ئالتۇن بۆشۈك ئۆڭكۈرى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى...

1748634
ئالتۇن بۆشۈك ئۆڭكۈرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىلگىرى ببرەر ئۆڭكۈردە تۇرۇپ باققانمىدىڭىز؟ ئەگەر جاۋابىڭىز «ھەئە» بولسا، ئۇ مۇھىت سىزدە قانداق ھېسسىيات پەيدا قىلدى؟ قاراڭغۇ، ئاۋازلار ياڭراپ تۇرىدىغان  ئۇ يەر سىزگە نىسبەتەن قورقۇنچلۇقمىدى ياكى جەلپ قىلارلىقمىدى؟ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى سىزگە سىرلىق تۇيۇلدىمۇ ياكى ھاياجانلاندۇردىمۇ؟ كىشىلەر ئوتتۇرا ئەسىردە ئەجدىھا ۋە ئالۋاستىلارنىڭ ئۆڭكۈرلەردە ياشايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولسا، قەدىمكى چاغلاردا ئۇلارنى يەر ئاستى دۇنياسى ۋە ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىسى دەپ ھېسابلىدى. ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى چاغلاردا بولسا، ئۆڭكۈرلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ھايات – ماماتلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. چۈنكى ئۆڭكۈرلەر ئۇلارنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن قوغدىلىپ، ئازادە ياشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرەلەيتتى. پاناھلىنىش ۋە قوغداش مۇددىئاسى بىلەن باشلانغان ئۆڭكۈر سەرگۈزەشتىلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئوخشىمىغان نۇقتىلارغا يەتتى. بەزىدە بىر ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرى سوغۇق ساقلاش ئۆيىگە ئايلانغان بولسا، بەزىدە ئۇنىڭ تاملىرى ئىنسانلارنىڭ تۇنجى سەنئەت تەجرىبىسىنىڭ دوسكىسىغا ئايلاندى. ئەپسانىلەردە ئۇلار يەر ئاستى دۇنياسىنىڭ سىرلىق ئىشىكلىرى؛ پەيغەمبەرلەر، ئەۋلىيالار ۋە ئەلچىلەر پاناھلىنىدىغان دىنىي ماكانلار ئىدى. ئۇ يەرلەردە ئەسىرلەر بويى ئۇخلىغانلارمۇ، ئازاب - ئوقۇبەت چېكىش ئۈچۈن پىنھان قېلىش يولىنى تاللىغانلارمۇ بار ئىدى.

بەزى ئۆڭكۈرلەرگە كىشى ئېڭىشكەن ھالەتتە كىرەلىسە، يەنە بەزىلىرىگە تاغ ئېتىكىگە ياماشقاندىن كېيىن كىرەلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزئارا تۇتاش كارىدورلاردىن تاپسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ بىر قانچە قەۋىتى بار، بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە  كىلومېتىرغا يېتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدە چوڭ-كىچىك  بولۇپ قىرىق مىڭ ئەتراپىدا ئۆڭكۈر بار؛ شۇڭلاشقا ئۇ «ئۆڭكۈرلەر جەننىتى» دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ، دۇنيانىڭ ئۈچىنچى چوڭ يەر ئاستى كۆلى بولغان «ئالتۇن بۈشۈك (ئالتىن بەشىك) ئۆڭكۈرى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

* * * * *

ئالتۇن بۈشۈك ئۆڭكۈرى ئانتاليانىڭ ئىبرادى ناھىيەسىدىكى چوڭقۇر ۋە تىك ماناۋگات ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ كىرگىلى بولىدۇ. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ يەر ئاستى كۆلى ئۆڭكۈر كىرىش ئېغىزىدىن باشلىنىدۇ. بۇ كۆپكۆك يەر ئاستى كۆلىنىڭ ئىككى يۈز مېتىرلىق قىسمىنى كېمىگە ئولتۇرۇپ زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ. سۇ ئۈزۈش ھەرقانچە ماھىر بولسىڭىزمۇ، سۇغا كىرىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. ناھايىتى ئۇزۇن ۋە چوڭ يەر ئاستى سىستېمىسىغا ئىگە ئۆڭكۈرنىڭ ھازىرغىچە ئىككى يېرىم كىلومېتىرلىق قىسمى بايقالدى. ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى ئۆڭكۈردىكى كۆلگە شۇڭغۇغاندىن كېيىن، ئۆڭكۈرنىڭ تاغنىڭ ئاستىغا قاراپ يەنە ئۈچ مىڭ بەش يۈز مېتىرغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

ئالتۇن بۈشۈك ئۆڭكۈرىنىڭ ئۈست قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى بەزى يەرلەردە 50 مېتىرغا يېتىدۇ. قىيا تاشلار تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار سەۋەبىدىن سېرىق رەڭگە پۈركەنگەن ئۆڭكۈر، گويا بىر يوشۇرۇن جەننەت بولۇپ، ئۇنىڭ نوكچىلىرى، ئۆزلۈكىدىن ھاسىل بولغان كۆۋرۈكلىرى، شارقىراتملىرى، بولۇپمۇ ئاپئاق ھاك چېچەكلىرى نەچچە مىليون يىلنىڭ ئىزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. بەدەن ئىسسىقلىقى تاشلارنىڭ  رەڭگىنى قارايتىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئۆڭكۈردىكى  مەزكۇر تەبئىي ئېلېمىنىتلارنى تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

ئالتۇن بۈشۈك ئۆڭكۈرى ئۈچ قەۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە پەقەت بىرىنچى قەۋەتنىلا زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ. ئۆڭكۈرنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىمۇ ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى يەر ئاستى كۆللەر بار. قىش پەسلىدە ھۆل - يېغىننىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆڭكۈر پۈتۈنلەي سۇغا تولىدۇ.

* * * * *

بەزى جايلار كىشىلەرنىڭ رېئاللىق تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويۇشى ياكى بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ خىيال بىلەن رېئاللىق بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئالتۇن بۈشۈك ئۆڭكۈرىمۇ سىز ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ھەيۋەتلىك تاشلىرى، ئەينەكتەك سۈزۈك ۋە يېشىل رەڭلىك كۆلى بىلەن تەڭداشسىز، بەلكى بىر ئاز ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان بىر يەر! بۇ ئادەتتىن تاشقىرى شەكىللەر سىزنى باشقا بىر دۇنيادا تۇرۇۋاتقاندەك ياكى چۈش دۇنياسىدىكىدەك ھېس قىلدۇرىدۇ، ئەسلىمىلەر بالىلىق ھېكايىلىرىگە ئىشىك ئاچىدۇ ۋە ئىنسان بۇ مەپتۇن قىلارلىق كەيپىياتقا غەرق بولىدۇ.

ئالتۇن بۈشۈك ئۆڭكۈرى ئالتۇن بۈشۈك مىللىي باغچىسىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات بايلىقى جەھەتتە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بۇ مىللىي باغچىدا تۈركىيەگە خاس نۇرغۇن يەرلىك جانلىقلار بار. ياۋايى ھاياتقا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان مىللىي باغچىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق قارىغاي ۋە سەدىر دەرەخزارلىقىدا چىغىرلاردىن تەركىب تاپقان تەبىئىي يۈرۈش يوللىرىمۇ بار.

* * * * *

ئىچىدە كۆللىرى، ستالاكتېت ۋە ستالاگمېتسلىرى بار يەنە بىر ئۆڭكۈر تىنازتەپە ئۆڭكۈرىدۇر. بۇ ئۆڭكۈر كونيانىڭ سەيدىشەھىر ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ساياھەتكە ئېچىۋېتىلگەن ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى. 22 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى گىدەنگەلمەز (بارسا كەلمەس) تاغلىرىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ ئۆڭكۈرنىڭ تەخمىنەن 1600 مېتىر كېلىدىغان يېرى زىيارەت قىلىشقا بولىدىغان شەكىلدە رەتكە سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن ئۇ تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن، ياۋروپانىڭ ئۈچىنچى ئۇزۇن ئۆڭكۈرىدۇر. بۇ ئۆڭكۈرنىڭ 230 مىليون يىل جەريانىدا شەكىللەنگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

فىرانسىيەلىك بىر تەتقىقاتچى تىنازتەپە ئۆڭكۈرىنى بايقاپ، تېببىي جەھەتتىن تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ ئۆڭكۈرنىڭ زىققا كېسىلىنى تەبىئىي داۋالاش مۇھىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆڭكۈرنىڭ يېرىقلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن سۇلار كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەللىكتىكى ھاك چېچەكلىرى، ستالاكتېت ۋە ستالاگمېتلارنى ھاسىل قىلغان. يەردىكى كىچىك كۆلچەكلەر ۋە ئۆڭكۈرنىڭ ئاخىرىدىكى كۆلدىن باشقا، يەنە شارقىراتمىمۇ بار. شارقىراتمىدىن چۈشكەن سۇدىن ھاسىل بولغان چوڭقۇر ئويۇقلار كىشىنى ھەم ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدىغان، ھەمدە بىر ئاز قورقۇتىدىغان ئېلېمىنىتلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

* * * * *

سەھىپىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئانادولۇ جۇغراپىيەسىدىكى بىر قىسىم داڭلىق ئۆڭكۈرلەر توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى. ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋە ھەر خىل تامچە تاشلار يىغىندىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان پىنارگۆزۈ ئۆڭكۈرى، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۆڭكۈرى، پەينىرلىكۆنۈ ئۆڭكۈرى بولسا، ئەڭ چوڭقۇر ئۆڭكۈرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىچىدە ئىنسانلار ياشىغان ئەڭ چوڭ ئۆڭكۈرى كارائىن، 500،000 يىل بۇرۇنقى ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراق ئىزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بىر – بىرىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىغان قۇرۇلمىغا ئىگە ئۈچ قەۋەتلىك ئۆڭكۈر جايلاشقان دۇپنىسا، بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن تۈركىيەدە بىردىنبىر ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ!

* * * * *

ئۆڭكۈرلەر ئەمەلىيەتتە ئىنسان قولى تەگمىگەن كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق جايلار... بىر چاغلاردا قاراڭغۇلۇق دۇنياسى دەپ قارالغان بۇ قۇرۇلمىلار بۈگۈنكى كۈندە گېئولوگىيە، بىيولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، تارىختىن بۇرۇنقى ئارخولوگىيە ۋە باشقا نۇرغۇن پەنلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەتقىقات ساھەسى. شەكىللىنىشنى نەچچە مىليون يىل جەريانىدا تاماملىغان ئۆڭكۈرلەر، جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇداتلار ۋە مىكرو جانلىقلىرى بىلەن ناھايىتى چوڭ بىر ئېكولوگىيەلىك سىستېمىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

ئۆتمۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە بولغان يەرشارىنىڭ بۇ تەبىئىي پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە ئوخشىمىغان تەجرىبىلەرنى سۇنماقتا. تەنتەربىيە، ساغلاملىق ۋە ساياھەت مەقسىتىدە كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئۆڭكۈرلەر قايتىدىن لىق تولماقتا. بەزى ئۆڭكۈرلەر ھازىرمۇ يېمەكلىك ساقلاش ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدا پاناھلىنىش رولىنى ئوينىغانلىرىمۇ، ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلگەنلىرىمۇ بار. قارىغاندا ئۆڭكۈرلەر كىشىلىك ھاياتتىكى ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر