تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (37)

1826397
تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشى

 تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (37)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

باھار ۋە ياز ئايلىرىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ پەسىللىك شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىنىمۇ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى. ئىراقنىڭ شىمالىدا پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا. سۈرىيەدىمۇ ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىدە تەشكىلات ئەزالىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا. تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە بولسا، ئەمدىلىكتە ئاخىرىلىشىش نۇقتىسىغا كەلتۈرۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى تازىلاش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا. ئاغرىدا 11 نەپەر پ ك ك ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى، تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ تۈركىيەدە تايىنالايدىغان ھېچقانداق ئۇل - ئەسلىھەسىنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ پ ك ك تېررورلۇقىغا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىيلىكى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. يېڭى بىخەتەرلىك نىشانىغا ماس ھالدا داۋام قىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرمۇ مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشمەكتە. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئىچىدە، يېزا ۋە تاغلىق رايونلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇل - ئەسلىھەلىرى ئاساسەن يوق قىلىندى. تۈركىيەنىڭ ئىچىدە ئېشىپ قالغان تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى سانىنىڭ يۈزدىنمۇ تۆۋەنگە چۈشۈپ قالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بۇ قېتىم ئاغرى تېغىدا 11 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەت، تىرانسپورت ئىمكانى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئاساسەن يوقالغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.

باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ پەسىللىك شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشىنىمۇ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى. ئىراقتا پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاۋاشىن-باسيان ۋە زاپ رايونلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا. تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى رايوندىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كۈنسىرى كۈچەيتمەكتە. شۇنىڭدەك ئىراقتىكى باشقا رايونلاردىمۇ تۈركىيەنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە تەۋە پەشمەرگە قىسىملىرىمۇ تۈركىيە بىلەن ماسلاشقان ھالدا، پ ك ك نى تار بۇلۇڭغا قىستىماقتا. مەركىزى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئىراق ئارمىيەسىمۇ پاراللېل ھالدا سىنجاردىكى پ ك ك غا تەۋە ي ب ش ئۇنسۇرلىرىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنى رايوندىن چىقىپ كېتىشكە ئۈندىمەكتە.

تۈركىيەنىڭ پ ك ك غا قارشى كۈرىشى سۈرىيەدىمۇ داۋاملاشماقتا. ئالدىنقى سەپ لېنىيەلىرىدە ي پ گ ئۇنسۇرلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنىش بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىمۇ زور دەرىجىدە ئاشماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ئەمەلدارى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلماقتا.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پات يېقىندا تۈركىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان گېئوپولىتىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سۈرىيەدىكى پ ي د/ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر