دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

«كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش رىقابەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز!

1897214
دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھۆكۈمرانى دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ» دېگەن نەزەرىيەنى تايانچ قىلغان دۇنيا دۆلەتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئالەم بوشلۇقىدا مەۋجۇت بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

رۇس ئالەم ئۇچقۇچىسى يۇرى گاگارىننىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىققىنىغا تولۇق 61 يىل بولدى. خېلى ئۇزۇن مۇددەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەت سەھنىسىگە ئايلانغان ئاي شارى، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە – ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى — ناسانىڭ «ئارتېمىس» ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى.

«ئارتېمىس-1» ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەقدىردە، ناسا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى 2024 – يىلى ئاي شارى ئەتراپىدا ئۇچالايدىغان ھالەتكە كېلىدۇ. 2025 – يىلى ئاي شارىغا قونالايدۇ. «ئارتېمىس-1»نى بوشلۇققا يوللاش مەشغۇلاتىغا كېمىنىڭ فۇنكسىيەسىدە كۆرۈلگەن بەزى مەسىلىلەر تۈپەيلى ئۈچىنچى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىقا ئاجرىتىلغان سەرمايە مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى؛ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىغا ئاجراتقان خامچوتىدىكى پەۋقۇلئاددە ئۆرلەش يېڭى بىر ئالەم بوشلۇقى رىقابىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئالەم بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك سۈنئىي ھەمراھ سانائىتىنىڭ ئەھۋالىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە... سانائەتكە مەبلەغ سېلىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا مەبلەغ سېلىشى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ساھەگە سېلىنغان مەبلەغ يېقىنقى 10 يىلدا ئىككى ھەسسە ئېشىپ 271 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ ساھەگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان دۆلەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى. ئۇنىڭدىن قالسا خىتاي ۋە ياپونىيە.

ئۇنداقتا، دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا مەۋجۇت بولۇشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى رىقابىتىنىڭ سۈركىلىش پەيدا قىلىش خەۋپى بارمۇ؟

راكېتا تەتقىقاتچىسى ئارىف قارابەيئوغلۇ، سودىنى نىشان قىلغان ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتلىرىنىڭ ئامېرىكادا باشلىنىپ، باشقا غەرب دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيەگىچە كېڭەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «سودا شىركەتلىرى پايدا يارىتىش ۋە ئىزدىنىش مەقسىتىدە بوشلۇقتا بىر قىسىم مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى، بۇنىڭدىن باشقا كەلگۈسىدە ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن بولغان ئالەم بوشلۇقى كانچلىقى ۋە دۇنيانى كۆزىتىش خىزمەتلىرى قاتارلىقلار بار. دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە سودا بوشلۇقى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتى قايسى باسقۇچتا؟ دېگەن تېمىغا كېلىدىغان بولساق، تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن تاماملانغان ياكى داۋاملىشىۋاتقان تۈرلىرى بار. تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ ئۇچۇر - ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى سانى 8 گە يەتكەن بولۇپ، بۇ خىلدىكى سۈنئىي ھەمراھلارغا ئىگە 30 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىم رۇستەم ئاسلان بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇچۇرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ، يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ، ئىلمىي تەتقىقات سۈنئىي ھەمراھلىرى ئىشلەۋاتىدۇ، بىز چەت ئەلگە سۈنئىي ھەمراھ ئېكسپورت قىلىۋاتىمىز. بۇ ھازىر ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيەنىڭ بىر دانە مىللىي قويۇپ بېرىش سىستېمىسى تۈرى بار. ئالەم بوشلۇقىغا كىرىش ئىنتايىن مۇھىم. ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسىنى قانچىلىك تەرەققىي قىلدۇرسىڭىز قىلدۇرۇڭ، ئۇنى ئالەم بوشلۇقىغا ئۆزىڭىز قويۇپ بېرەلمىسىڭىز ياكى ئۇنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلالمىسىڭىز، بۇ بىر چوڭ مەسىلە. بۇ تۈرلەرنىڭ ھەممىسى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر