كورىكوس قەدىمكى شەھىرى ۋە «جەننەت – جەھەننەم» ئۆڭكۈرلىرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، قەدىمكى «كورىكوس قەدىمكى شەھىرى» ۋە «جەننەت – جەھەننەم» ئۆڭكۈرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1872177
كورىكوس قەدىمكى شەھىرى ۋە «جەننەت – جەھەننەم» ئۆڭكۈرلىرى
Cennet Cehennem obrukları (3).jpg
Cennet Cehennem obrukları (2).jpg

«كورىكوس قەدىمكى شەھىرى» ۋە «جەننەت – جەھەننەم» ئۆڭكۈرلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۆلگەندىن كېيىن ھايات بارمۇ؟ دېگەن بۇ سوئال، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زېھنىنى مەشغۇل قىلىپ كەلمەكتە. چاتالھۆيۈكتىكى 9000 يىللىق تارىخقا ئىگە قەبرىلەر، بۇ سوئالنىڭ ئەڭ كونا جاۋابلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىز چاتالھۆيۈكلۈكلەرنىڭ، يېڭى دۇنياسىدا ياتسىراپ قالماسلىقى ئۈچۈن مېيىت بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ كۈندىلىك بۇيۇملىرىنى قەبرىسىگە قويۇپ قويىدىغان ئادىتى بارلىقىنى بىلىمىز. ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدىكى تاش قەبرىلەر ۋە ئۇنىڭغا نەرسە-كېرەكلىرى بىلەن بىرلىكتە دەپنە قىلىنغانلار بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىساللىرىنىڭ بىرى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ بارلىقىغا بولغان ئېتىقادنىڭ نامايەندىسى. قەدىمكى دەۋرنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ئەپلاتۇن ئۆزىدىن كېيىنكى نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارغا، ھەتتا بەزى دىنلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن «روھنىڭ ئۆلۈمسىزلىكى» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، روھ تەندىن ئىلگىرىمۇ مەۋجۇت ئىدى،  تەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. زېمىندا ۋاقتىنى ياخشى ئىشلار بىلەن سەمىمىي ۋە ساداقەتمەن ھالەتتە ئۆتكۈزگەنلەر جەننەتكە، يامانلىق قىلغۇچىلار ۋە كاپىرلار دوزاخقا كىرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. يالغۇز ساماۋى دىنلاردىلا ئەمەس، ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئېتىقادلاردا ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتنىڭ بارلىقى، ھەمدە ئۇ يەردە مۇكاپاتلاش -جازالاش مېخانىزمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. نۇرغۇن مەدەنىيەتلەردە ئۆلۈمنىڭ يېڭى باشلىنىش ئىكەنلىكى قارىشى قوبۇل قىلىنىدۇ. قەدىمكى تۈركلەردە خاقان، قەدىمكى مىسىردا فىرئەۋنلەر قىممەتلىك بۇيۇملىرى بىلەن بىرلىكتە دەپنە قىلىناتتى.

* * * * *

«ئىلاھىي كومېدىيە» دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم ئوبزورچىلار، ئۇنى ئۈچ يۆنىلىشلىك ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەر دەپ تەسۋىرلىسىمۇ، بۇ ئەسەر بىزنىڭ ئاخىرەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا زور تۆھپە قوشىدۇ. ئىتالىيەلىك شائىر ۋە سىياسەتچى دانتې «ئىلاھىي كومېدىيە»دە جەننەت، دوزاخ ۋە بەرزەخنى تەسۋىرلەيدۇ. دانتې دوزاخنى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن توققۇز دائىرىلىك بىر ئازگال دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ھەر بىر قاتتا پەرقلىق گۇناھلارنى سادىر قىلغانلار جازالىنىدۇ، تۆۋەنلىگەنسېرى جازالار ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ. ئىتالىيەلىك شائىر دانتې بېرىلگەن جازا ۋە ئازابلارنى ناھايىتى تەسىرلىك ھالدا بايان قىلىدۇ. جەننەت بولسا ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن توققۇز ئاسمان قاتلىمىدىن تەركىب تاپىدۇ؛ دوزاخقا ئوخشىمايدىغىنى، ئۇ يورۇق ۋە نۇرلۇق جاي بولۇپ، تەڭرىگە يېقىنلاشقانسېرى نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئاشىدۇ. جەننەتنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە خاتىرجەم روھلار تۇرىدۇ. جەننەتتە ھەممە نەرسە ئىناقتۇر.

 جەننەتكە ھەم خىرىستىيان ھەم ئىسلام دىنىدا باغچە سۈپىتىدە ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. جەننەت يېشىللىق ئارىسىدىكى كەڭ ۋە تىنچ جاي بولۇپ، دەريالار ئېقىپ تۇرىدۇ. دوزاخ بولسا، قاراڭغۇ جاي بولۇپ، رەزىل مەخلۇقلار تاشلىنىدىغان ئۆچمەس ئاتەش ماكانى دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. جەننەت ۋە جەھەننەم تەسۋىرى مەدەنىيەتتىن مەدەنىيەتكە، ئېتىقادتىن ئېتىقادقا ئوخشىمايدۇ. ئۇنداقتا، كېلەيلۇق بۈگۈن دىققىتىڭلارغا سۇنۇلىدىغان مەرسىننىڭ سىلىفكە ناھىيەسىدىكى جەننەت ۋە جەھەننەم ئۆڭگۈرلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارغا...

* * * * *

«جەننەت» ۋە تېگى يوق ئورەككە ئوخشايدىغان قاراڭغۇ «جەھەننەم» مەرسىننىڭ سىلىفكە ناھىيەسىدىكى ياپيېشىل بىر جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، «جەننەت»نىڭ ئېغىز چوڭلۇقى بەش پۇتبول مەيدانىدەك كېلىدۇ! «دوزاخ»نىڭ ئېغىزى جەننەتتىن كىچىك بولۇپ، كەڭلىكى 1.5 پۇتبول مەيدانىدەك كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە «جەننەت»مۇ، «جەھەننەم»مۇ بۇنىڭدىن نەچچە مىليون يىللار مۇقەددەم مەيدانغا كەلگەن بىر چۆكمەدىن ئىبارەت. باشقىچە ئېيتقاندا، يەر ئاستى سۇلىرى ھاسىل قىلغان ئۆڭكۈر تۇرۇسلىرىنىڭ يىمىرىلىشىدىن ھاسىل بولغان تەبىئىي شەكىللەردۇر. «جەننەت» پول قىسمىغا 450 پەشتاق بىلەن چۈشكىلى بولىدىغان، قۇشلارنىڭ ناۋالىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، كەڭ كەتكەن ياپيېشىل چۆكمە بولۇپ، پولىغا يېقىن يەردىكى ئۆڭكۈردە بىر چېركاۋ بار. بۇ يەرگە مېيىپلار، بىمارلار ۋە ياشانغانلار كۆزدە تۇتۇلۇپ بىر لىفىت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. خىرىستىيان دىنى چەكلەنگەن چاغلاردا ئېتىقادچىلار جەننەت ئورەكلىرىدە مەخپىي ھالدا  ئىبادەت قىلىدۇ. كېيىنچە بۇ يەرگە مەريەم ئانا چېركاۋى سېلىنىدۇ. بۇ يەردە يەنە قەدىمكى دەۋرلەردىن قالغان، كېيىنچە چېركاۋغا ئايلاندۇرۇلغان، بۈگۈنكى كۈندە بولسا، خارابىلىكىلا قالغان زېئۇس بۇتخانىسىمۇ بار. جەھەننەم بولسا، قاراڭغۇ ھەمدە تەگسىزدەكلا تاشقى كۆرۈنۈشكە ئىگە قورقۇنچلۇق ئورەك بولۇپ، تاغقا ياماشقۇچىلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرى بولمىسا چۈشكىلى بولمايدۇ. ئەمما، چۈشمەي تۇرۇپمۇ پەلەمپەيسىمان ئەينەك ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىچىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە جەھەننەمنىڭ قىيىسىدا تۇرۇپ، يەنە بىر تەرىپىگە تاش ئاتقانلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى رىۋايىتى كەڭ تارقالغان. گەرچە ئۇنچە ئاسان ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما جەننەتكە كىرىشنى ئۈمىد قىلىپ تاش ئاتىدىغانلارنىڭ سانى ئاز ئەمەس!

يەر ئاستىدىكى بۇ چۆكمىلەر بەلكىم كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغان جەننەت ۋە جەھەننەمنىڭ ئەكس ئېتىشى بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات، جەننەت ۋە دوزاخ ھەر ئېتىقادتا دېگۈدەك مەۋجۇت بولسىمۇ، يەر يۈزىدىكى «جەننەت» ۋە «جەھەننەم»نى كۆرۈشنى خالايدىغانلار مەرسىننىڭ سىلىفكە ناھىيەسىگە كەلسە بولىدۇ.

* * * * *

جەننەت ۋە دوزاخ ئۆڭكۈرلىرىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان مەرسىن، ئەسىرلەر بويى نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر تەرىپىدىن ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى قىلىپ تاللانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەردەملى ناھىيەسىدىكى كورىكوس قەدىمكى شەھىرىمۇ ئىزچىل ھالدا ئولتۇراق رايونى بولۇپ كەلگەن جايلارنىڭ بىرى. ھىتىتلار دەۋرىدىن تارتىپ ھەر دەۋردە ئاقدېڭىزنىڭ مۇھىم پورت شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان. ئۇ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز قەلئەسىدىن ئىبارەت قوش مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئىگە بىخەتەر شەھەر بولۇپ، رايوندا باشقا مىسالى يوق. كىچىك بىر ئارالغا سېلىنغان <قىز قەلئەسى> بۈگۈنكى كۈندە كورىكوسنىڭ ئەڭ داڭلىق قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇنار ۋە تاملىرى قۇم قەلئەنى ئەسلىتىدۇ. دېڭىزنىڭ قىرغاقتىن بەك يىراق بولمىغان بىر يېرىگە سېلىنغان بۇ قەلئەگە بۈگۈنكى كۈندە ئۈزۈش ياكى ھەر خىل دېڭىز ۋاسىتىلىرى بىلەن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

قەدىمكى كلىكيانىڭ ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان كورىكوس، نۆۋەتتە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا ۋاقىتلىق مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر