ۋېنگىرىيە دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا زىيارەتلىرى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 68

1622145
ۋېنگىرىيە دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتا زىيارەتلىرى

ۋېنگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

 ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، 2021-يىلى، 29-31-مارت كۈنلىرى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى. ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ ۋىكتور ئورباننى دۆلەت مۇراسىمى ئارقىلىق قارشى ئالدى. ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 10 كېلىشىم ئىمزالاندى. ئۆزبېكىستان-ۋېنگىرىيە مۇناسىۋەتلىرى ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيىگە يۈكسەلدۈرۈلدى.  بانكىچىلىق، يېزا ئىگىلىك ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ساھەلىرىدە كونكرېت قەدەملەر تاشلاندى. تۇنجى قېتىم «ئۆزبېكىستان-ۋېنگىرىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. دېبرېجېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاشكەنتتە شۆبە ئېچىشى ۋە يېزا ئىگىلىك، بىيوتېخنىكا ۋە دورىگەرلىك ساھەلىرىدە مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيەلەش نىشان قىلىنغان كېلىشىم ئىمزالاندى. شۇنى ئىزاھلاش ھاجەتكى، ۋېنگىرىيە  ھەر يىلى قازاقىستان ئۈچۈن 250،  قىرغىزىستان ئۈچۈن 150 ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئوقۇش ياردەم پۇللۇق سان ئاجراتماقتا.

2021-يىلى، 31-مارت كۈنى، ۋىكتور ئوربان، تۈرك كېڭىشىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلگەن غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى.

2021-يىلى، 6-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى پېتېر سىزجارتو، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. پېتېر سىزجارتو، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى پېتېر سىزجارتونىڭ رايون دۆلەتلىرىگە قىلغان زىيارىتى قازاقىستاندىن باشلاندى. پېتېر سىزجارتو، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تلېبېردى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ، تلېبېردى، ۋېنگىرىيەنىڭ ئېكسپورت ۋە ئىمپورت بانكا شۆبىسىنىڭ ئاستانا خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە مەركىزىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. پېتېر سىزجارتو، دۆلىتىنىڭ ياۋروئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىغا كىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى يەنە، قازاقىستاندىكى داڭلىق كارخانىچىلار بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.

پېتېر سىزجارتو، ئاخىرىدا، خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە ۋېنگىرىيە ھەققىدە يېڭى نەشر قىلىنغان كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

2021-يىلى، 7 – ئاپرېل كۈنى، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى پېتېر سىزجارتو تاجىكىستانغا يېتىپ باردى. پېتېر سىزجارتو، دۈشەنبەدە ۋېنگىرىيەنىڭ پەخرىي كونسۇلخانىسىنى ئاچتى. شۇ كۈنى، ۋېنگىرىيە-تاجىكىستان  مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

پېتېر سىزجارتو، 2021-يىلى، 8-ئاپرېل  كۈنى، تاجىكىستاندىن قىرغىزىستانغا ئۆتتى. ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ۋېنگىرىيەنىڭ بىشكەكتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ پات ئارىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ۋىزا بېرىشكە باشلايدىغانلىقى، قىرغىزىستاننىڭ بۇداپېشتتا ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 5 كېلىشىم ئىمزالاندى. كېلىشىملەر، 50 مىليون دوللارلىق مەبلەغ بىلەن قۇرۇلىدىغان قىرغىزىستان-ۋېنگىرىيە فوندىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋە ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قىلغان زىيارىتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ۋېنگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

ۋېنگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى بولغان ھەم رۇسىيە ھەم تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ياخشىدۇر. شۇ ۋەجىدىن، ۋېنگىرىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىشى مۇمكىن، دېيەلەيمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە نىسبەتەن، ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېچىلىدىغان دەرۋازا ھېسابلىنىدۇ. تۈرك كېڭىشىنىڭ بۇداپېشتتىكى ۋاكالەتخانىسىنى بۇنىڭ تۇنجى كونكرېت قەدىمى دەپ قاراشقا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر