تېبابەتچىلىك تۇغۇلغان جاي - داتچا

بىلىۋېلىڭ (15)

1921032
تېبابەتچىلىك تۇغۇلغان جاي - داتچا

تېبابەتچىلىك تۇغۇلغان جاي - داتچا

ئىلمىي تېبابەتچىلىكنىڭ ئانادولۇ تېرروتېرىيەسىدە تۇغۇلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

      ئەگە دېڭىزى بىلەن ئاقدېڭىز ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان غەربىي ئانادولۇدا، بۈگۈنكى كۈندە «داتچا يېرىم ئارىلى» دەپ ئاتىلىدىغان كنىدوس، تارىختىكى تۇنجى تېببىي مەكتەپ قۇرۇلغان جاي سۈپىتىدە بىلىنىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 700-يىللاردا «تېبابەتچىلىكنىڭ ئىلمىي دەۋرى» دەپ ئاتالغان كنىدوسنىڭ دەل ئۇدۇلىغا، «تېبابەتچىلىكنىڭ ئاتىسى» ھېسابلىنىدىغان ھىپوكرات تۇغۇلغان «كوس ئارىلى» جايلاشقان. كنىدوس تېبابەتچىلىكنىڭ مەركىزى ۋە مەكتىپى، ئېچىلغاندىن كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ داڭقىنى ۋە تەسىرىنى داۋاملاشتۇرغان. كنىدوسدا تۇغۇلغان ۋە يېتىشىپ چىققان دوختۇرلار، ئانادولۇدا ھۆكۈم سۈرگەن كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى، ئىران ۋە ماكېدونىيەدىكى ئوردىلاردا مەخسۇس ساقلىقنى ساقلاش خادىمى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

      ئۇنداقتا، داتچانىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ رىۋايەتلەرگە قارىغاندا،  كدىنوستا ھۆكۈمرانلىق قىلغان كارىيا پادىشاھىنىڭ يىلان چېقىۋالغان قىزىنى ھېچكىم ساقايتالمىغان. بىر بېلىقچى دادىسىدىن ئۆگىنىۋالغان يەرلىك ئۆسۈملۈكلەردىن تەييارلانغان مەلھەم بىلەن قىزنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان. پادىشاھ ئۆزى ياشاۋاتقان تېرروتېرىيەلەردىكى بارلىق گۈل - چېچەكلەر، ئۆسۈملۈكلەر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشىنى ۋە ئۇلاردىن دورىلارنىڭ ياسىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تارىختىكى «تېبابەتچىلىكنىڭ تۇنجى ئىلمىي پائالىيىتى» شۇ كۈنى باشلانغان.

     ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 64-يىلى ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر جۇغراپىيەشۇناس سترابونمۇ كنىدوس، يەنى داتچا ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «تەڭرى ئۇزۇن ۋە ساغلام ياشاشنى ئىرادە قىلغان بەندىلىرىنى بۇ يەرگە ئەۋەتىدۇ.»

 «داچا يېرىم ئارىلى»، ئالاھىدە مۇھىت ئاسراش رايونى قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقتىن، بۇزۇلمىغان تەبىئىي مەنزىرىسى، 235 كىلومېتىرلىق دېڭىز قىرغىقى ۋە 52 دېڭىز قولتۇقى، مول ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار توپى بىلەن ھەقىقەتەن شىپا جەننىتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر