ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆپ  ئىشلىتىش يالغۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

كۆزنەك -23

1942669
ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆپ  ئىشلىتىش يالغۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆپ  ئىشلىتىش يالغۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

كۆزنەك -23

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇديولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆپ ئىشلىتىش يالغۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!

******* ****** ****** *******

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىتىلگەن تەقدىردە نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى سۇنىدۇ. لېكىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆپ ئىشلىتىش بىر قىسىم مەسىلىلەرنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇلاردىن بىرسى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئابونتلىرىنى يالغۇزلۇققا ئىتتىرىشىدۇر.

دىجىتال مۇھىتتىكى ئەگەشكۈچىلەر توپى ئىساننى رېئال تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق كۆپ ئەگەشكۈچىسى باردەك ھېسسىياتقا چۆمدۈرىدۇ. ئەمما رېئاللىق كۆپىنچە دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ھەتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئاكتىپ ئىشلىتىدىغانلار تېخىمۇ يالغۇز ۋە يېگانە تۇرمۇشقا مۇبتىلا بولغان بولىدۇ.

ئۆز-ئارا ئالاقە، ياقتۇرۇش بەلگىسى ئېلىش، تۇرمۇشتىكى مۇھىم پەيتلەرنى ھەمبەھىرلەش… قاتارلىقىلار بۈگۈنكى كۈندىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئادىتىگە ئايلاندى. ھەتتا بىر خىل خۇمار دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ھەر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان ئىنسان ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە باشقىلار بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشىۋاتقان ھەلەتتە ياشايدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىتىلگەن تەقدىردە نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى سۇنىدۇ. بولۇپمۇ ئىنسانلار ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتقان ھازىرقى دەۋرىمىزدە ئالاقىنى قولايلاشتۇرىدۇ. لېكىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆپ ئىشلىتىش بىر قىسىم مەسىلىلەرنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ كېلىدۇ. . بۇلاردىن بىرسى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئابونتلىرىنى يالغۇزلۇققا مۇبتىلا قىلىشىدۇر.

ئۇنداقتا ھەر كۈنى يۈزلىگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان تۇرۇپ، قانداقسىگە يالغۇزلۇققا مۇبتىلا بولسۇن؟ قانداقسىگە يالغۇز ۋە چەتكە قېقىلغان ھېس قىلسۇن؟

دەرۋەقە ئەگەشكۈچىلىرى كۆپ بولسىمۇ، بۇ دوستلۇق پەقەت دىجىتال مۇھىتتا ئورنىتىلغان بولغاچقا رېئال تۇرمۇشتىكىگە قارىغاندا سانى كۆپرەك بولىدۇ. ئەمما بۇ بىر خىل ئالدامچىلىق دەپ ئىزاھلىنىدۇ. مۇتەخەسسىس كلىنىكىلىق پىسخولوگ سەمرە ئەجە گۆكپىنارنىڭ سۆزى بويىچە، «ئۇ ئەمەلىيەتتە بىزنى ئاز ساندىكى كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ. يەنى رېئال تۇرمۇشتىن ئۈزۈپ تاشلاپ، دىجىتال دۇىيادا ياقتۇرۇش بەلگىسى ئېلىش، تەستىقلاشقا ئېرىشىش ۋە ئورتاقلىشىشقا مۇھتاج ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ».

گۆكپىنارنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلار مۇبتىلا بولىدىغان يەنە بىر خاتا قاراش «مەندىن باشقا ھەممە ئادەم ناھايىتى ياخشى ياشايدۇ» دېگەن قاراشتۇر. گۆكپىنار بۇنى كۆپرەك بالاغەتكە يەتكەن ئۆسمۈرلەردە ۋە ياشلاردا كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ھەمبەھىرلىگەنلىرىمىز <كىشىلەر كۆرۈپ ياقتۇرسۇن> دېگەننى مەقسەت قىلىدىغان نەرسىلەردۇر. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ئەلۋەتتە ئەڭ گۈزەل، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ياخشى  نەرسىلەرنى تاللاپ ھەمبەھىرلەيدىغان بولغاچقا، بولۇپمۇ ياشلاردا «مەندىن باشقا ھەممە ئادەم ناھايىتى ياخشى ياشايدۇ» دەيدىغان قاراشنى پەيدا قىلىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھازىر زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى… ئۇنداقتا تۇرمۇشىمىزغا بۇنچە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلماسلىقىنىڭ چارىسى بارمۇ؟

گۆكپىنار بۇ سوئالغا: «بۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان ئىشلەتكۈچى بولۇش كېرەك» دەيدۇ ۋە:  «ئەمەلىيەتتە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئىنتايىن ئەۋزەل ۋە ھەقىقەتەن ئىنسانغا پايدىلىق تەرەپلىرى بار. ئەلۋەتتە، ئىنساننىڭ ئورتاقلىشىش، ياقتۇرۇلۇش ۋە تەستىقلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئەمما بۇ مۇنبەرلەردە كىشى ئۆزىنىڭ پىكرىنى مەلۇم سەۋىيەدە ساقلىشى كېرەك. يەنى، باشقا كىشىلەر قارىماققا تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن، تېخىمۇ ئاكتىپ كۆرۈنگەن ئەمما ئۆزى ئۇنچىلىك كۆرۈنمىگەن تەقدىردە، بۇنىڭ پەقەت ئۆزى يارىتىۋالغان كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم. شۇڭلاشقا  ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى بىر ۋاستە سۈپىتىدە ئىشلىتىش كېرەك. ئۇنى نىشانغا ۋە غايىگە ئايلاندۇرىۋىلىش توغرا ئەمەس» دەپ ئىزاھات بېرىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، يۇقىرىدا «كۆزنەك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈ ھەپتىلىك سانىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى كۆپ  ئىشلىتىش يالغۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۈق.  بۇ ھەقتىكى يازما ئۇچۇرلارنى ئوقۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

 

 


خەتكۈچ: #كۆزنەك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر