مۆمىن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ

ئۇ (دەرىجىلەر) دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئۇ مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر.

1801663
مۆمىن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تاھا سۈرىسى، 66 - 76 ئايەتلەر. مۇسا: «بەلكى سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىدىن (يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىدىن) ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى[66]. (بۇنىڭدىن) مۇسا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى[67]. بىز (ئۇنىڭغا) ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن[68]، قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»[69]. (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر (سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ): «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى[70]. پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»[71]. ئۇلار ئېيتتى: «سېنى (يەنى ساڭا ئەگىشىشنى) ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن (مۇسانىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن ئاللاھنى ھەرگىز تاشلىمايمىز. (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ[72]. بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھنىڭ (ساۋابى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن) ئارتۇقتۇر؛ ئاللاھنىڭ (ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن) دائىمىيدۇر»[73]. كىمكى گۇناھكار ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا ئۇ ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ[74]. كىمكى مۆمىن بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ[75]. ئۇ (دەرىجىلەر) دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئۇ مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر[76].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر