ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە تۈركىيە
دىدەم گۈنەرى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە تۈركىيە» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.
تۈركىيەنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقلىرىگە تۇنجى قېتىم 1908 – يىلى قاتقاشقانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟
1896-يىلى باشلانغان زامانىۋى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 1906-يىلى ئاتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوتتۇرا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» گە تەنھەرىكەتچىلەرنى ئەۋەتكەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇنجى رەسمىي ئىشتىراك قىلىشى ئىككى يىلدىن كېيىن ئىشقا ئاشتى. 1908-يىلى بۈگۈنكى تۈركىيە دۆلەتلىك ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئوسمانلى مەملىكەتلىك ئولىمپىك جەمئىيىتى قۇرۇلدى ۋە تۈركىيە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە رەسمىي ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 1908-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان گىمناستىكا ماھىرى ئالەكو مۇلوس، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە تۈركىيەگە رەسمىي ۋەكىللىك قىلغان تۇنجى تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى.
تۈركىيەنىڭ ئولىمپىك تارىخىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالى 1936-يىلى بېرلىندا چېلىشىش ماھىرى ياشار ئەركان تەرىپىدىن قولغا كەلتۈرۈلدى. ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۈرك تەنھەرىكەتچىلىرى، 1936-يىلدىن باشلاپ قاتناشقان يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك دەرىجىگە ئېرىشىشكە مۇۋەپپەق بولدى. توكيو 2020 ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولسا، تۈركىيە 13 مېدال بىلەن ئەڭ كۆپ مېدالغا ئېرىشكەن مۇسابىقە بولدى.