تۇنىستىكى سىياسىي كىرىزىس

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (83)

1682455
تۇنىستىكى سىياسىي كىرىزىس

تۇنىستىكى سىياسىي كىرىزىس

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (83)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۇنىستىكى سىياسىي كىرىزىس» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

ئەرەب باھارى ئىنقىلابىدىن قالغان بىردىنبىر دېموكراتىك دۆلەت بولغان تۇنىس چوڭقۇر كرىزىسقا دۇچار بولدى. پىرېزىدېنت سەئىد يەكشەنبە كۈنى كەچتە پارلامېنتنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى بىر ئايلىق توڭلاتقانلىقىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ ئىممۇنىتېت (چىقىلىلماسلىق) ھوقۇقىنى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، ھازىرقى باش مىنىستىر ئەل-ماششىنىڭ ئورنىغا ئۆزى تەيىنلىگەن يېڭى بىر باش مىنىستىر بىلەن ئىجرائىيە ھوقۇقىنىمۇ  ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2011-يىلى ياسىمىن ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كرىزىسنىڭ ئەسلىدە  كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقى مەلۇملۇق ئىدى. تۇنىس شەھەرلىرىدە يانۋاردىن بۇيانقى يۇقۇم، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ناچارلىشىشى، ئىشسىزلىق ۋە چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەشلەر سەۋەبىدىن نامايىشلار بولماقتا ئىدى. يەنە كېلىپ يانۋاردىن بېرى، پىرېزىدېنت سەئىد بىلەن باش مىنىستىر ئەل-ماشىشى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئىختىلاپ داۋاملاشماقتا ئىدى. چۈنكى پىرېزىدېنت سەئىد ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 مىنىستىرنىڭ تەيىنلىنىشىنى تەستىقلىمىغان ئىدى.

2019-يىلى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا پرېزىدېنتلىققا سايلانغان سەئىد قانۇن پروفېسسورى بولۇپ، سىياسەتتە سىرتتىن كەلگەن كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىياسىي پارتىيەلەرگە قارشى چىقىشى بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئۇ ۋەكىللىك خاراكتېرلىك دېموكراتىيەنى تەنقىد قىلىپ، بىۋاسىتە دېموكراتىيەگە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى قوللاش بىلەن مەشھۇرلىشىش ئالاھىدىلىكىنى بەكرەك نامايان قىلغان ئىدى. 2011-يىلدىكى ئىنقىلابتىن بۇيان پارلامېنت سىستېمىسىنىڭ مەسىلىلىرىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمايۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىدىغان ئامما بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى.

پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولغان ئەل نەھدانىڭ ئىشخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئەمدىلىكتە بولسا پىرېزىدېنت سەئىد قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنى توڭلىتىپ، بارلىق ئىجرائىيە ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى ئالقىنىغا ئېلىۋالدى. ئارمىيەنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئاشۇرغان سەئىدنىڭ تۇنىسنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىگە ھەل قىلىش چارىسى تاپالىشى تولىمۇ قىيىندەك قىلىدۇ. پىرېزىدېنت سەئىد بەلكىم 2013-يىلى مىسىردىكى سىسىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن ئىلھام ئېلىپ، پۇلنىڭ دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئويلىشىۋاتسا كېرەك. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭمۇ تۇنىستا خېلى بىر مەزگىلدىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، تۇنىس پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى بىر ھەربىي ھاكىمىيەت ھەركىتىگە دۇچ كەلگەن بولىشى مۇمكىن.

پارلامېنت باشلىقى ۋە ئەل نەھدانىڭ رەھبىرى گەننوشى سەئىدنىڭ قارارلىرىنى «ئىنقىلابقا ۋە ئاساسىي قانۇنغا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ باھالىدى شۇنداقلا تۇنىس خەلقىنى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. تۇنىسنىڭ ئون يىللىق مۇجىمەل دېموكراتىيەسى ئېغىر بىر سىناق باسقۇچىغا كىردى. پىرېزىدېنت سەئىدنىڭ سىياسەتكە قىلغان سىياسىي ئۆزگىرىشى ئەرەب دۇنياسىدىكى بىردىنبىر دېموكراتىيە دۆلىتى دەپ قارالغان تۇنىسنىڭ سىياسىي كرىزىسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىسلامچىلارنىڭ دېموكراتىيەگە ماسلاشقان تەجرىبىلىرىنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسىگە خاتىمە بېرىش  خەۋپىگىمۇ ئىگە. لىۋىيەنىڭ ھەربىي ئىسيانچى گېنېرالى ھافتەر تۇنىستىكى 25-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مەسىلىسىگە باغلاش تەرەپدارى.

يېقىنقى ئون يىلدا ئەل نەھدا بىلەن گەننوشى تەڭپۇڭ سىياسەت ئىشلەتكەن ئىدى. بەزىدە پرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسەتمەي، يەنە بەزىدە سولچى ۋە لېبرال پارتىيەلەر بىلەنمۇ ئىتتىپاقلىشىپ مۇرەسسە قىلىش يولىنى تۇتقان، ھەتتا 2016-يىلى «تۇنىستا سىياسى ئىسلامغا ئورۇن يوق» لىقىنى ۋە ئۆزلىرىنى بولسا،  «مۇسۇلمان دېموكراتچىلار» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. ئەل نەھدا ھەرىكىتىنىڭ 10-قۇرۇلتىيىدا «ئىسلامى دەۋەت» بىلەن «سىياسەت» نىڭ يەنى دىنىي تەشكىلات بىلەن پارتىيەنىڭ ئايرىلغانلىقىغا دائىر قارارىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ ئەڭ يېڭى كرىزىس تۇنىس دېموكراتىيەسىگە بولغانغا ئوخشاش ئەل نەھدا ۋە گەننوشى ئۈچۈنمۇ ئېغىر سىناق بولدى. ئەنقەرە دائىرلىرى بولسا تۇنىستىكى «ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمگە قارشى قىلىنغان سىياسىي ئۆزگىرىش» كە قارشى تۇرۇپ، دېموكراتىيەنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشنى تەلەپ قىلدى. غەرب دۆلەتلىرى يەنىلا جىمجىت. ئۇلار يەنە بىر قېتىم قىممەت قارىشلارغا (دېموكراتىيەگە) ئەمەس، بەلكى كونكرېت مەنپەئەتلىرىگە قاراشنى تاللىدى.

ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە ھەپتە تۇنىس ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تۇنىستا دېموكراتىيەدىن يېنىش رايونغا تېخىمۇ سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى بولسا، دېموكراتىيەنى قوغداش ئارقىلىق مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسىي كېلىمات بەرپا قىلىشتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر