زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى - 16

1753208
زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

زەيتۇن، ياللۇغ قايتۇرۇش، قاندىكى قەنت ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاندىكى ياغ سەۋىيەسىىنى تۆۋەنلىتىش، سۆڭەك يوقىلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مىكروب يوقىتىش، ئوكسىدلىنىشقا ۋە راكقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر مېۋىدۇر.

زەيتۇن يوپۇرمىقى بولسا بەدەنگە بولغان پايدىلىرى كۆپ ئىنتايىن قىممەتلىك ئۆسۈملۈكتۇر؛

• زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

• بۆرەكتىن سۇنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرىدۇ.

• زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىنسۇلىنغا قارشى تۇرۇش ۋە ئېغىرلىقنى كونترول قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.  

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى، ھەم دىيابىت كېسەللىكى ھەم قاندىكى قەنتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنىڭ باشقا پايدىلىرى

1) ھۈجەيرىلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭىلايدۇ

زەيتۇن يوپۇرمىقى تەركىبىدە ئومىگا ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، دانىخورەكلىك تېرىنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ھەمدە دانىخورەك داغلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جاراھەت، قىزىرىش، قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە رول ئوينايدۇ.

2) دىققەت كەمتۈكلىكى، ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

3) يۈرەك ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قان بېسىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تۇيۇقسىز قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قان ئايلىنىشنى تەڭشەيدىغان بولغاچقا، يۈرەك كېسىلى خەۋپىنىمۇ ئازايتىدۇ، ۋەزىپىلىرىنى ئومېگا -3 ياغ كىسلاتاسى سايىسىدا ئورۇندىيالايدۇ.

4) ئاغرىق پەسەيتكۈچ ۋە مۇسكۇل بوشاتقۇچىدۇر

مۇسكۇل ۋە باش ئاغرىقلىرىنى زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىچىش ئارقىلىق پەسەيتكىلى بولىدۇ.

5) يۇقۇملىنىشنى يوقاتقۇچىدۇر

ئۈستۈنكى نەپەس يولى ۋە سۈيدۈك يوللىرى كېسەللىكلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.

7) ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ

تەركىبىدە ۋىتامىن E ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول بولغان زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى قانچە كۈن ئىچىش كېرەك؟

بۇ چاينى كۈندە 2-3 قېتىم ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن كەم دېگەندە 2 ئاي ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىچكەندە قورسىقىڭىزنىڭ ئاچ ياكى توق بولۇشى توغرىسىدا ئېنىق بىر قاراش يوق.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى ناشتىدا باشقا ئۇزۇقلۇقلار بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. كۈندۈزلىرى تاماق ئارىلىقىدا ئىستېمال قىلىشىڭىزغا ماس كېلىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىستېمال قىلىشتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش كېرەك؛

• 18 ياشتىن تۆۋەن ياشلار ۋە بالىلاردا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

• ئەگەر ئاكتىپ تەركىبلەرگە قارىتا سەزگۈرلۈك بولسا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

• سۇيۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشى چەكلەنگەن (بۆرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق) ئەھۋاللاردا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

• بۆرەك زەئىپلىشىش ياكى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دوختۇردىن مەسلىھەت سورىماي تۇرۇپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

• ھامىلدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىچىشى خەتەرلىك دەپ قارىلىدۇ.

• قان بېسىم بىمارلىرى دوختۇرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىچىشى كېرەك.

• ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك دورىسى ئىشلەتكەندە زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى ئىچمەسلىكىڭىز لازىم.

• كۆڭۈل ئاينىش ياكى قىچىشىش قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسىڭىز، زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىچىشنى توختىتىشىڭىز كېرەك.

ساقلاش ئۇسۇلى

زەيتۇن يوپۇرمىقىنى مەھكەم يېپىق سۇلياۋ قاچىلاردا، يورۇقلۇق ۋە نەملىكتىن خالىي سالقىن مۇھىتتا ساقلاش كېرەك.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى دەملەش ئۇسۇلى

ماتېرىياللار:

• 1 ھەسەل قوشۇقى قۇرۇتۇلغان زەيتۇن يوپۇرمىقى

• 200 مىللىلىتىر قايناق سۇ

تەييارلاش ئۇسۇلى:

1 - ئۇسۇل:

بىر ئىستاكان ياكى بىر پىيالە قايناق سۇغا 6-10 گرام (ئىككى چىمدىم) قۇرۇتۇلغان زەيتۇن يوپۇرمىقى سېلىڭ. ئۇنى 10 مىنۇت قاينىتىڭ. 10 مىنۇتتىن كېيىن، چاينى سۈزۈپ ئىچسىڭىز بولىدۇ.

2 - ئۇسۇل:

چاي: 6-10 گرام توغرالغان ياكى پۈتۈن قۇرۇتۇلغان يوپۇرماقلارغا 150 مىللىلىتىر قايناق سۇ ئىلاۋە قىلىنىپ، 15 ~ 20 مىنۇتقىچە دەملىنىدۇ، ئاندىن سۈزۈلۈپ، كۈندە 3 قېتىم ئىچىلىدۇ. كۈندىلىك مىقدارى 30 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

3 - ئۇسۇل:

چاي: 10 گىرام يېڭى ياكى 5 گىرام قۇرۇتۇلغان يوپۇرماقنى 150 مىللىلىتىر سۇدا، سۇ مىقدارى 100 مىللىلىتىر ئازايغانغا قەدەر قاينىتىلىدۇ. ئاندىن، سۈزۈلۈپ، كۈندە 2 قېتىم ئىچىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر