ئانزاك قولتۇقى

بىلىۋېلىڭ - 34

1818115
ئانزاك قولتۇقى

ئانزاك قولتۇقى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى سەپلىرىدىن بىرى بولغان چاناققەلئە گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىدىكى بىر قولتۇقنىڭ «ئانزاك  قولتۇقى» دەپ ئاتالغانلىقىنى بىلەمسىز؟

گەرچە «ئانزاك قولتۇقى» تۈركىيەدىكى چاناققەلئە گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان كىچىككىنە بىر قولتۇق بولسىمۇ، ئەمما ئاۋسترالىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى «چاناققەلئە ئۇرۇشى» مەزگىلىدە، ئانزاك كورپۇسى 1915-يىلى 25 ئاپرېل كۈنى بۇ قولتۇقتىن ئۆتكەن ۋە بۇ يەر ئانزاكلارنىڭ ئاساسلىق ھەربىي بازىسىغا ئايلانغان.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەر يىلى ئاۋسترالىيەلىكلەر بىلەن يېڭى زېلاندىيەلىكلەر بۇ قولتۇقتا خاتىرىلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئانزاكلارنىڭ مىڭلارچە نەۋرە چەۋرىلىرى ھەر يىلى 25 ئاپرېل كۈنى بۇ رايونغا كېلىپ، بۇ يەردە بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئەجدادلىرىنى خاتىرىلەيدۇ. «ئانزاك قولتۇقى» دېگەن ئىسىم، 1985-يىلى 25-ئاپرېل «ئانزاكلارنىڭ خاتىرىلەش كۈنى» دە رەسمىي بېكىتىلگەن. ياش ئانزاك ئەۋلادلىرى، ئەتىگەندە كۈن چىقىشتىن بۇرۇن، سۇغا كىرىدۇ ۋە قىرغاققا قاراپ مېڭىپ، ئەجدادلىرىنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. «ئانزاك قولتۇقى» دىكى بۇ مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەنزاكلارنىڭ نەۋرە چەۋرىلىرى، «Lone Pine ئابىدىسى» گە قاراپ ماڭىدۇ  ۋە بۇ يەردە شېھىت بولغان ئەجدادلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. «Lone Pine» يەنى يالغۇز قارىغاي، ئاۋسترالىيە ئەسكەرلىرى 1915-يىلى 25-ئاپرېل كۈنىدىكى ھەربىي يۈرۈشى جەريانىدا كۆرگەن بىردىنبىر قارىغاي دەرىخىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

گەرچە بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يۈزلىگەن ئاۋسترالىيەلىك، يېڭى زېلاندىيەلىك ۋە تۈركىيەلىكلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، شېھىت بولۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىنى خاتىرىلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ، ئۇرۇش مەيدانىدىن تۇغۇلغان مىسلىسىز دوستلۇق ھېكايىسىنىڭ سىمۋولىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر