تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ھەسەل ھەرىسى بېقىلىدىغان شەھىرى ئوردۇ

بىلىۋېلىڭ - 47

1859156
تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ھەسەل ھەرىسى بېقىلىدىغان شەھىرى ئوردۇ

تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ھەسەل ھەرىسى بېقىلىدىغان شەھىرى ئوردۇ

تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىدىغان شەھىرىنىڭ ئوردۇ ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

سالامەتلىككە بولغان پايدىسىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھەسەل، تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا بېغىشلىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىلىرىدىن بىرىدۇر. تارىخى ئەسىرلەردىن بۇيان ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ھەسەلنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىمۇ ئىنتايىن كەڭدۇر. نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە پايدىلىق بولغان ھەسەل، تەبىئىي تاتلىق يېمەكلىك سۈپىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

تۈركىيە، ناھايىتى كۆپ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھەسەل ھەرىسى ئاساسەن ئېگىز – پەس ساھەلەردە بېقىلىدىغان تۈركىيە، دۇنيا بويىچە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا خىتايدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز رايونىغا جايلاشقان ئوردۇ  بولسا، ئەڭ كۆپ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق دۆلەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەسەل ھەرىسى ئوردۇدىكى يەر ياڭىقىدىن قالسا ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوردۇ، يېقىن مەزگىلدە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18 مىڭ توننا ھەسەل ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ، تۈركىيەنىڭ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ % 15 تىگە توغرا كېلىدۇ. ياۋروپاغا ھەسەل ئېكسپورت قىلىدىغان ئوردۇنىڭ ھەرە كۆنىكىنىڭ



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر