ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ

ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (بۇتلارغا چوقۇنمايتتى).

1870104
ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ

ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنكەبۇت سۈرىسى، 37 - 44  - ئايەتلەر. ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قېلىشتى[37]. ئادنى ۋە سەمۇدنى (ھالاك قىلدۇق)، (ئى ئەھلى مەككە!) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ (ھىجازدىكى، يەمەندىكى) تۇرالغۇ جايلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھالاك بولغانلىقى مەلۇم بولدى، شەيتان ئۇلارغا (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن ئىبارەت) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ئەقىل ئىگىلىرى ئىدى) لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق يۈزىسىدىن ئەقلىنى جايىدا ئىشلەتمىدى)[38]. (دۇنيا ـ دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى[39]. (بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال ـ مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى[40]. ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالغانلارنىڭ مىسالى ئۆي ياسىغان ئۆمۈچۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ (يەنى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى ئۇنى ئىسسىق ـ سوغۇقتىن قوغدىيالمىغاندەك، ئۇلارنىڭ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيىدۇر. ئەگەر ئۇلار (بۇ ھەقىقەتنى) بىلسە ئىدى (بۇتلارغا چوقۇنمايتتى)[41]. ئاللاھ ئۇلار ئاللاھنى تاشلاپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[42]. بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ[43]. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بار[44].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر