تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (24)

1944495
تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش

تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش

تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (22)

(مۇرات يېشىل تاش)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

تۈركىيە 6 - فېۋرالدا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى يەر تەۋرەش بىلەن زىلزىلىگە كەلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، سەككىز سائەت ئارىلىق تاشلاپ يۈز بەرگەن بۇ يەر تەۋرەشلەر دۇنيا تارىخىدا تۇنجى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر دېڭىزلاردا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشلەرنى ھېسابقا ئالمىساق، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئون چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ. ئوخشىمىغان 10 شەھەر يەر تەۋرەشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى. ھەم شىمال، ھەم جەنۇب، ھەم شەرق ۋە غەرب لىنىيەسىگە بولغان تەسىرى شۇنداقلا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، گېرمانىيە چۇغراپىيەسىگە تەڭ كەڭ بىر رايون يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى دېيەلەيمىز. يەنى بۇ يەر تەۋرەش گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، پۈتۈن دۆلەت يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولاتتى. بۇ سانغا يەنە، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 13 مىليون 500 مىڭ كىشىنى قوشقاندا، ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيمىز.

يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن دەسلەپكى پەيتتىن باشلاپلا گەرچە كۈچلۈك تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنچە كەڭ دائىرىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرىگە تېز ۋە يېتەرلىك جاۋاب قايتۇرۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، يەر تەۋرەشكە قارشى كۈرەشتە ھوقۇقلۇق بارلىق ئورگانلار ئالدىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەر تەۋرەش رايونىغا ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار تولۇق يېتەرلىك بولالمىدى. ئەمما، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا تەرەققىي قىلغان ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدۇ، دېيەلەيمىز. شۇنداقتىمۇ تۈركىيەنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن جەريان تەلەپ قىلىدىغان بىر باسقۇچقا دۇچ كەلگەنلىكى ئېنىق.

بۇ باسقۇچلارنىڭ بىرىنچىسى، يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش بولىدۇ. ئالدىنقى 72 سائەت تولىمۇ مۇھىم ئىدى ۋە بۇ سائەتلەر تولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئون مىڭلارچە كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى. قازا قىلغانلارنىڭ سانىمۇ 10 مىڭدىن ئاشتى. قازا قىلغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ ۋەجىدىن، يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرى ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى ھېسابلىنىدۇ. بەلكى تۈركىيە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ چوڭ ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ سان 1999 - يىلدىكى ئىزمىت يەر تەۋرىشىدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى، 13 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدۇر. بۇنداق چوڭ نوپۇسنىڭ پاناھلىنىش ئورنى ۋە باشقا جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش تولىمۇ مۈشكۈل ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. يەنە بىر مەسىلە، يەر تەۋرەشنىڭ ئىجتىمائىي-پسىخولوگىيەلىك تەرىپىدۇر. يەر تەۋرەش جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي رۇھى كەيپىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بىرىسىدۇر. تېخى ئەمدىلا كوۋىد-19 يۇقۇمىنى يېڭىشكە تىرىشىۋاتقان جەمئىيىتىمىزنىڭ بۇ زور تەبىئىي ئاپەتكە يولۇقىشى خەلقكە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، خەلقنىڭ روھىي ساغلاملىقىنى كۈچلۈك ساقلاش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە خەلقى بۇ خىل ھەمكارلىقلارنىڭ مىسالىنى ئىلگىرىكى تەبىئىي ئاپەتلەردە كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ قېتىممۇ ئوخشاش روھنى مۇستەھكەم تۇتالايدۇ، دېيەلەيمىز.

ھەر قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ چوقۇم ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ. تۈركىيەدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭمۇ ئىقتىسادىي چىقىمى بولىدۇ. ھازىرچە بۇنى بەلگىلەش تەس، ئەمما بۇ دەرىجىدە ئېغىر يەر تەۋرەشنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنىڭمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش گېرمانىيە چوڭلۇقىدىكى رايوندا يۈز بەردى. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىنمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ۋەجىدىن، خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيەگە ياردەم بېرىشتىكى ئاكتىپ مەيدانىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر