ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئەسىرلەردىن بۇيان نامى ياد ئېتىلىپ كېلىۋاتقان ھاجى بەكتاشى ۋەلى، ھەمدە ئۇنىڭ پەلسەپە ۋە تەلىماتلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1801340
ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ بىرىنچى ماددىسى: «بارلىق ئىنسانلار ئەركىنلىك، ئىززەت - ھۆرمەت ۋە ھوقۇق جەھەتتە باراۋەر تۇغۇلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، ئىككىنچى ماددىسى: «ھەممە ئادەم ئىرق، رەڭ، جىنس، تىل، دىن، سىياسىي ياكى باشقا پىكىرلەر، مىللىي ياكى ئىجتىمائىي كېلىپ چىقىشى، مال-مۈلۈك، توغۇلۇش ۋەياكى باشقا  تۈردىكى سالاھىيەتلەردىن قەتئىينەزەر، بۇ خىتابنامىدە كۆرسىتىلگەن بارلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە ئىگىدۇر» دەيدۇ.

بۇ خىتابنامە  1948 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان. ئۇنداقتا، سىز كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي خىتابنامىسىدىن 700 يىل ئىلگىرى، ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدە بۇ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

بۈگۈن سىلەر بىلەن كەڭ قورساقلىق ۋە تىنچلىقنى ئاساس قىلغان پەلسەپىسىنىڭ مەركىزىگە ئىنساننى قويغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ھاجى بەكتاشى ۋەلى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىمىز.

* * * * *

ھاجى بەكتاشى ۋەلى خوراسان تۈركلىرىدىن بولۇپ، تۈركىستاندىكى خوجا ئەھمەد يەسەۋى مەدرەسەسىدە پەلسەپە، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ ئانادولۇ سەلجۇق دۆلىتىنىڭ سىياسىي تەرتىپى بۇزۇلغان، موڭغۇل ئىستېلاسى باشلانغان بىر پەيتتە ئانادولۇغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ خوراساندا باشلانغان سەپىرى ئولتۇراقلىشىشقا قارار قىلغان سۇلۇجاقاراھۆيۈكتە، يەنى بۈگۈنكى نەۋشەھىردە ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ ئۇزۇن سەپىرى جەريانىدا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان ئېتىقاد ۋە كىشىلەرنى كۆزىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئەينى دەۋرنىڭ داۋالغۇشلۇق مۇھىتىدا تىنچلىق ۋە مۇھەببەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، ئانادولۇنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي قۇرۇلمىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرىدۇ. ئۇ، بۇ موزايكىنى شەكىللەندۈرگەن پارچىلارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئوخشىماسلىقلار چوقۇم ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى كېرەك، دېگەن ئويغا كېلىدۇ. ئۇ ھېچكىمنى بىر - بىرىدىن ئايرىماستىن، يۇقىرى – تۆۋەن كۆرمەستىن، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى مۇھەببەتكە، تىنچلىققا ۋە قېرىنداشلىققا چاقىرىدۇ، ئوي – پىكىرلىرىنى تەسەۋۋۇپ ئاساسىدا بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيەسى ئەسىرلەر ئىلگىرىكى چاغلاردىن بۈگۈنلەرنى ئايدىڭلىتىدۇ. ئۇ «ھېچقانداق بىر مىللەت ياكى كىشىنى ئەيىبلىمە» دېيىش ئارقىلىق كېلىپ چىقىشى ۋە مەدەنىيىتى پەرقلىق كىشىلەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

* * * * *

13-ئەسىردە موڭغۇل ئىستېلاسىنىڭ زوراۋانلىقلىرىغا مۇپتىلا بولغان ئانادولۇدا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆي - ماكانسىز قالىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشتىن يىراقلىشىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قېرىنداشلارچە ياشىشىنى ۋە بارلىق ئېتىقادلارنىڭ بىرلىكى ئىدىيەسىنى ئاساس قىلغان سوپىزم چۈشەنچىسى، ئانادولۇدا ئەنە شۇنداق بىر دەۋردە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ چۈشەنچىنى ھاجى بەكتاشى ۋەلى، يۇنۇس ئەمرە ۋە مەۋلانا جالالىدىن رۇمى قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم مۇتەپەككۇرلار ئاممىغا يەتكۈزىدۇ. بۇ قىممەتلىك مۇتەپەككۇرلار كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى ساغلاملاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛ ئىشەنچ، تىنچلىق ۋە يۇقىرى كىشىلىك قىممەت قارىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ مۇتەپەككۇرلار دىنىي مەسىلىلەردىكى قاراشلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلماستىن باراۋەرلىك ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلارغىمۇ ئىشىكلەرنى ئوچۇق قويۇشتەك دىنلار ھالقىغان چۈشەنچىگە تايىنىپ پىكىرلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزىدۇ.

ئانادولۇ تەسەۋۋۇپ تەپەككۇرىدا ئىز قالدۇرۇغان، سوپىزم ئەنئەنىسىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ھاجى بەكتاشى ۋەلىمۇ ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا تىنچلىقنى، ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپنىڭ ئورنىغا مۇھەببەت ۋە كەڭ قورساقلىقنى دەسسىتىدۇ. «دۈشمىنىڭنىڭمۇ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالما» دېيىش ئارقىلىق ئىنسان ئامىلىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ؛ ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇلۇغ ۋە چوڭقۇر پەلسەپەنى ئاددىي، ئەمما شېئىرىي تىلدا يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان ئېتىقادقا ئىگە بارلىق ئىنسانلارنى بىر كۈنلۈكنىڭ ئاستىدا توپلاش كۈچىگە ئىگە. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ پىكىرلىرى ئانادولۇدىلا ئەمەس، بالقان جۇغراپىيەسىدىمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ. ھاجى بەكتاشى ۋەلى «ئاياللارنى ئوقۇتۇڭلار» دەيدۇ، 13 – ئەسىردىلا ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاياللارنى ئەرلەردىن ئايرىمايدۇ. ئۇ «ئىلىم بۆشۈكتىن باشلىنىپ قەبرىدە ئاخىرلىشىدۇ» دېگەن سۆزى ئارقىلىق مائارىپنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ.

* * * * *

ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە تەلىماتلىرىنى سۇلۇجاقاراھۆيۈكتىكى تۇرالغۇسىدا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. بۈگۈنكى نەۋشەھىرنىڭ ھاجىبەكتاش ناھىيەسىدىكى بۇ دەرۋىش تۇرالغۇسى، ھاجى بەكتاشى ۋەلى كۈللىيەسى ئىچىگە جايلاشقان. ھاجى بەكتاشى ۋەلى كۇللىيەسى  تۈركىيەنىڭ مۇھىم دىنىي ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. بەكتاشىزمنىڭ قائىدە – يوسۇن ۋە سىمۋوللىرىنى قەبرىستانلىق بىناكارلىقى ۋە ئىچكى لايىھەسىدە ئەكس ئەتتۈرگەن بۇ كۇللىييە، ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى — يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

ھاجى بەكتاشى ۋەلى كۇللىيەسى  ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق خاتىرىلەش مۇراسىملىرىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. 2021 - يىلى يۇنېسكو تەرىپىدىن ھاجى بەكتاشى ۋەلىنى خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش يىلى دەپ ئېلان قىلىندى. نەچچە ئەسىر ئىلگىرى بۈگۈننىڭ قىممەت قارىشىغا ئىگە بولغان، مۇھەببەت، ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك ۋە تىنچلىقنى تەشۋىق قىلغان ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 750  - خاتىرە يىلىدا كەڭ ئامما تەرىپىدىن  ياد ئېتىلمەكتە. ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ئايرىپ ئولتۇرماستىن كۆڭۈل بۆلگەن بۇ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرنىڭ تەلىماتلىرى، ئاممىباب ئۇچۇرلىرى يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇنىڭ پەلسەپىسى ئۇنىڭ پىكىرلىرىدىن ۋاقىپ بولمىغان، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشمىغانلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.

* * * * *

ئانادولۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە ئېتىقادنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلدى. كەڭ قورساقلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ تۇپراقلار ئەسىرلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىپ، ئەۋلىيالارنى باغرىغا باسماقتا.

ھاجى بەكتاشى ۋەلىمۇ بۇ تۇپراقلاردا ياشىغان ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوي-پىكىرلىرى ۋە تەلىماتلىرى بىلەن كىشىلەرگە سوپىزمنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەتراپىغا يىغىلغان كىشىلەرگە يېمەكلىك، خىزمەت تېپىپ بېرىدۇ ۋە ئىسلامنى ئۆگىتىدۇ. نۇرغۇن ئېقىملار ھەم ئەينى دەۋردە ھەمدە كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇنىڭدىن ئىلھام ئالىدۇ. ئۇ تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرىكى دەۋرى بىلەن كېيىنكى دەۋر ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك كۆۋرۈك ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ ئېتىقادنى ئەقىل ۋە لوگىكا يۆنىلىشىگە قويىدۇ. ئۇنىڭ ئىنساننى مەركىزىي ئورۇنغا قويغان، ئىلىم – پەننى ئاساس قىلغان پەلسەپەسى نۇرغۇن ئاممىغا يېتىدۇ. ئىنسان، تەبىئەت، خۇدانى سۆيۈش، باراۋەرلىك، كەڭ قورساقلىق ۋە ئىلىم-پەن توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى بىلەن بۈگۈنكى جەمئىيەتلەرنى ئايدىڭلىتىدۇ. ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئەسىرلەردىن بۇيان بىزگە «ئازارلانساڭمۇ ئازار بەرمە»، «ئەڭ كاتتا كارامەت ئىشلەش»، «بىلىمسىز ماڭغان يولنىڭ ئاخىرى قاراڭغۇلۇقتۇر» دەپ نىدا قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر