ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنمۇ؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (51)

1869712
ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنمۇ؟

ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنمۇ؟

 

ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنمۇ؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (51)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنمۇ؟» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سوچى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن قىلغان سۆزلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە «ئۆكتىچىلەر بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ياراشتۇرىشىمىز كېرەك» دېگەن بايانلىرى مەتبۇئاتلاردا بىر ئاز مەزمۇنىدىن بۇرمىلانغان شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. «تۈركىيە سۈرىيەدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتەمدۇ –قانداق؟»  دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

سۈرىيەنىڭ رېئاللىقىدا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قانۇنلۇق دەپ قاراپ، ئۇنى نورماللاشتۇرۇش ھەقىقەتەن مۇمكىنمۇ؟

بۇنداق بىر قەدەم تۈركىيە ۋە سۈرىيەلىكلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولارمۇ؟

دەرۋەقە، تۈركىيە يېقىنقى ئايلاردا تېرورلۇققا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە پ ك ك/ي پ گ نىڭ كونتروللۇقىدىكى تېل رىفات ۋە مەنبىچ قاتارلىق رايونلاردا چوڭ ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىش جەريانىدا، ئاستانە مۇزاكىرىلىدىكى باشقا كېپىل دۆلەتلەر بولغان رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ ئوخشاشمىغان تەكلىپلىرىگە دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ سوچىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئەردوغان باياناتىدا، پۇتىننىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق پ ك ك/ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى رايوندىن تازىلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.  لېكىن مەتبۇئاتلارنىڭ كۆرۈشنى خالىمىغان يەنە بىر باياناتىدا، ئەردوغان ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تېررورلۇققا قارشى كۈرشتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئىدى. ئەردوغاندىن كېيىن، چاۋۇشئوغلۇنىڭ <ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنىڭ بۆلۈنمەسلىكى ئۈچۈن ئۆكتىچىلەر بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ياراشتۇرۇشىمىز كېرەك> دېگەن سۆزى، «ئەجەبا تۈركىيە سۈرىيەدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىۋاتامدۇ - قانداق؟» دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلدى. ھەتتا سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان رايونلاردا بەزى نامايىشلارمۇ ئۆتكۈزۈلدى. لېكىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئەھۋاللارغا ئىزاھات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ب د ت خەۋپسزىلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نۇمۇرلۇق قارارلىرىغا ۋە ئاستانا مۇزاكىرىسىگە تۇتقان مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، سۈرىيە ئىنقىلابىغا ۋە ئىنقىلابى كۈچلەرگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دەر ھەقىقەت، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن پوزىتسىيەلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويساق، تۈركىيە بۇرۇندىنلا سۈرىيەدە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئاستانە مۇزاكىرىسىدىكى سىياسىي سۆھبەتلەر ۋە يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش جەريانىنى ئاخىرغىچە قوللاپ كەلدى. ئەمما بۇ يەردە جەريانغا ئاساسلىق توسقۇنلۇق قىلىش ئامىلى باشتىنلا ئئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان رۇسىيە-ئىران مۇناسىۋەتلىرى بولدى. ئۇلار ئاساسەن دېگۈدەك ھەربىي ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەپ يۈردى. ئىدلىبتە بۇنىڭغا تۈركىيە باھار قالقىنى ھەرىكىتى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ يول قويۇشقا، يېڭى ئاساسىي قانۇن بەرپا قىلىشقا ۋە ئۆكتىچىلەرمۇ ھاكىمىيەتتىن ئورۇن ئالىدىغان يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى نامايان قىلىشتى. ئەگەر ئۇلار بۇ مەيدانىدىن چېكىنىپ، ھەل قىلىش چارىسىغا تەييارلانسا، بۇ ئەزەلدىن تۈركىيە ۋە ئۆكتىچىلەر ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىش بولاتتى.

لېكىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىگە مۇرەسسە قىلماسلىق پوزىتسىيەسى داۋاملىشىدىغان بولسا، ئۇنى بىر قانۇنلۇق ئاكتىيور ئورنىدا كۆرۈپ، مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن خاتا مەيدان بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭچە، تۈركىيەنىڭمۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىش نىيىتى يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر