ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (29)

1797955
ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان تەسىرى

 

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (29)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەدە كۆرۈلۈىشى مۇمكىن بولغان تەسىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىشغالىيەت ھەرىكىتى داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانىدىكى زىيانلىرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا. پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئەقىلگە سىغماس ھېساب خاتالىقى سەۋەبىدىن، رۇسىيە خەلقئارادا زور دەرىجىدە يېتىم قالدۇرۇلماقتا. پۇتىننىڭ سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھەربىي ئۇنسۇرلارنى سۈرىيەدىن ئۇكرائىناغا يۆتكەشكە باشلىغانلىقىمۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ سۈرىيەدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولغان نەتىجىلىرىنىڭ مۆلچەردىكىدىن بالدۇر ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ئاسان غەلىبە كويىدا بولۇۋاتقان رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ پاتقاقلىق ئۇرۇش مەيدانىدا قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇر پېتىپ قالغاندەك كۆرۈنۈشنى نامايان قىلماقتا. ئۇرۇشنىڭ ئۈچىنچى ھەپتىسىدىمۇ تېخىچە مۇھىم شەھەرلەرنى ئالالمىغان ۋە ھاۋا ئۈستۈنلۈكىنى تىكلىيەلمىگەن بىر رۇسىيە ئارمىيەسىنى كۆرمەكتىمىز. رۇسىيە قىسىملىرى پارتىزانلارچە ئۇپرىتىش ئۇرۇشى قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن غايەت زور زىيانغا ئۇچرىتىلماقتا. ھەربىي نۇقتىدىن داۋاملىشىشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقماقتا. پۇتىننىڭ ئىشلىرى ئۇرۇش مەيدانىدا ياخشى بولماي كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا شەرقتىكى مىڭلىغان پىدائىيلارنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيە ئارمىيەسىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دىققەتلەرنى يەنە بىر قېتىم سۈرىيەگە تارتتى. پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا باشتىن كەچۈرگەنلىرىنىڭ ئەلۋەتتە سۈرىيەدىمۇ بىر ئاقىۋىتى بولىدۇ. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھەربىي ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا يۆتكىلىشى بۇ جەرياننى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ.

ئالدى بىلەن، سۈرىيە ئۇرۇش مەيدانىدىكى كۈچ دىنامىكلىرى رۇسىيەگە شۇنداقلا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. رۇسىيە ھەربىي جەھەتتە ئۇكرائىناغا مەركەزلىشىپ، سۈرىيەدىكى مۇرەككەپ ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى، بولۇپمۇ تەجرىبىلىك ئۇچقۇچىلار ۋە ئالاھىدە قىسىملىرىنى ئۇكرائىناغا يۆتكەشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا قوشۇمچە ۋاگنېر زاپچاسلىرىمۇ ئۇكرائىناغا يۆتكەلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ كۆزقارىچۇقلىرىدىن بىرى بولغان «بايراقتار ت ب 2» لەرنىڭ   رۇسىيەنىڭ زور كۈچى ئالدىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىمۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە رۇسلارغا قارشى قولىنى كۈچەيتمەكتە. رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىنىڭ چەكلىنىشى بىلەن،  رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي تەمىناتى تېخىمۇ قىيىنغا توختىماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارالىق يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇچرىغان رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى يەنە قانچىلىك قوللىيالايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ئەلۋەتتە، غەرب ئىتتىپاقىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بولغان كۆز قارىشى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ. سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن خەلقئارالىق قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇرۇنىشىمۇ ئەمدى مۇمكىن بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، سۈرىيەدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچ دىنامىكلىرى تۈركىيە ۋە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە پايدىلىق ھالغا كېلىدۇ. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىدىن بەكرەك ھەربىي ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىنىشىمۇ ئەمدى مۇمكىن بولمايدىغان تاللاشقا ئايلاندى. بۇ يېڭى تەڭلىمىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى تېخىمۇ كۆپ يول قويۇش ئارقىلىق سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، يېڭى ھەربىي تاللاشلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشى سۈرىيەدىكى تەڭپۇڭلۇقلارنى مانا بۇ ئەھۋاللار ئەتراپىدا بەلگىلەپ چىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر