دائېش رەھبىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (36)

1982831
دائېش رەھبىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

دائېش رەھبىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى

دائېش رەھبىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (36)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «دائېش رەھبىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

دائېشنىڭ خىتابنامىسىنى ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى دەپ قوبۇل قىلغىنىمىزدا، ئەبۇ ھۈسەيىن ھۈسەيىنى ئەل قۇرەيشى بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۆتىنچى رەھبىرى ھېسابلىنىدۇ. 2019-يىلى 26-ئۆكتەبىردە ئەبۇ بەكرى باغدادى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى رەھبىرى ئەبۇ ھاشىمى 2022-يىلى فېۋرالدا، كېيىنكى رەھبىرى ئەبۇ ھەسەن 2022-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلغان ئىدى. ئەمدىكى دائېش رەھبىرى بولسا، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ئەترىتى تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلدى. ئەبۇ بەكرى باغدادىدىن كېيىنكى دائېش رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ھازىرقى رەھبىرى ئەبۇ ھۈسەيىننىڭ ھەقىقىي ئىسمى توغرىسىدىمۇ شۇنداق. لېكىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئەبۇ ھۈسەيىننىڭ تەشكىلاتقا 2013-يىلى كىرگەنلىكى ۋە تېزلا ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ ئەھۋال بەلكىم دائېشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ پائال بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنىڭ يىپ ئۇچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

2019-يىلى 26-ئۆكتەبىردە دائېش رەھبىرى ئەبۇ بەكرى باغدادىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلۇشى بىلەن دائېشنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكى مۇئەييەنلەشكەن ئىدى. گەرچە كېيىنكى رەھبەرلەر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، 2019-يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ دەۋرى تۈگەپ بولغان ئىدى. 2022-يىلى ئەبۇ ھاشىمى ئۆلتۈرگەندىن كېيىنكى 15 ئاي ئىچىدە دائېشنىڭ ئۈچ رەھبىرى ئۇجۇقتۇرۇلغان بولدى. ئىگىلىنىشچە، گەرچە دائېش ئىلگىرىكىگە ئوخشاش (2010 – ۋە 2013 يىللىرىدىكىگە ئوخشاش) قايتىدىن جانلىنىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرالمىغان.  شۇنىڭدىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىلا ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلىرىنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى ياكى ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى مەلۇم. كېيىنكى مەزگىلدە خول لاگېرىدىكى دائېش ئەزالىرى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنى پىسخىئولوگىيەلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە نەتىجە كۆرۈلمەسلىكى ھەمدە ئۇلار تەۋە بولغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ كىشىەرنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى خالىماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار، مەزكۇر لاگېرلاردا يېڭى بىر ئەۋلاد دائېشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان يەرلىك ۋە خەلقئارالىق دوكلاتلاردا دائېش قۇرۇلمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بولۇپمۇ ئىدىيەۋى تارقىلىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

دەرۋەقە، باغدادىدىن كېيىن ئۇجۇقتۇرۇلغان ئۈچىنچى رەھبەر ئەبۇ ھۈسەيىنگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت 29-ئاپرېلدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ ھەرىكەتتىىن  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 30-ئاپرېلدىكى باياناتى بىلەن خەۋەردار بولدى. ئاندىن ھەرىكەتنىڭ تەپسىلاتلىرى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ھەمبەھىرلەندى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئەبۇ ھۈسەيىنگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت تۆت سائەت داۋاملاشقان ۋە تەسلىم بولۇشقا چاقىرىق قىلىنغان. ئىگىلىنىشچە، ئافرىننىڭ جىندەرەس رايونىدىكى بىر بىنادا تۇرۇشلۇق ئەبۇ ھۇسەيىننىڭ ئورۇن ئالماشتۇتۇش ئالدىدا تۇرغانلىقى ھەققىدە ئىستىخبارات كەلگەندىن كېيىن، ھەربىي ھەرىكەتنى باشلاش قارار قىلىنغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبىرىنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. ئەمەلىيەتتىمۇ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان بىنانىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا بىنانىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئەبۇ ھۈسەيىننى تىرىك قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان. ھەرىكەتنىڭ تۆت سائەتكىىچە داۋاملاشقانلىقى  بۇنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەبۇ ھۈسەيىن تىرىك قولغا چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى پارتلاتقان. دائېشنىڭ ئالدىنقى رەھبەرلىرى ئەبۇ بەكرى باغدادى ۋە ئەبۇ ھاشىممۇ پارتلاتقۇچ جىلىتكىلىرى بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاپ ئۆلگەن ئىدى. بۇ ئەھۋالنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىچىدە بىر ئەنئەنىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم.

ئەبۇ بەكرى باغدادى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دائېش رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈرىيەدە ئۆلتۈرۈلۈشى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىستاتىستىكالىق مەلۇمات ھېسابلىنىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، دائېش مەنبەسى ئىراق بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىگە قارىماي، 2012 -  ۋە 2013-يىلدىن بۇيان سۈرىيەدە كېڭەيگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرىيەدىمۇ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ يىلتىز تارتقانلىقى مەلۇم. پەقەت ئەبۇ ھەسەندىن باشقا بارلىق كاتتىباشلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۇجۇقتۇرۇلدى. پەقەت ئەبۇ ھەسەنلا  دەرادا ئۇجۇقتۇرۇلدى. بۇ ئەھۋال  دائېش ئېلېمېنتلىرىنىڭ «ئازاد قىلىنغان رايونلاردا تېخىمۇ ئاسان يوشۇرۇنالايمىز» دەپ ئويلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى  بۇ رايونلار ئۇزۇن يىل مالىمانچىلىق ۋە ئۇرۇشنىڭ مەركىزى بولغان جايلار بولۇپ، 2020-يىلىدىن ئېتىبارەن چېگرانىڭ ئۆزگەرمەسلىكى ۋە ئۇرۇشنىڭ پەقەت ئالدىنقى سەپتىلا بىۋاستە داۋاملىشىشى ھەم يەرلىك بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھەم تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق ھەرىكەتلەرگە مەركەزلىششىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.  تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن قېتىم تېررورلۇققا قارشى نۇقتىلىق ھەرىكەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر