دېگەن ئىككى سۆز بىلەن ئاتىغان بولۇپ، تۈركچە ئىسمىمۇ ھىتىت تىلىدىكىگە ئوخشاشلا ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپىدۇ. بويىغا توسما ياسالغان دەۋرلەرگىچە ئۆركەشلەپ ئېقىشنى داۋاملاشتۇرغان قىزىل ئىرماق، ئۇرۇشلارغا، تىنچلىق ئورنىتىشلارغا ۋە دۆلەت چېگرالىرىنىڭ بېكىتىلىشلىرىگە گۇۋاھ بولىدۇ... قىزىل ئىرماق ئەتراپىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلاردا نۇرغۇن تۆپىلىكلەر ۋە ئولتۇراق رايون قالدۇقلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ھەيۋەتلىك ئېقىن ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر، پەرقلىق دەۋرلەرگە مەنسۇپ تاش قەبرىلەر، قەلئەلەر ۋە كۆۋرۈكلەر قاتارلىق قەدىمكى دەۋرلەرنىڭ ئىزلىرىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلدى.

مەدەنىيەتلەر سۇ بويلىرىدا بەرپا قىلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سۇلار ۋە سۇ بويلىرى بىز ئىنسانلاردىن بۇرۇن باشقا جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق ماكانى بولىدۇ. قىزىل ئىرماق ۋە ئۇنىڭ ناھايىتى كەڭ رايونغا تارقالغان ئويمانلىقى مىڭلىغان جانلىقلارغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. يەر مەيدانى 78 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ ئويمانلىقنىڭ چوڭلۇقى سېربىيە زېمىنىغا تەڭ كېلىدۇ. بۈگۈن بىز بۇ ئويمانلىق باغرىغا بېسىپ ياتقان تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئەت سىستېمىلىرىنىڭ بىرى بولغان قىزىل ئىرماق دېلتىسىغا بارىمىز. بۇ دېلتا قىزىل ئىرماقنىڭ نەچچە ئون مىڭ يىل بويىچە دېڭىزغا لاي، قۇم ۋە تۇپراق ئېقىتىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن. قۇش جەننىتى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ دېلتىدا قومۇشلۇقلار، سازلىقلار، نۇرغۇن چوڭ-كىچىك كۆللەر ۋە سۇ ئورمانلىرى قاتارلىق ئوخشىمىغان يەرلەر بار. دېلتانىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەرلىرىنىڭ بىرى كۆل بىلەن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قۇم بارخانلىرىدۇر. قۇم بارخانلىرى قىرغاقنى بويلاپ سوزۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئۈچ قەۋەت بىناچىلىك كېلىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ ھەر بىرىدە ئوخشىمىغان تۈردىكى جانلىقلار ياشايدۇ. قۇشلار بۇ رايوندا ياشايدىغان مۇھىم جانلىقلار ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قىزىل ئىرماق دېلتىسىدىكى قۇش جەننىتى تۈركىيەدىكى قۇشلارنىڭ تەخمىنەن %75 نىڭ كۆپىيىش ۋە ياشاش رايونى. بۇ رايون بەزى قۇشلارنىڭ دائىملىق ماكانى بولسا، يەنە بەزى قۇشلار نەچچە يۈز كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ بۇ يەرگە كېلىدۇ. دېلتا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم سۇلۇق يەرلەرنىڭ شۇنداقلا دۇنيادىكى سۇ قۇشلىرىنىڭ ئۈچ كۆچۈش يولىنىڭ بىرى. ئۇ قۇشلارنىڭ بەزىلىرى بۇ يەردە ئارام ئېلىپ، يوللىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، يەنە بەزىلىرى بۇ يەردە ئۇۋا ياساپ، تۇخۇم باسىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن قىزىل ئىرماق دېلتىسى ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ دۇنيا تەبىئەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋاقىتلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئەمدى بىز قىزىل ئىرماق قۇش جەننىتىگە بېرىپ، پەيلىرى رەڭگارەڭ، تۇمشۇقلىرى ئۇزۇن، بەزىلىرى كۆل بويلىرىدا دانلاۋاتقان، بەزىلىرى شاخ – شۇمبىلار ئۈستىدە ئارام ئېلىۋاتقان ھەر خىل قۇشلارنى كۆزىتىپ باقايلى.

*  *  *  *

بۇ يەردىكى سۇلۇق جاي جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى سەۋەبىدىن يەر شارىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، سەل سۈلىرىنى زاپاسلاش ئارقىلىق كەلكۈنلەرنى تىزگىنلەيدۇ، كىلىماتقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بېلىقچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە ساياھەت قاتارلىق ئىشلاردا دۆلەت ئىقتىسادىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. ئەمدى، ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»تىكى ئورنىمىزغا ئولتۇرۇپ، سامسۇندىكى يەنە بىر مۇھىم سۇلۇق يەرگە قاراپ يولغا چىقايلى. مەنزىلىمىز قىزىل ئىرماق دېلتىسىغا ئوخشاشلا مۇھىم بىر يەر — يېشىل ئىرماق دېلتىسىدۇر. بۇ دېلتا تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېقىنلىرىنىڭ بىرى بولغان يېشىل ئىرماق دېڭىز بىلەن ئۇچراشقان جايغا جايلاشقان. يېشىل ئىرماق دېلتىسى دېڭىز، كۆل، قومۇش، قۇملۇق ۋە سۇ ئورمىنى قاتارلىق ئوخشىمىغان ھاياتلىق ماكانلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىيولوگىيەلىك بايلىققا ئىگە رايونلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

يېشىل ئىرماق دېلتىسىدا فوتۇ - سۈرەت ساياھىتى، تەبىئەت يۈرۈشى، ۋېلىسىپىت ساياھىتى، قارماق بىلەن بېلىق تۇتۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدۇ ياكى تەبئىي مەنزىرىلەر ئچىىدىكى قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ.

كېمىمىز «سەيياھ» بىلەن قىلغان بۈگۈنكى ساياھىتىمىزدە شەھەردىكى چاغلىرىمىزدا دېگەندەك پەرق ئېتىپ كېتەلمىگەن قۇشلارنىڭ ھاياتلىق ماكانلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر