بوۋاقلار ئۈچۈن ئاياغ تاللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

شىپا بۇلىقى (25)

1952024
بوۋاقلار ئۈچۈن ئاياغ تاللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

بوۋاقلار ئۈچۈن ئاياغ تاللاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئاياغ بوۋاقلارنىڭ سۆڭەك ئۆسۈشىنى قوللايدىغان كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتىدۇر. شۇڭا ئاياغنى توغرا تاللاش كېرەك. بەدىنى تېز چوڭىيىۋاتقان ۋە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بوۋاق مېڭىشقا باشلىغاندا قەدەملىرىنىڭ يەردە مۇستەھكەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاياغقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

ئاياغ تاللاش پەسىل ۋە تاشقى ئامىللارغا ئاساسەن ھەل خىل بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ دەسلەپكى مېڭىشى ياز پەسلىگە توغرا كەلسە، يالاڭ ئاياغ ۋە پايپاق بىلەن بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكۈزۈش مۇھىمدۇر. ئەگەر بوۋاقنىڭ دەسلەپكى مېڭىشى قىش پەسلىگە توغرا كەلسە، بالىنىڭ پۇتىنى ناچار ھاۋارايى شارائىتىدىن قوغداش مۇھىمدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا سېتىۋالغان ئاياغنى داۋاملىق ئىشلىتىش مەجبۇرىىيىتى  يوقتۇر. ئاياغنى سىرتقا چىققاندا ۋە بوۋاقنى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن قوغداش زۆرۈر بولغان ئەھۋاللاردا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ ئايىغى قانداق بولۇشى كېرەك؟

  • چوقۇم توغرا چوڭلۇقتا بولۇشى كېرەك:

بوۋاقنىڭ ئاياغ نۇمىرىنى توغرا تاللاش ئۈچۈن، خۇددى چوڭلارنىڭكىگە ئوخشاش ئەتىگەن تەرەپلەردە ئەمەس، چۈشتىن كېيىن سېتىۋېلىش كېرەك.

شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، بالىلارنىڭ پۇتى ھەر يىلى ئىككى نومۇر چوڭىيىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، سىز سېتىۋالغان ئاياغنىڭ كىچىك ئەمەسلىكىنى ۋە ئاياغدا بالىنىڭ پۇتىنىڭ يېتىلىشىگە يېتەرلىك بوشلۇق بار – يوقلۇقىنى ھەر ئۈچ ئايدا بىر كونتىرول قىلىشىڭىز ئىنتايىن مۇھىم.

ئاياغنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى سىناش: ئاياغنىڭ ئالدى تەرىپىنى بېسىپ، بوۋىقىڭىزنىڭ باش بارمىقى بىلەن ئاياغنىڭ ئۇچىنى كونتىرول قىلىڭ. بالىڭىزنىڭ پۇت بارمىقى نە ئاياغنىڭ ئۇچىغا تەگمەسلىكى، نە پۇتنىڭ بارمىقىنىڭ ئۇچىدىن بەك يىراق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. يېرىم سانتىمېتىرلىق بوشلۇق مۇۋاپىقتۇر. بالىڭىزنىڭ پۇتىدىن كەم دېگەندە يېرىم نومۇر چوڭلۇقتىكى ئاياغنى تاللاڭ. بۇنداق بولغاندا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىڭىزنىڭ پۇتىنى سىغدۇرالايسىز. بۇ ئارىلىق بارماقنىڭ يېتىلىشى ۋە ھەرىكىتىگە ماس كېلىدۇ.

تاپان قىسمىدىن چىمچىلاق  بارمىقىڭىزنى ئاياغنىڭ ئىچىگە كىرگۈزەلىگۈدەك بوشلۇق بولۇشى كېرەك.

ئاياغنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى سىناش: بوۋاق كىيىنگەن ۋاقىتتا، قولىڭىز بىلەن ئاياغنىڭ يان تەرەپلىرىنى بېسىپ، ئاياغنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئېنىقلاپ چىقىڭ. ئاياغنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى سىنىغانغا ئوخشاش، ئاياڭنىڭ كەڭلىكىمۇ قىستىمايدىغان شەكىلدە بولۇشى كېرەك.

ئاياغنىڭ پاشنىسىنى سىناش: بالىڭىزنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ، ئاياغنى پۇتىنىڭ ئاستى-ئۈستىگە ھەرىكەتلەندۈرۈڭ. ئەگەر بالىڭىزنىڭ پۇتى ئەركىن ھەرىكەتلەنسىمۇ، ئەمما ئاياغ چىقمىسا، كۆڭۈلدىكىدەك چوڭلۇقتىكى ئاياغنى تاللىغان بولىسىز. ئەگەر پۇت ئاياغنىڭ ئىچىدە ھېچ ئوينىمىسا ياكى ئويناۋاتقاندا پۇتتىن چىقسا، بۇ ئاياغنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى توغرا تاللانمىغان بولىدۇ.

  • باشقا تەپسىلاتلار:

رەڭ، مودېل ۋە ماركىغا ئەھمىيەت بېرىشتىنمۇ بەكرەك مۇۋاپىق ئاياغ تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چۈنكى بىزنىڭ مەقسىتىمىز بالىمىزنىڭ پۇتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ۋە ئۇ ئاسان كىيىپ چىقىرالايدىغان ئاياغنى تاللاشتۇر.

• بالىڭىزنىڭ ئايىغىنىڭ پۇتلىشىپ يىقىلىپ، تېيىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدىغان تەكشى ۋە تاپىنى قېلىن بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ. چۈنكى ئاياغ پۇتنىڭ شەكلىگە ماس ھالدا ئېگىلمەيدىغان ئىنتايىن قاتتىق بولسا، ھەم بوۋاقنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى چەكلەيدۇ، ھەمدە سۆڭەك ۋە مۇسكۇل سىستېمىلىرىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بوۋاقنىڭ تۇنجى ئايىغىنىڭ ئۇچى كەم دېگەندە 40 گىرادۇس ئېگىلىدىغان بولۇش كېرەك. بۇ سەۋەبتىن، سېتىۋالغاندا ئاياغنى ئېگىپ، قايرىپ، ئەۋرىشىملىكىنى ئۆلچەش كېرەك.

• ئاياغ ياسالغان ماتېرىيالغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۈستۈنكى قىسمى يۇمشاق خۇرۇمدىن ياسالغان مودېللارنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. يازدا ئورگانىك پىلە، پاختا ياكى كاناپ مودېللىرىنى تاللاش مۇمكىن. قاتتىق خۇرۇم ۋە بىرىكمە ماتېرىياللاردىن ساقلىنىش كېرەك. كاۋچۇك، سۇلياۋ قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بۇ بالىڭىزنىڭ پۇتىغا ھاۋا كىرىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، تەرلىتىدۇ ۋە زىدىلەيدۇ. ھاۋا كىرەلەيدىغان ئاياغ تاللاش تېخىمۇ پايدىلىق. ھاۋا كىرەلمەيىدىغان ئاياغ بالىلارنىڭ پۇتلىرىدا زەمبۇرۇغ، پۇراق قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

• تاپىنى بالىنىڭ ھەرىكەت قابىلىيىتىگە توسالغۇ بولمايدىغان، تەبىئىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغان ئەۋرىشىم ۋە يېنىك ئاياغ مودېللىرىنى تاللاش كېرەك. دەرۋەقە، بوۋاق مېڭىۋاتقاندا تەۋرىنىدۇ، چۈشۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. ئېغىر ئاياغ بىلەن بۇ جاپالىق ئىش بالا ئۈچۈن تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. شۇڭلاشقا بالىنىڭ ئىشىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە كېرەكسىز كۈچ سەرپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېنىك ئاياغنى تاللىشىڭىز كېرەك.

• تەڭشىگىلى بولىدىغان بوغۇچلۇق مودېللارنى تاللاش كېرەك.

• قاتتىق بولمىغان، ئەمما پۇتنى ياخشى قوغدىيالايدىغان مودېللارنى تاللاش كېرەك.

• يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئالاھىدىلىكلەردىن سىرت يەنە، بالىڭىز يۇتۇۋالىدىغان، ئاسانلا يىرتالايدىغان مارجان ياكى ھەر خىل ئېستېتىك نەرسىلەر بولمىغان  مودېللارنى تاللاش ناھايىتى مۇھىم.

گەرچە بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان ئاياغ سېتىۋېلىنغان بولسىمۇ، مەۋجۇت ئاياغ بالىڭىزنى بىئارام قىلسا، باشقا مودېلنى تاللىشىڭىز تولىمۇ مۇھىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر