دائېش ھۇجۇمىنىڭ 7 – يىلىدا، سىنجار

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (84)

1686172
دائېش ھۇجۇمىنىڭ 7 – يىلىدا، سىنجار

دائېش ھۇجۇمىنىڭ 7 – يىلىدا، سىنجار

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (84)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «دائېش ھۇجۇمىنىڭ 7 – يىلىدا، سىنجار» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سىنجاردا يەزىدىلەرنى رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇم نىشانى قىلغىنىغا يەتتە يىل بولدى. لېكىن رايون ھازىرمۇ تېرورلۇقنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا تۇرماقتا. بۇ قېتىم دائېش ئەمەس، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ تارماق تەشكىلاتلىرى سىنجارنىڭ بەزى رايونلىرىدا ھۆكۈم سۈرمەكتە. رايوندىكى تېرورلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبىدىن سىنجارنىڭ قايتا قۇرۇلىشى مۇمكىن بولماي كەلمەكتە. يۇرت- ماكانىدىن ئايرىلغان يۈزمىڭلارچە يەزىدىلەر ئۆز زېمىنلىرىغا قايتىپ كېلەلمەي يۈرمەكتە. گەرچە باغدات دائىرىلىرى بىلەن ئەربىل دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما پ ك ك ۋە ھادى شاببى قاتارلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

بۇنىڭدىن دەل يەتتە يىل ئىلگىرى تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقتىكى نۇرغۇن رايونلارنى ئىگىلىۋالغان ۋە تېرورلۇق قىلغان ۋاقىتتا، سىنجاردىكى يەزىدىلەر بۇ رەھىمسىز تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا رايوندا تۇرۇشلۇق پەشمەرگە قىسىملىرى قارشىلىق كۆرسەتمەي چېكىنگەن ۋە دائېش يۈزلىگەن يەزىدىلەرنى قىرغىن قىلىپ، نۇرغۇنلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ قۇل قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. كېيىن خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ رەھبەرلىكىدە، رايونغا قارىتا چوڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان ۋە  سىنجار دائېشتىن تازىلانغان بولسىمۇ، شەھەردە زور ۋەيرانچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىق مۇھىتى پەيدا بولغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن رايون پەشمەرگە قىسىملىرىدىن باشقا يەنە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىنمۇ بازا قىلىنىدىغان بىر جايغا ئايلانغان ئىدى. پەشمەرگە چېكىنگەن دەسلەپكى چاغلاردا، پ ك ك نىڭ قوراللىق قانىتى ھ پ گ رايوندا مەۋجۇتلىقىنى ساقلىغان ۋە كېيىن بىر قىسىم يەزىدى ياشلىرىنىمۇ قوراللاندۇرۇپ، ي ب ش قوشۇنىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك رايوندىكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىراق-سۈرىيە لىنىيەسىدە ئىستراتېگىيىلىك قىممەتكە ئىگە دەپ قارىغان سىنجاردا ئاپتونومىيەلىك ھاكىمىيەت شەكلىنى بەرپا قىلىش ۋە بۇ رايوننى سۈرىيەدە قۇرغان كانتونغا ئوخشاش ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىدى.

لېكىن ھەم ئەربىل دائىرىلىرى، ھەم ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بىر رايون بولغان سىنجار ئۈچۈن كۈچ تالىشىش كۈرىشى شۇنداقلا تۈركىيەنىڭمۇ پات پات ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتى ۋە بېسىمى بىلەن پ ك ك / ھ پ گ قىسىملىرى قىسمەن بولسىمۇ رايوندىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. تېرورلۇق تەشكىلاتى بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن يېڭى ھەرىكەت ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ، ئارقىسىدا  ي ب ش قىسىملىرىنى قالدۇرۇپ، رايوندىكى تەسىر كۈچىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئەمدىلىكتە بولسا، پ ك ك ۋە ئۇنىڭ تارماق تەشكىلاتلىرى سىنجاردا ھاناسىردىن سۈرىيە چېگرا لىنىيىسىگىچە بولغان رايوندا  ۋە سىنجار تېغىدا ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سىنجاردىكى مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەھدىتى ۋە دىپلوماتىك بېسىمى ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەربىل دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سىنجار سۆھبىتىگە تۈرتكە بولدى. نەتىجىدە  بارلىق قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ سىنجاردىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سىنجار كېلىشىمى» 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىمزالاندى. لېكىن مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەربىي قەدەملەر تاشلانماي كەلمەكتە. پ ك ك بولسا، ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەربىل دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنى رەت قىلىپ، ھاشدى شاببى بىلەنمۇ ماسلاشقان  ھالدا رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ي ب ش بايرىقى ئاستىدا داۋاملاشتۇرماقتا.

ئاقىۋەت تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلىقى تۈپەيلىدىن سىنجار رايونىنىڭ قايتا قۇرۇلىشى ئىشقا ئاشماي يۈزمىڭلىغان سەرگەردان يەزىدىلەر ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلەلمەي يۈرمەكتە. رايوندا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قايتىدىن ئورنىتىش ۋە يەزىدىلەر بىخەتەر ياشىيالايدىغان بىر سىنجارنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن  بارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنى رايوندىن تازىلاش تولىمۇ مۇھىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر