جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 25

1782412
جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

( دوكتور مەھمەت ئۇچار)

جىگەرنى ماي قاپلاش، جىگەر ھۈجەيرىسىدە ئارتۇقچە ماي ​​يىغىلىش نەتىجىسىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

جىگەرنى ماي قاپلاش، جەمئىيەتتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ بەدەن ئېغىرلىقى مەلۇم دەرىجىدە  ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، جىگەرنى ماي قاپلاش تەرەققىي قىلىدۇ. جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ سەۋەبلىرى ھەممە ئادەمدە ئوخشاش بولمايدۇ.

جىگەرنى ماي قاپلاش دېگەن نېمە؟

جىگەر ھۈجەيرىسىدە ماينىڭ يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ خىل ئەھۋال بار. بۇلار;

• پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش،

• شېكەر ۋە مايلىق يېمەكلىكلەرنى ​​ كۆپ ئىستېمال قىلىش،

• ئاقسىلنى ئاز ئىستېمال قىلىش،

• ۋىتامىن A نى كۆپ ئىستېمال قىلىش،

• تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش،

• ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇش،

• بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك،

• بىنورمال دىيەت سەۋەبىدىن بىردىنلا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئورۇقلاش،

• يۇقىرى قان بېسىم،

• ھەرىكەتتىن خالىي ھايات.

ئەگەر جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق بىر شىكايىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلانسىڭىز، ئالدى بىلەن چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتىشىڭىز، دوختۇرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئاساسەن داۋالاش جەريانىنى باشلىشىڭىز كېرەك.

جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى  تۆۋەندىكىچە:

• لىمون

يېرىم لىموننى بىر ئىستاكان سۇغا سىقىپ، بۇ ئىچىملىكنى ئۇدا بىرقانچە ھەپتە كۈندە 2-3 قېتىم ئىچىپ بېرىش، جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىگە پايدىلىقتۇر.

• ئالما سىركىسى

بىر ئىستاكان ئىلمان سۇغا بىر قوشۇق تەبىئىي ئالما سىركىسىنى قوشۇپ، تاماقتىن بۇرۇن، كۈندە ئىككى قېتىم  ئىچىشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى. ئەگەر خالىسىڭىز، بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىشقا يارىشى ئۈچۈن، بۇ ئۇسۇلنى چوقۇم 1-2 ئاي تەرتىپلىك داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك.

• زەرچىۋە

1 چاي قوشۇقى زەرچىۋە تالقىنىنى بىر ئىستاكان سۇدا قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئۇدا بىر نەچچە ھەپتە ئىچسىڭىز بولىدۇ.

• مامكاپ

بىر ئىستاكان قىزىق سۇغا 1 ھەسەل قوشۇقى قۇرۇتۇلغان مامكاپنى سېلىپ، 5-10 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، ئىچىڭ. بۇ ئۆسۈملۈك چاينى ئۇدا بىر نەچچە ھەپتە ئىچىشىڭىز كېرەك. لېكىن، ھامىلدار ياكى دىيابىت بىمارلىرى مامكاپتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

• يېشىل چاي

ھەر كۈنى دائىم 2-3 ئىستاكان يېشىل چاي ئىچىپ بېرىش، ھاراققا خۇمار بولۇپ قالمىغان جىگەردىكى ماي قاپلاش كېسەللىكىگە پايدىلىقتۇر.

• بەلىزگۈل

ھەر كۈنى ئىككى قېتىم بەلىزگۈل چېيى ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق  مايلىق جىگەردىن قۇتۇلالايسىز. بەلىزگۈل چېيى دائىم ئىستېمال قىلىنسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھەمدە مۇشۇ تىپتىكى كېسەللىكلەرنىمۇ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

• تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش

ساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە چېنىقىشنىڭ دەسلەپكى جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرىدۇر. ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كەم دېگەندە% 5 ىدىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق جىگەردىكى ماي قاپلاشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. لېكىن،  بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە يۇقىرى ياكى سېمىز كىشىلەرنى كەم دېگەندە% 10  ئۇرۇقلىنىش نىشان قىلىنىشى كېرەك.

• چېنىقىش

چېنىقىش بىلەن شۇغۇللىنىش ھەددىدىن زىيادە بەدەن ئېغىرلىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە تەبىئىي ھالدا جىگەرنى ماي قاپلاشتىن خالاس تاپقۇزۇش رولىغا ئىگە. دائىم چېنىقىش ئارقىلىق بۇنداق شىكايەتلەردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلالايسىز.

چېنىقىش جىگەرنىڭ ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان بولغاچقا، بىمارلار ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە 150-300 مىنۇت ئوتتۇراھال سەۋىيەدە چېنىقىشى، ياكى 75-150 مىنۇتلۇق كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

• شىپالىق ئۆسۈملۈك دورىلىرى

جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىنى داۋالاشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك تولۇقلىمىلىرى ئىچىدە چوڭ خوخا تىكەن، تاتلىق زەنجىۋىل ۋە زەرچىۋە قاتارلىقلار بار.  تاتلىق زەنجىۋىلنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بېرىش ئارقىلىق  جىگەردىكى ماينى ئازايتقىلى بولىدۇ.

• سامساق

بىر تەتقىقاتتا، سامساقنى ئىشلىتىش ئارقىلىق جىگەردىكى ماينى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. لېكىن، شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، كونترولسىز ئىشلىتىش (قاناش خەۋىپى دېگەندەك) ئېغىر ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

• ئومېگا -3 ياغ كىسلاتالىرى

دىيەتتە، سالمون بېلىقى، ساردىن بېلىقى ۋە ياڭاق قاتارلىق ئومېگا -3 ئۇزۇقلۇق مەنبەلىرىنىڭ بولۇشى، جىگەردىكى ياغنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

• بىروككولى

• ياڭاق

بىر تەتقىقاتتا، جىگىرىنى ماي قاپلىۋالغان كىشىلەر ياڭاقنى ئىستېمال قىلغاندا، ئۇلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلانغانلىقى ئىسپاتلانغان.

• پېرسېيە نەشپۈتى

تەتقىقاتلاردا ئايان بولۇشىچە، پېرسېيە نەشپۈتىنىڭ تەركىبىدە جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىنى داۋالاشتا ئاستىلىتىدىغان خىمىيەلىك ماددىلار بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پېرسېيە نەشپۈتىنىڭ تالا تەركىبى ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن.

• ياۋروپا كەرەپشىسى شەربىتى

جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەتىگەن تەرەپلەردە لىمون - ياۋروپا كەرەپشىسى شەربىتى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. 15-16 تال ياۋروپا كەرەپشىسى پوستىنى مېۋە شەربىتى چىقىرىش ماشنىسىدا سىقىپ، ئىچىگە بىر نەچچە تامچە لىمون سۈيى ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، يېرىم ئىستاكان سۇغا قوشۇپ، لىمون - ياۋروپا كەرەپشىسى شەربىتى تەييارلىنىدۇ. بۇ شەربەتنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە 1 ئاي ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسىڭىز، جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىگە پايدىلىقتۇر.

•  ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯۈمىدىنمۇ  جىگەرنى ماي قاپلاش كېسەللىكىنى داۋالاشتا پايدىلىنىشقا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر