قەدىمكى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىنىڭ بىرى - ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى دىققىتىڭلاردا...

1651229
قەدىمكى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىنىڭ بىرى - ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئۈستىدە ئۇرۇش ھارۋىسى يولى بولغان مەغرۇر بابىلنىڭ تېمىنى، ئاسما باغچىلار ۋە ئالفېئۇستىكى زېئۇس ھەيكىلىنى... ۋە غايەت زور قۇياش ھەيكىلىنى كۆردۈرم، يەنە نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىپ ياسالغان ئېگىز پىرامىدالارنى، مائۇسولوسنىڭ ھەيۋەتلىك قەبرىسىنى (كۆردۈم)، ئەمما ئارتېمىسنىڭ بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان ئۆيىنى كۆرگىنىمدە، باشقا بارلىق مۆجىزىۋى قۇرۇلۇشلار ھەيۋىتىنى يوقىتىپ قويدى، شۇ چاغدا مەن: «شۇنداق! قۇياش ئولىمپىستىن باشقا ئەزەلدىن بۇنداق شانلىق نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغان!» دېدىم.

بۇلار سىدونلىق ئانتىپادېرنىڭ سۆزلىرى. ئۇ بۇ جۈملىلەرنى دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزەنىڭ بىرى بولغان ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى توغرىسىدا ئېيتقانىدى. سىدونلۇق ئانتىپادېر قەدىمكى دەۋردىكى زىيارەت قىلغان جايلىرىدىكى ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنى «دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن ۋە كۆرۈشكە تېگىشلىك بىناكارلىق ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنىدى. گەرچە بۇ پىكىرنى تۇنجى قېتىم ھىرودوتنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، ئۇ يەتتە مۆجىزەنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇ ھەقتە ئەسەر يازمىدى. ئانتىپادېرنىڭ قەدىمكى دەۋرنىڭ ئۇ داڭلىق تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش خىزمەتلىرىگە ۋىزانتىيەلىك فىلونمۇ تۆھپە قوشقانىدى. فىلون ئىبادەتخانا ھەققىدىكى تەسىراتىنى: «مەن قەدىمكى بابىللىقلارنىڭ كۈچلۈك ھۈنەر – سەنئىتىنى ۋە مائۇسولوئۇسنىڭ قەبرىسىنى كۆردۈم. ئەمما بۇلۇتلارغا سوزۇلغان ئەفەستىكى ئىبادەتخانىنى كۆرگىنىمدە، باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كۆلەڭگىسىدە قالدى» دەپ ئىپادىلىگەنىدى.

بۈگۈن سىلەرگە ئەينى دەۋر كىشىلىرىنى ھەيران قالدۇرۇشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەن زامانىمىز كىشىلىرىمۇ ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە ھەشەمەتلىك بىر قۇرۇلۇش بولغان ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمىز!

* * * * *

قەدىمكى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسى كېئوپس پىرامىداسى، بابىلنىڭ ئاسما باغچىلىرى، زېئۇس ھەيكىلى، رودېس ھەيكىلى، ئىسكەندىرىيە ماياكى، پادىشاھ مائۇسوللوس قەبرىسى (ھالىكارناس موزولېسى) ۋە ئەفەستىكى ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى دەپ بېكىتىلىدۇ. بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ يادىكارلىقلار ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇرى، شۇنداقلا بىناكارلىق ۋە قۇرۇلۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن سەۋىيەنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلۇشلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى غايەت زور ھەجىملىك زامانغا دوئېل ئېلان قىلغان ئابىدىلەر بولغاچقا، بىز ئۇلارنى ئادەتتىن تاشقىرى قۇرۇلۇشلارنى، دەپ ئاتىماقتىمىز. ئاسمانغا تاقاشقۇدەك ئېگىز دېيىشكە بولىدىغان بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بۈيۈكلۈكى ئالدىدا ئەتراپىدىكى ئىنسان چۆمۈلىدەكلا كىچىك ۋە ئەھمىيەتسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كۆككە تاقىشىدىغان بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ مەقسىتى، پادىشاھ ياكى ئىلاھلارنىڭ يەر يۈزىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش، كىشىلەرنىڭ چارىسىزلىقىنى تەكىتلەشنى كۆزلەش بولۇشى مۇمكىن...

قەدىمكى دۇنيانىڭ مەزكۇر يەتتە مۆجىزىسى ئىچىدە پەقەت مىسىردىكى كېئوپس ئېھراملىرىلا زامانىمىزغىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، باشقىلىرى زاماننىڭ، تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە ئىنسانلار سالغان بۇزغۇنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالماي يوقىلىپ كەتكەن. قەدىمكى يازغۇچىلارنىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسەن سىزىلغان ياكى مودېللانغان بۇ ئەسەرلەرنى كۆرگىنىمىزدە، ئۆلچەملەر، نىسبەتلەر ۋە سىڭدۈرۈلگەن ئەمگەكلەردىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىساقمۇ، ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇ يادىكارلىقلار بىزگە ئىنسانلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئىلاھ ياكى پادىشاھلارنىڭ كۈچى، ئۆلۈمسىزلۈكىنى تەكىتلەيدىغان بۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلار يەنىلا ئىنسانلاردۇر!

* * * * *

ئانادولۇ قەدىمكى دەۋردە دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزەنىڭ ئىككىسىگە ساھىبخانلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرى پادىشاھ مائۇسولوس (موزولوس) نامىدا سېلىنغان ھالىكارناس مەقبەرىسى، يەنە بىرى بولسا، بۇ يەتتە مۆزىنى بېكىتىپ چىققۇچىلارنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ئارتېمىس ئىبادەتخانىسىدۇر. ئىزمىرنىڭ سەلجۇق ناھىيەسىگە جايلاشقان ئىبادەتخانىنىڭ ئۆتمۈشى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. ئىبادەتخانىغا ئائىت تۇنجى قالدۇقلارنىڭ ۋاقتى ئاخىرقى مىس دەۋرىگىچە تۇتىشىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئىبادەتخانا جايلاشقان رايون ئىلگىرىمۇ دىنغا خىزمەت قىلىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، ئەفەس پورتلىرى بىلەن ئاساسلىق سودا مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. بۇ قېتىم بۇرۇنقى مۇقەددەس جاينىڭ ئورنىغا تاش ۋە ياغاچ تۈۋرەكلەردىن تەركىپ تاپقان غايەت زور بىر ئىبادەتخانا سېلىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەفەس قەدىمكى دۇنيانىڭ مۇھىم ۋە ھەيۋەتلىك پورت شەھىرىگە ئايلىنىدۇ... تۇنجى قېتىم ئالتۇن ۋە كۈمۈش تەڭگە پۇللارنى باستۇرغان لىدىيە پادىشاھى كروئېسۇس، ئەفەسنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇرۇشتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىبادەتخانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم يوللايدۇ. يۈزدىن ئارتۇق ئاق مەرمەر تۈۋرۈكتىن تەركىب تاپقان ئىبادەتخانا، بۇرۇنقىدىن تۆت ھەسسە چوڭ قىلىپ ياسىلىدۇ. ئاقدېڭىزنىڭ سىياسىي ۋە سودا مەركىزىگە جايلاشقان ئىبادەتخانىدا نۇرغۇن ھەيكەللەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئالتۇن ۋە پىل چىشىدىن ياسالغان، شۇنداقلا ئىبادەتخانىنىڭ ئاساسىي ئامىلى ھېسابلىنىدىغان ئارتېمىس ھەيكىلىدۇر. ئەفەس ئارتېمىسى قىممەتلىك ئىلاھلارنىڭ بىرى، بەلكىم ئەڭ قىممەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ بەرىكەت، مول - ھۇسۇل ۋە بالىجانلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ... تەڭرىچەنىڭ سۈرىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ، بېشىغا ئۇزۇن ۋە لاتاپەتلىك تاج كىيگەن، كېيىك، شىر، يولۋاس ۋە ھەرىلەر بىلەن بېزەلگەن ئۇزۇن يوپكا كىيگەن، گەۋدىسى تۇخۇم شەكىللىك قاپارتمىلار بىلەن قاپلانغان، قوللىرى ئالدى تەرەپكە سوزۇلغان بىر ئايالنىڭ ھەيكىلى. ئانادولۇدىكى ئانا تەڭرىچە ئوبرازى كىبەلەگە جىسمانىي جەھەتتىن بولمىسىمۇ، مەنە جەھەتتىن ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا ئەفەس ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى يىقىپ ياكى كۆيدۈرۈپ تاشلانسىمۇ ھەر دەۋردە قايتا ئىنشا قىلىنىدۇ.

قەدىمكى دەۋرنىڭ لىدىيەلىك سەيياھى ۋە جۇغراپىيەشۇناسى پاۋسانىياس ئارتېمىسنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەيدۇ:

«بارلىق شەھەرلەر ئەفەس ئارتېمىسقا چوقۇنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن كۆرىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئۇنىڭ ئوبرازىغا قۇربان قىلىنغان ئامازونلارنىڭ داڭقى، شۇنداقلا بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ناھايىتى كونا بولغانلىقىدىندۇر. بۇنىڭغا تۆھپە قوشىدىغان باشقا ئۈچ ئامىل، ئىبادەتخانىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل بىنالىرىنى ئارقىدا قالدۇرىدىغان دەرىجىدىكى چوڭلۇقى، ئەفەس شەھىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇ يەردە ئولتۇرغان تەڭرىچەنىڭ داڭقىدۇر.»

* * * * *

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى ھەم دىنىي ھەم سودا مەركىزىگە ئايلىنىدۇ؛ ھەر يەردىن زىيارەتچىلەر كېلىپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلىدۇ، سودا – سېتىق قىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۆھرەتخومارلاردىن بىرى، مەڭگۈ ياد ئېتىلىشنىڭ، ئەسىرلەر، ھەتتا مىڭ يىللار كېيىنمۇ خاتىرىلىنىدىغان بولۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئىبادەتخانىنى سالىدۇ. ئەفەسلىكلەر بۇ ئىشتىن ئىنتايىن نارازى بولىدۇ ۋە بۇ تەلۋىنى ئەڭ ئېغىر جازا بولغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ھەتتا، ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئالغانلارنىڭمۇ ئاقىۋىتىنىڭ ئۆلۈم بولىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. خېروستراتىكنىڭ ئىسمى نېرونغا ئوخشاش تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇڭلاشقا ئارىدىن ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، نام - شۆھرەتكە ھەۋەس قىلىدىغان كىشىلەر «خېروستراتىك» دەپ ئاتىلىدۇ.

بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ئارتېمىس ئىبادەتخانىسىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىشى ئەفەسلىكلەرنى چوڭقۇر قايغۇغا سالىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، تەڭرىچەگە بولغان ئىشەنچىسى تەۋرەيدۇ. ئۇلار ھاياتى ۋە مال – مۈلۈكلىرىنى ئامانەت قىلىپ تاپشۇرغان، ھەر قانداق ئەھۋالدا سىغىنىدىغان تەڭرىچە، قانداقسىگە ئۆزىنى بۇ ئوت ئاپىتىدىن قوغدىيالمايدۇ؟! بۇنىڭ سەۋەبى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىيداشلاردىن كېيىن ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ كېچە تەڭرىچە ئارتېمىس بىر تەڭرىنىڭ — بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ تۇغۇلۇشىغا شاھىت بولۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىن ئايرىلغان بولغاچقا، بۇ ئوت ئاپىتىنى توسۇپ قالالمىغانىدى. دەرھال ئىبادەتخانىنى قايتا سېلىش خىزمەتلىرى باشلىنىدۇ؛ بۇ قېتىم بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا بىر يېرىم ھەسسە چوڭلۇقتا بىر ئىبادەتخانا سېلىنىدۇ. تارىخ بويىچە تەخمىنەن يەتتە قېتىم قايتا سېلىنغان ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى، يەنە بىر قېتىم كۈللىرى ئارىسىدىن قەد كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.

بىر قانچە ئەسىردىن كېيىن يېڭى بىر دىن بولغان خىرىستىيانلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىشقا باشلايدۇ. بۇ يېڭى دىن دەسلىپىدە ئەفەستە قارشىلىققا ئۇچرايدۇ، ئەمما ئارتېمىس ئېتىقادى ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ۋە 4 - ئەسىردە خىرىستىيان دىنى قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كونا تەڭرى ۋە تەڭرىچىلەرگە ئورۇن قالمايدۇ، ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى پۈتۈنلەي يىقىپ تاشلىنىدۇ. دەريا ئېقىتىپ كەلگەن لاي – لاتقىلار پورتنى تىندۇرىدۇ، شەھەر دېڭىزدىن يىراقلىشىدۇ، ئەفەس بۇرۇنقى شانلىق كۈنلىرىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ.

* * * * *

ئەفەس قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى ئىدى. ئۇ 200 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى ۋە بىناكارلىق بايلىقى بىلەن رىم بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. شەھەرگە ھىتىتلار، گىرىكلەر، رىملىقلار ۋە تۈركلەر ئولتۇراقلىشىدۇ، ئۇ ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە ئوخشىمىغان ئېتىقادلارغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ. ئەفەس قەدىمكى شەھىرى، قەدىمكى دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىنىڭ بىرى بولغان ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى، ئىسكەندىرىيە ۋە پېرگاموندىن كېيىن، قەدىمكى دەۋرنىڭ ئەڭ مۇھىم كۇتۇپخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان سېلكۇس (سېلسۇس) كۇتۇپخانىسى ۋە 25 مىڭ كىشىلىك چوڭ تىياتىرخانىسى بىلەن ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. خىرىستىيانلار، سانت.جوننىڭ ئىنجىلنى بۇ يەردە يازغانلىقىغا ۋە مەريەم ئانىنىڭ بۇ تۇپراقلاردا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ... ئەفەس تارىخىي، دىنىي ۋە بىناكارلىق جەھەتتە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر شەھەر.

* * * * *

بۈگۈنكى كۈندە ئارتېمىس ئىبادەتخانىسىنىڭ ئورنىدا پەقەت بىرلا مەرمەر تۈۋرۈك بار. بىر چاغلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇقەددەس ماكانى، دۇنيانىڭ يەتتە مۆجىزىسىنىڭ بىرى بولغان بۇ ئىبادەتخانا، ئۇرۇش، بۇلاڭ – تالاڭ ۋە كۆيدۈرۈلۈشلەر نەتىجىىسدە ۋەيران بولۇپ، ئارقىدىن نۇرغۇن قېتىم قايتا ياسالغان بولسىمۇ، زامانىمىزغا پەقەت بىرلا مەرمەر تۈۋرۈك يېتىپ كېلەلىدى. ئەگەر ئەفەسكە بېرىپ قالسىڭىز، ئىنساننىڭ خالىسا نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدىغان تەڭداشسىز ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئارتېمىس ئىبادەتخانىسىنى كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما تەسەۋۋرۇ كۈچىڭىزنى ئەركىن قويۇۋەتسىڭىز، ئۇ دەۋرنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنەلەيسىز، ئىبادەتخانا شاھىت بولغان دەۋرلەرگە شاھىت بولالايسىز. چۈنكى، ئەفەس قەدىمكى شەھىرى كەچۈرمىشلىرىنى بارلىق ھەيۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە سىزگە تەقدىم قىلىشقا تەيياردۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر