ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر

ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

1886785
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رۇم سۈرىسى، 25 - 32 - ئايەتلەر. ئاللاھنىڭ ئاسمان - زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن (مۇئەللەق) تۇرغۇزۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاندىن ئاللاھ (قەبرىلەردە كۆمۈلۈپ ياتقان) سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر[25]. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇر[26]. مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ئاللاھقا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[27]. ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال- مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، ئۇ بارىدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلار (يەنى ئازاد كىشىلەر) دىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ (بۇنىڭغا رازى بولمىغان ئىكەنسىلەر، مەخلۇقاتنىڭ ئاللاھقا شېرىك بولۇشىغا قانداق رازى بولدۇڭلار؟) چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز[28]. ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئۆزرىسى يوق)، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ، ئۇلارغا ھەرگىز ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ[29]. باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[30]. ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار[31]. سىلەر دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ، پىرقە ـ پىرقە بولۇپ، ھەرپىرقە ئۆز دىنى بىلەن خۇشاللىنىدىغانلاردىن (بولماڭلار)[32].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر