تۈرك ناشتىلىقى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 28

1792032
تۈرك ناشتىلىقى

تۈرك ناشتىلىقى

يېڭى شەيئىلەر گۈزەل بولىدۇ - 28

غامزە دەمەچ

***********

ھۆرمەتلىك تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنىڭ قەلب دوستلىرى! قىشنىڭ بۇ گۈزەل كۈنىدە پايتەخت ئەنقەرەدىن ھەممىڭلارغا سالام. ھايات گۈزەلدۇر، ھەمدە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشمۇ شۇنداق… پروگراممىمىزنىڭ بۈ ھەپتە باشلىنىدىغان ئىككى بۆلىمىدە سىلەرگە تۈرك ناشتىلىقىنى تونۇشتۇرىمىز.

مول ئۆسۈملۈك ۋە يېمەك-ئىچمەك بايلىقى ھەمدە ئۆزگىچە مەنزىرىسى بىلەن تۈركىيەدە نۇرغۇنلىغان ناشتا تۈرلىرى بولۇپ، بۇ ناشتىلىقلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، باشقا يەردىن تاپقىلى بولمايدىغان يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەنمۇ ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۇ ئۆزگىچە ناشتىلىقنىڭ ئەسلىدە تۈرك خەلقىگە نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

تۈرك ناشتىلىقى پەقەتلا بىر  يېمەك ئەمەس، ئۇ بىر تەجرىبىدۇر. ئىجتىمائىيلاشقان ۋە ئورتاقلاشقىلى بولىدىغان ئۆزگىچە لەززەتلىك تەييارلانغان تۈرك ناشتىلىقىغا نۇرغۇن كىچىك تەخسىلەر كېتىدۇ. ھەم تاتلىقلار،  ھەم تۇزلۇق بويۇملار، ھەم بولكا ۋە تۈگىمەس چاي قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. تۈرك ناشتىلىقىغا ئادەتتە قاينىتىلغان تۇخۇم، قاتۇرۇلغان تۇخۇم ياكى پەمىدۇرلۇق قورۇلغان تۇخۇم  قاتارلىقلار ئېلاۋە قىلىنىدۇ. تەرخەمەك، پەمىدۇر، زەيتۇن، بىر تەخسە يەرلىك پىشلاق، ھەسەل ۋە قايماق ناشتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ناشتىلىق ئۈچۈن ئۈستەلدە مۇراببا، سېرىق ماي، سۇجۇق، پىشلاق، پالەك ياكى قېيمىلىق قاتلىمىمۇ بولىدۇ.

«كېڭەيتمە ناشتىلىق» ئۇزۇن ۋاقىت ناشتىدىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى بولۇپ، تۈرك خەلقى ھەپتە ئاخىرىدا دېڭىز بوغۇزى مەنزىرىسى ئەتراپىدا ياكى يېزىلاردا ۋە ياكى داڭلىق قەھۋەخانا ۋە رېستورانلاردا چوقۇم «كېڭەيتمە ناشتىلىق» قىلىشقا بارىدۇ. كېڭەيتمە ناشتىلىق تۈرىدە، پىشلاق، پەمىدۇر، تەرخەمەك، ئۆسۈملۈك، مۇراببالار، تاھىن، سېرىق ماي، قايماق، ھەسەل، ھەر خىل زەيتۇن، دورا دەرمەكلىك زەيتۇن يېغى، دورا - دەرمەكلىك پەمىدۇر قىيامى، تۇخۇم، قاتۇرۇلغان تۇخۇم، بولكا، كۈنجۈتلۈك نان، قارىمۇچ ۋە تۈرك پېچىنە-پىرەنىكلىرى قاتارلىقلار ئايرىم ئايرىم تەخسىلەردە دوستىخانغا قويۇلىدۇ.

كېڭەيتمە ناشتىلىقنىڭ ئەھمىيىتى، ئىسمىدىنمۇ بىلىنگەنگە ئوخشاش پۈتۈن ئۈستەلنى تولدۇرۇپ ئائىلىڭىزدىكىلەر، دوستلىرىڭىز، قولۇم-قوشنىلىرىڭىز، يېقىنلىرىڭىز بىلەن ھەمدوسقان بولۇشقا ئىنتايىن مۇناسىپ. ناشتىلىق ئادەتتە بىر ئىستاكان تۈرك چېيى ئېچىش بىلەن باشلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا ھەزىم قىلىشقا ياردەمچى بولىشى ئۈچۈن تۈرك قەھۋەسى سۇنىلىدۇ. تۈرك قەھۋەسى ئادەتتە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا لوقۇم بىلەن بىرگە سۇنىلىدۇ.

ناشتا ئۇزۇن ۋاقىت ئالىدىغان بولغاچقا ھەمدە تويغۇدەك مول بولغاچقا شۇ كۈندىكى باشقا تاماقلارنى يېمىسىڭىزمۇ ياكى يېنىك كەچلىك تاماق بىلەنلا كۇپايە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

قېنى ئەمىسە تۈركىيەنىڭ ئەڭ جەلپكار رايونلۇق ناشتىلىقلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

ئەنئەنەنىۋى ئەگە ناشتىلىقى

ئەگە ناشتىلىقىدا يېڭى كۆكتاتلار، زەيتۇن ۋە سۈزمە زەيتۇن يېغى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. رايوننىڭ يېڭى ئۆسۈملۈكلىرى ۋە زەيتۇنلىرى، ئەزىنە پىشلىقى ياكى بەرگاما تۇلۇم پىشلىقى، بويوز بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، ھەيران قالارلىق تەمگە ئىگە قىلىنىدۇ. بەرگامادا ئەڭ ياخشى تۇلۇم پىشلىقى تېپىلىدۇ. ئەگە ناشتىلىقىدا يەنە، ئۆرۈك، بۆلجۈرگەن، قىزىلگۈل، پورتىقال، ئەنجۈر، بېھى، تۇخۇم، ئانار، ئۆسۈملۈك، ياڭاق، ھەتتا ئەپلىسىن پوستى قاتارلىق يېڭى تەركىبلەر بىلەن بىرگە ئۆيدە ئىشلەنگەن مۇراببالار بولىدۇ. ئەگە ناشتىلىقىدا يېڭى كۆكتات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئىسسىق بىر ئىستاكان تۈرك چېيىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۇنتۇماڭ.

غازىئانتەپنىڭ يەرلىك ناشتىلىقى

يېمەك-ئىچمەكلىرى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغان غازىئانتەپنىڭ ئىنتايىن ئالاھىدە ناشتىلىقى بار. رايوننىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ كۆپ ياقتۇرۇلىدىغان ناشتىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان بەيراغا قوشۇمچە كاتمېر تاتلىق تۈرۈمى، نوقۇت ئورالمىسى، جىگەر ئورالمىسى، قورۇلغان قايماق، مۇھەممارا، تۇخۇم ۋە پىياز قاتارلىقلار سۇنىلىدۇ.

ۋاننىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىقى

ۋاننىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىقى تۈركىيە بويىچە ئەڭ مول ناشتىلىق ھېسابلىنىدۇ. ۋان بىلەن ناشتىلىق تۈركىيەدە بىر مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. باشقا شەھەرلەردىمۇ ۋان ئۇسلۇبىدىكى ناشتىلىق رېستورانلىرى ئېچىلدى. بۇ رېستورانلاردا مەشھۇر ياۋا سامساق، «سىرمو» دەپ ئاتىلىدىغان كۆكتات بىلەن يېنىك پىشۈرۈلغان  پىشلاق قاتارلىق رايوننىڭ مەززىلىك تائاملىرى سۇنىلىدۇ. ۋاننىڭ ئەنئەنىۋى ناشتىلىقىدا، ئەنئەنىۋى ۋان پېچىنە-پىرەنىكلىرى، مۇرتۇغا (ئۇن ۋە ماي بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم) ھەمدە كاۋۇت (يەنى ئىنتايىن قەدىمىي ھالۋا تۈرى) قاتارلىقلارمۇ سۇنىلىدۇ.

ئەسلىدە بۇ رېستورانلارنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە ياخشى ۋەكىللىك قىلسىمۇ، يەنىلا داڭلىق ناشتىلىقتىن تولۇق بەھۇزۇر بولۇش ئۈچۈن مەنبەسىگە، يەنى ئەسلى شەھىرىگە بېرىش لازىم.

ئەنئەنىۋى قارا دېڭىز ناشتىلىقى

ئەنئەنىۋى قارا دېڭىز ناشتىلىقىنى تەرىپلەش ھەقىقەتەن تەس. چۈنكى قارا دېڭىزنى ھەمىلا ۋىلايەتلىرىدە ناشتىلىقتا بىر بىرىدىن مەززىلىك ۋە تەبىئىي مەھسۇلاتلار سۇنىلىدۇ. مىخلاما، چىلىغان كۆكتات، كۆممىقوناق بولكىسى ۋە ھەر خىل قاتلىمىلىرى بولىدۇ. قارا دېڭىزنىڭ ئۆزگىچە ھاۋاسى ۋە ياپيېشىل تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن قىلىدىغان ناشتىلىقىڭىز بەلكىم ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ناشتىلىق بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ قەدىرلىك دوستلىرى! بۈگۈن بىز «تۈرك ناشتىلىقى» نى تونۇشتۇردۇق.  كېلەر ھەپتە داۋمىنى ئاڭلىغۇچە ئامان بولغايسىلەر! خەيىر خوش



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر