پىروفېسسور دوكتور ھۈسەيىن يىلماز

بىلىۋېلىڭ - 28

1795325
پىروفېسسور دوكتور ھۈسەيىن يىلماز

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلار ئارقىلىق كۈندىلىك ھاياتىمىزغا كىرگەن ۋە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئاۋاز بۇيرۇق تېخنىكىسىنى بىر تۈرك ئالىمنىڭ كەشىپ قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

1926 - يىلى دەنىزلىنىڭ بىر يېزىسىدا نامرات بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ھۈسەيىن يىلماز، كىچىك يېشىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ۋە 12 ياشقا كىرگۈچە مەكتەپتە ئوقۇشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇ پادىچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئۇچراتقان ئوقۇتقۇچىلار، ئۇنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە قازانغان ئۇتۇقلىرى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنىڭ سايىسىدا، ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنى مۇشۇ يەردە پۈتتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە تەتقىقاتىنى قوللايدىغان ئۇستازلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنستىتۇتى (MIT)غا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇ يەردە پىروفېسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھۈسەيىن يىلماز، ئالبېرت ئېينىشتىيىننىڭ «قۇرۇلما-فۇنكىسىيە نەزەرىيەسى» دىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىغاندىن كېيىن، داڭلىق ئالىمغا مەكتۇپ يوللايدۇ. لېكىن، بۇ مەكتۇپ تېخى تەگمەپ تۇرۇپلا، ئېينىشتىيىن بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىدۇ. يىلماز، بۇ خاتالىقنى داڭلىق ئىلىم-پەن ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدۇ ۋە ئېينىشتىيىننىڭ نەزەرىيەسىگە قارشى «يىلماز تارتىش كۈچى نەزەرىيەسى» نى ئېلان قىلىپ، ئۆز ساھەسىدە تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالىدۇ.

پىروفېسسور يىلماز ئۆزى باشقۇرغان تېخنىكا شىركىتىدە ئاۋاز كونترول قىلىنىدىغان كومپيۇتېر لايىھەلەش ئارقىلىق ئىلىم-پەن تارىخىغا قەدەم باسىدۇ. بۇ ئىجادىيەت بىز بۈگۈنكى كۈندە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلاردا ئىشلىتىدىغان ئاۋاز كونترول سىستېمىسىنىڭ ئەجدادىدۇر.

2013 يىلى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان پىروفېسسور دوكتور ھۈسەيىن يىلماز، ئىلمىي ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، فىزىكا ئىلمىغا ئىنتايىن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر