رەقەملىك دەۋرنىڭ سۈنئىي (مەۋھۇم) دۇنيا تىلى

«كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا «رەقەملىك دەۋرنىڭ سۈنئىي (مەۋھۇم) دۇنيا تىلى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز!

1909295
رەقەملىك دەۋرنىڭ سۈنئىي (مەۋھۇم) دۇنيا تىلى

«رەقەملىك دەۋرنىڭ سۈنئىي (مەۋھۇم) دۇنيا تىلى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لۇت (loot) قىلىش (رەقەملىك ئويۇنلاردا غەنىيمەت ئېلىش)، لېۋىل ئاتلاش (ئويۇنلاردا پېرسوناژنى سەۋىيە ئاتلاتقۇزۇشقا ئۇرۇنۇش)، DM دىن ئۇچۇر يوللاش (بىۋاسىتە ئۇچۇر، قارشى تەرەپكە شەخسىي ئۇچۇر ئەۋەتىش) ... بۇ ئۇقۇملار يېڭى ئەۋلادنىڭ مەۋھۇم دۇنيادا ئىشلىتىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. ئۇنداقتا، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرى ئىشلىتىۋاتقان بۇ ئۇقۇملاردىن قانچىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىدۇ؟ رەقەملىك دۇنيادا بالا تەربىيەلەۋاتقان ئاتا-ئانىلار بۇ سۆزلەرنى قانداق ئۆگىنىشى كېرەك؟ رەقەملىك ئۇقۇملارنى ئىگىلەش ئائىلىلەرگە قانداق تۆھپە قوشىدۇ؟

* * * * *

ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، مەۋھۇم دۇنيا ھاياتىمىزغا كۈنسېرى ئىچكىرىلەپ كىرىپ، يېڭى بىر ئالاقە تىلىنى روياپقا چىقاردى. لۇت قىلىدۇ، لېۋىل ئاتلايدۇ، دوستلىرى بىلەن DM ئارقىلىق ئۇچۇرلىشىدۇ. يېڭى بىر ئەۋلاد رەقەملىك دەۋردە مەۋھۇم دۇنيانىڭ تىلىنى ئىشلەتمەكتە. يېڭى ئەۋلادنىڭ مەۋھۇم دۇنيادا ئىشلىتىۋاتقان تىلى ئاتا – ئانىلارغا غەلىتە ياكى مەنىسىزدەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. بۇ سۆزلەر بىلەن ئاتا - ئانىلارغا خىتاب قىلىنغاندا، ئۇلار «بۇ سۆزلەر ماڭا ناتونۇش، ئاڭلىماپتىكەنمەن»، «مەن بۇ سۆزنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىدىم» دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىدۇ.

ياش ئەۋلادلار بىلەن چوڭلارنىڭ ياش پەرقى زورايغانسېرى، مەۋھۇم دۇنيادا قوللىنىلىۋاتقان تىلدىن يىراقلىشىش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. دەرۋەقە، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ مەۋھۇم دۇنيادا ئىشلىتىدىغان تور بېكەتلىرىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئەزەلدىن، فەيسبۇك، ئىستېگرام، تۋىتتېر دېگەن ئاتالغۇلارنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاتا – ئانىلارمۇ بار. ھالبۇكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تىلىنى ئىگىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە رەقەملىك بىخەتەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور لەۋەنت ئەممۇنگىل ئائىلىلەرگە چاقىرىق قىلىپ: «رەقەملىك دەۋردە بالىلار ئىستېمال قىلىۋاتقان تىلنى ئۇلاردىن ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۆگىنەلەيمىز. بۇ تىلنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگەنسەك، ئۇلارغا <بىزنىڭ ئۇلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىز ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىمىز>نى ھېس قىلدۇرىدۇ» دەيدۇ.

ئۇنداقتا، بالىلار ئىستېمال قىلىۋاتقان ئۇقۇملارنى بىلىشنىڭ ئائىلىلەرگە قانداق پايدىسى بار؟ دوكتور لەۋەنت ئەممۇنگىل بۇ ھەقتە: «نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا، ئۇلار بىلەن ساغلام ئالاقە ئورنىتىش. چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىستېمال قىلىدىغان تىلىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە بىلىشىمىز كېرەك» دەيدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىل ئالاقىنىڭ يەنە ئائىلە ئىچى رىشتىنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر