دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى

بۈگۈن 12 – دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدۇر.

1917197
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى

پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىن ۋە باراۋەر بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى، 1948-يىلى 10-دېكابىردا بۇ «كۈننى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» قىلىپ بېكىتتى. تۈركىيە 1949-يىلى ئاپرېلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلۇش ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە، 1949-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 10- دېكابىرنى كىشىلىك ھوقۇق كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلەپ كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تونۇشنىڭ ئۆسۈشى نەتىجىسىدە، كىشىلىك ھوقۇق كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلىنىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن دىكتاتورلارنىڭ دۇنيانى ھالاكەت يولىغا باشلىشى، ئۇرۇش، سۈرگۈن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قەتلىئاملارنىڭ يۈز بېرىشى قاتارلىق پاجىئەلىك ھادىسىلەر نەتىجىسىدە، خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسان ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈنلا بەزى ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى زۆرۈرىيىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.  كۈنىمىزدىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار يۈز بەرمىسىمۇ، ئىراق، سۈرىيەگە ئوخشاش جايلاردا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلارغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلار خاتىمە بېرىشكە تىرىشماقتا. دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، توقۇنۇش، قالايمىقانچىلىق ۋە تېررورىزىم سەۋەب بولۇۋاتقان ھەر قانداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ بۇرۇنراق تۈگىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر